ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى

ياۋروئاسىياغا نەزەر - 72

1639818
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى 

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ

 2021-يىلى، 27 – ئاپرېل كۈنى، تاجىكىستاننىڭ پايتەختى دۈشەنبەدە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئافغانىستاننىڭ كېلەچىكى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىن ئاخىرىدا، كوللىكتىپ تېز ئىنكاس قايتۇرۇش كۈچلىرىنى زامانىۋى قورال – ياراغلار، ھەربىي ۋە ئالاھىدە ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەش پىلانى تەستىقلاندى.

يىغىن دائىرىسىدە،  شۇ كۈنى، دۈشەنبەدە رۇسىيە بىلەن تاجىكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا، تاجىكىستاندا ئورتاق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى (S-300) نى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاندى. تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيەنىڭ تاجىكىستاندا تۇرۇشلۇق 201-ھەربىي بازىسى ئىشلەتكەن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، بۇنىڭدىن كېيىن تاجىكىستان تەرەپ بىلەن ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ.

2021-يىلى، 28-ئاپرېل كۈنى، دۈشەنبەدە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى باش كاتىپلىرى يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئېلىپ بارىدىغان ئورتاق پائالىيەتلىرى بېكىتىلدى. دۈشەنبەدە بۇ ئىستىراتېگىيەلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەردىن قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان چېگراسىدا، تاجىكىستان ئەسكەرلىرى قىرغىزىستاننىڭ 11 يېزىسىغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلدى. ئۇدا 2 كۈن داۋاملاشقان ۋە 34 قىرغىزىستان پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بۇ ھۇجۇم، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ ئىناۋىتىگە كۆلەڭگە چۈشۈردى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ، 2021-يىلى، 27-ئاپرېل كۈنى، دۈشەنبەدىن بۇخاراغا كەلدى. 28 – ئاپرېل كۈنى، رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقلىرى ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىم  2021-2025-يىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربىي ساھەدە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالاندى. ئۆزبېكىستان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى رۇسىيەدىن  ئېتىبار باھادا ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەردىن سېتىۋالىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 2021 – يىلى، 11 – سېنتەبىرگىچە ئافغانىستاندىن ئەسكەرلىرىنى تامامەن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىشىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرلىرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەھكەملەشنى پىلانلىماقتا. ئۆزبېكىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن تۇنجى قېتىم دۆلەت مۇداپىئەسى ھەمكارلىق كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالىشى، تاجىكىستاننىڭ ھاۋا ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى رۇسلارغا ھاۋالە قىلىشى، بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە. رۇسىيەمۇ تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستاننى ياۋروئاسىيا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسىگە داخىل قىلىش، ئافغانىستاندىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋنى چېگرالىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن يېڭى كېلىشىملەرنى ئىمزالىماقتا.

ئالدىنقى يىللاردا، تاجىكىستاندا ھەربىي بازا قۇرغانلىقى ئاشكارلانغان خىتاينىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئافغانىستاندىن چېكىندۈرۈشىدىن كېيىن، بۇ ساھەدە رايوندا تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇش ۋە ئافغانىستاندا ئۆزىنىڭ ھەربىي بازىسىنى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. خىتاي باشچىلىقىدىكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يېڭى ئىستراتېگىيە بەلگىلەش مەجبۇرىيىتى بار.

ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان تۈركىيە، بۇ ساھەدە ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن قويۇق ھەمكارلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ دائىرىدە، تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى تەرىپىدىن تەمىنلىنىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. قازاقىستان ئىلگىرى تۈرك برونېۋىكلىرىنى سىناق قىلغانىدى. ئاسەلسان قازاقىستاندىن كېيىن ئۆزبېكىستاندىمۇ زاۋۇت ئېچىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر