19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «19 - ماي» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1640784
19 - ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

ئاتاتۈركنىڭ 1919 – يىلى ئانادولۇدىكى مىللىي كۈرەشنى باشلاش ئۈچۈن قەدەم باسقان كۈنى بولغان 19 – ماينى «تۇغۇلغان كۈنۈم» دەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈرك مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشى باشلانغان كۈن دەپ قارىلىدىغان 1919 – يىلى 19 – ماي، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۇتىشىدىغان يولنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. ۋەتىنى ۋە خەلقىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، خەلقىنىڭ قايتىدىن تۇغۇلۇشىغا سىمۋوللۇق قىلىدىغان بۇ مۇھىم كۈننى ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى قىلىپ تاللىدى.

1936 – يىلى ئەنگلىيە پادىشاھىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، ئەنگلىيەنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رەسمىي مەكتۇپ يوللاپ، جۇمھۇر رەئىس ئاتاتۈركنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشىنى ئۈتۈنىدۇ. ئەمما، ئاتاتۈرك دۇنياغا كەلگەندە ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تىزىمغا ئېلىنمىغانىدى. شۇڭا ئاتاتۈرك، تۈرك خەلقىنىڭ قايتىدىن ئاپىرىدە بولۇشى دەپ قارىغان 19 – ماينى ئۆزىنىڭ «تۇغۇلغان كۈنى» قىلىپ تاللايدۇ. شۇ يىلى ئەنگلىيە پادىشاھىمۇ 19 – مايدا ئاتاتۈرككە «تۇغۇلغان كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللايدۇ.

1928 – يىلى تۇنجى قېتىملىقى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «گىمناستىكا پائالىيەتلىرى» 1936 – يىلى 19 – مايغا توغرىلىنىدۇ ۋە «ياشلار بايرىمى» خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ. 1938 – يىلى مىللىي بايرام دەپ ئېلان قىلىنغان ۋە ھەر يىلى تەبرىكلىنىشكە باشلانغان 19 – مايغا 1981  - يىلىدىن تارتىپ «ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى» دەپ نام بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر