ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە تۈركىيە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (79)

1668761
ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە تۈركىيە

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە تۈركىيە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (79)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە تۈركىيە» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** *** *********

ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئاي بويىچە ئالدىراش ئۆتكەن دىپلوماتىك پروگراممىلاردىن كېيىن، ئىيۇن ئېيىنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك يىغىن چاقىردى.

2021-يىلى ئىيۇلدىكى G-7، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى  يىغىنى ۋە ئامېرىكا-ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان مۇناسىۋەتلەر جو بايدىننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقى مەزگىلىدە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئېرىشتى. ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قالدۇرغان يامان تەسىر تېخى ئەسلىگە كەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ياۋروپا قىتئەسىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا قارىتا يېڭى بىر قىزغىنلىقنى نامايان قىلدى.

ياۋروپادا بولۇپمۇ بىخەتەرلىك ۋە تاشقى سىياسەت ساھەسىدە ۋاشىنگىتون بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئوخشىمىغان ھېسسىياتلار ماۋجۇت بولۇپ، بايدېننىڭ ھازىرغا قەدەر كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ترامپنىڭ پرېزىدېنتلىقىنىڭ سەلەبىي  تەسىرىنى يوقۇتۇشقا ۋە كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن كېيىنكى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يەتمىگەندەك قىلىدۇ. خىتاي بىلەن قانداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش، رۇسىيەگە قانداق پوزىتسىيە تۇتۇش، يۇقۇمدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قىسىم تالاش-تارتىشلىق مەسىلىلەر ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتتىكى ئىجابىي كەيپىياتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كېچىككەندەك قىلىدۇ.

تۈركىيەگە نىسبەتەن بۇ قېتىمقى رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىدا بىرەر ئىجابىي قەدەم تاشلاشقا ۋەدە بېرىلمىدى. ھەقىقەتەنمۇ باشلىقلار يىغىنىدا بىريۇسسېل بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى جانلاندۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان تۈركىيەگە نىسبەتەن بۇ ئىش چوڭقۇر كۆڭۈك يېرىملىككە سەۋەب  بولدى. تۈركىيەگە قارىتىلغان ئىجابىي كۈنتەرتىپلەرمۇ كونكرېت نەتىجە بەرمىدى. ئاتالمىش ​​«ئىجابىي كۈنتەرتىپلەرنىڭ» ئەمەلىيەتتە سەمىمىيەتسىزلىك ئىكەنلىكى ۋە پەقەت ئەنقەرەنىڭ مۇستەقىل تىرىشچانلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلگەنلىكى تۈركىيەدىكى نۇرغۇن كىشىلەرگە ئايان ئىدى.

خۇلاسە دوكلاتىدا تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك توققۇز ماددا ئورۇن ئالغان بولۇپ، بىراق بۇ ماددىلارنىڭ ھېچقايسىسىدا تۈركىيە نامزات دۆلەت دەپ تىلغا ئېلىنمىدى. تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەر تاشلانمىدى. ھەتتا تۈركىيە بىلەن بولغان دىئالوگمۇ مەلۇم شەرتلەرگە باغلانغان بولدى.

خۇلاسە دوكلاتىدا سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارغا ياردەم قىلىش تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما كۆچمەنلەر ھەمكارلىقى تۈركىيەگىلا خاس بىردىنبىر قەدەم ئەمەس، ئەلۋەتتە. قىسقىسى توققۇز ئاي داۋاملاشقان «ئىجابىي كۈنتەرتىپ» تۇرۇغلۇق تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن كونكرېت قەدەملەر تاشلانمىدى. ياۋروپانىڭ ۋەدىلىرى ئىچىدە ۋىزا ئەركىنلىكلى، تاموژنا ئىتتىپاقىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئەزا بولۇش جەريانىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش، مۇداپىئە ۋە تاشقى سىياسەتتە تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىق قاتارلىقلار ئورۇن ئالغان بولدى.

ئىجابىي كۈنتەرتىپنىڭ تىلغا ئېلىنىشى رەسمىي ئاكتىيورلاردىن باشقا يەنە، ئاممىۋىي جەمئىيەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى كۈن تەرتىپىنى قوللىغۇچىلارنى ھاياجانغا سالدى. بۇ قىسقا ياخشى ۋەزىيەت ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ داۋاملىق كېچىكتۈرۈشى سەۋەبىدىن تېزلا ئۈمىدسىزلىككە ئايلىنىشى مۇمكىن. ئەمما سەلەبىي چېگىشلىكنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىشى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك مەيدانىنى ئاجىزلاشتۇرىشى مۇمكىن. ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ تۈركىيەگە بولغان ئادالەتسىز قارارىدىن كېيىن، تۈركىيەدىكى ياۋروپاغا بولغان گۇمان ۋە تەنقىدىي ئاۋازلار تېخىمۇ كۆپ ئاساسقا ئىگە بولىىشى تۇرغانلا گەپ.

تۈركىيەدىكى رەسمىي مەيدان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك «ئىجابىي كۈنتەتىپى» «سەمىمىيەتسىز» دېگەن تونۇشتا. بۇ تۈركىيە-ياۋروپا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ھەمكارلىق پوزىتسىيەسىنى ئالتە ئاي ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ خىرىسقا دۇچار قىلىدۇ.

بۇ خىل سەمىمىيەتسىزلىكتىن مەنپەئەتكە ئىگە بولىدىغىنى، ياۋروپادىكى تۈركئوفوبى (تۈكلەرنى يامان كۆرۈش ئېقىمى) چەمبىرى ۋە تۈركىيەدە كېڭىيىۋاتقان ياۋروپا گۇمانخورلىقى بولىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى كېچىكتۈرۈشنىڭ باھانىسى سۈپىتىدە قىبرىس ۋە رۇم تەرەپ قىبرىسلىقلارنىڭ داۋالىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇشىنى توختىتىشى لازىم. بۇ ۋەجىدىن «ئىجابىي كۈنتەرتىپ» نىڭ ئىشەنچلىكلىكى خەتەر ئاستىدا تۇرماقتا. ئەگەر بۇ سەمىمىيەتسىز رەسمىي پوزىتسىيە داۋاملىشىدىغان بولسا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن تۈركىيە خەلقى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان قىزىقىشى ۋە قىزغىنلىقىنى يوقىتىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر