ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر
پەرۋەردىگارىڭلار، سىلەرنى پەزلىنى (يەنى پەزلىدىن بولغان رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىسرا سۈرىسى، 61 – 69 - ئايەتلەر. ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار!» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى. ئىبلىس: «سەن لايدىن ياراتقانغا سەجدە قىلامدىمەن؟» دېدى[61]. ئىبلىس: «ماڭا ئېيتىپ بەرگىنە، سەن مەندىن ئۈستۈن قىلغان ئادەم مۇشۇمۇ؟ ئەگەر ماڭا قىيامەتكىچە مۆھلەت بېرىدىغان بولساڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىنى (ئازدۇرۇپ) تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتۇۋېتىمەن (يەنى ئۇلارنى خالىغانچە يېتىلەيمەن)» دېدى[62]. ئاللاھ (ئىبلىسقا) ئېيتتى: «بارغىن (ساڭا مۆھلەت بەردىم)، ئۇلاردىن (يەنى ئادەم بالىلىرىدىن) كىمكى ساڭا ئەگىشىدىكەن، (جەھەننەم ساڭا ۋە ئۇلارغا) بېرىلگەن تولۇق جازادۇر[63]. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن قوزغىتالايدىغانلىكى ئادىمىڭنى ئاۋازىڭ بىلەن (يەنى گۇناھقا چاقىرىشىڭ بىلەن) قوزغاتقىن، ئاتلىق ۋە پىيادە قوشۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغىن، ئۇلارنىڭ ماللىرىغا ۋە بالىلىرىغا شېرىك بولغىن، ئۇلارغا (يالغان) ۋەدىلەرنى بەرگىن ـ شەيتاننىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسى پەقەت ئالدامچىلىقتۇر[64]. شۈبھىسىزكى، مېنىڭ (ئىخلاسمەن) بەندىلىرىم ئۈستىدىن سەن ھۆكۈمرانلىق قىلالمايسەن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھامىي بولۇشقا يېتەرلىكتۇر»[65]. پەرۋەردىگارىڭلار، سىلەرنى پەزلىنى (يەنى پەزلىدىن بولغان رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر[66]. سىلەر دېڭىزدا بىرەر ئاپەتكە يولۇققان چېغىڭلاردا، ئېسىڭلارغا سىلەر چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلار كەلمەي، پەقەت ئاللاھلا كېلىدۇ (يەنى ئىنسان مۇنداق چاغدا ئاللاھتىن باشقىغا ئىلتىجا قىلمايدۇ)، ئاللاھ سىلەرنى (غەرق بولۇشتىن) قۇتقۇزۇپ، (ئامان ـ ئېسەن) قۇرۇقلۇققا چىقارغاندا يۈز ئۆرۈيسىلەر (يەنى ئىخلاسىڭلار تۈگەپ ئاۋۋالقى ھالىتىڭلارغا قايتىۋالىسىلەر). ئىنسان كۇفرىلىق قىلغۇچىدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ئىنساننىڭ تەبىئىتىدۇر)[67]. (دېڭىزدا غەرق بولۇپ كېتىشتىن قۇتۇلغىنىڭلار بىلەن) ئاللاھنىڭ سىلەرنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىشىدىن، ياكى سىلەرگە ئاسماندىن تاش ياغدۇرۇپ ھالاك قىلىشىدىن، ئاندىن سىلەرنى (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدىغان) ھېچ ھامىي تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟[68] ياكى ئاللاھنىڭ سىلەرنى دېڭىزدا قايتا قاتناتقۇزۇپ (دېڭىزدىكى چېغىڭلاردا) قارا بوران چىقىرىپ، كۈفرىلىق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن، ئاندىن سىلەرگە بىزدىن ئۆچ ئېلىپ بېرىدىغان ھېچ ئەھدى تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟[69]