ئامېرىكادىكى تۇنجى ئاتاتۈرك ھەيكىلى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئامېرىكادىكى تۇنجى ئاتاتۈرك ھەيكىلى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1620124
ئامېرىكادىكى تۇنجى ئاتاتۈرك ھەيكىلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاممىغا ئوچۇق جايغا تىكلەنگەن تۇنجى ئاتاتۈرك ھەيكىلىنىڭ پايتەخت ۋاشىنگتوندا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

2013- يىلى 11- ئاينىڭ 10- كۈنى، مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئامېرىكانىڭ ئاممىغا ئوچۇق بىر يېرىگە قويۇلغان تۇنجى ئاتاتۈرك ھەيكىلىنىڭ يۇپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ۋاشىنگىتوندىكى ئەڭ مۇھىم مەيدانلارنىڭ بىرى بولغان شېرىدان سېركېلدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇزۇن ۋە جاپالىق ئىجازەت ئېلىش جەريانىدىن كېيىن ئامېرىكادىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسى ۋە ئامېرىكا ئاتاتۈرك جەمئىيىتى ھەيكەل لايىھەلەش مۇسابىقىسى تەشكىللەيدۇ. مۇسابىقىدە ھەيكەلتىراش جېفرېي خال چېمپىيون بولۇپ تاللىنىدۇ. ئاتاتۈرك توغرىسىدا كۆپ نەرسە بىلمەيدىغان جېفرېي خال ئاتاتۈركنىڭ ئومۇمىي پوزىتسىيەسى ۋە ھەرىكىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نەچچە يۈز پارچە سۈرەت، ھەتتا كونا كىنولارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئاتاتۈركنىڭ ھەيۋەتلىك قامىتى، قىياپىتى ۋە ھەرىكىتىگە مەھلىيا بولۇپ قالىدۇ. 6 ئاي تەييارلىق قىلىش نەتىجىسىدە لايىھەلەنگەن بۇ ھەيكەل، قولىدا كىتاب تۇتۇۋاتقان ئاتاتۈركنىڭ 40 ياشتىن ئاشقان چاغلاردىكى ئوبرازىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ ھەيكەل ئاتاتۈركنىڭ ئومۇمىي رەھبەرلىك رولىنى تەكىتلەيدۇ. قولىدىكى كىتابقا «نۇتۇق» دېگەن خەت يېزىلىدۇ.

ۋاشىنگىتون D.C نىڭ ئەلچىخانا روۋ مەھەللىسىگە جايلاشقان تۈركىيە ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى ئاممىۋى ئورۇنغا قويۇلغان ئاتاتۈرك ھەيكىلى، تەخمىنەن 75 ئەتراپىدىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانا ۋە ئەلچىخانا تۇرالغۇلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ جەلپكار ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ بىرىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر