كادەش ئۇرۇشى ۋە كادەش تىنچلىق شەرتنامىسى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانى...

1607716
كادەش ئۇرۇشى ۋە كادەش تىنچلىق شەرتنامىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەجدادلىرىمىز ئۇرۇش قىلىشنى تۇنجى قېتىم قاچان باشلىغان؟... بۇ ئىنسانشۇناسلار ۋە تارىخچىلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان ۋە ھازىرغىچە جاۋابى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بىر سوئال. تارىختىن بۇرۇنقى چاغلارغا دائىر بۇ تېما ھەققىدە دېگەندەك كۆپ پاكىت يوق. ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراق تۇرمۇشقا قەدەم بېسىپ توپلىشىپ ياشاشنى باشلىشى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇشلارنىڭ باشلانغانلىقى مەلۇم. ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا تېپىلغان قوراللار ۋە ئىسكىلىتلەردىكى يارىلىنىش شەكىللىرى ئىنسانلارنىڭ يېڭى تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپلا ئۆزئارا ئۇرۇشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەمما، ئۇ دەۋرلەردە قوشۇن تەشكىللىگۈدەك كۆپ نوپۇسنىڭ يوقلۇقىمۇ بىر ئەمەلىيەت.

كىشىلەر دەسلەپتە مۇنبەت يەرلەرنى قوغداش ياكى ئىگىلىۋېلىش، كېيىنچە قىممەتلىك بايلىقلارغا ئىگە بولۇش، مەملىكەتلىرىنىڭ چېگراسىنى كېڭەيتىش ياكى ئۇلار تۇرۇشلۇق جايلىرىنى قوغداش قاتارلىق ئوخشىمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇرۇش قىلىشقا باشلىدى. قەدىمكى دەۋرلەردە توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشنى ھەممە نەرسىنىڭ ئاتىسى دەپ قارايدىغان ياكى ئۇرۇشنىڭ دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان مۇتەپەككۇرلار بار ئىدى. بەزى ئۇرۇشلار ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز ۋەقەلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى، تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئەسلىمىسىگە ئايلاندى. سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنە شۇ ئۇرۇشلارنىڭ بىرى — كادەش ئۇرۇشى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز. ئەمەلىيەتتە پەقەت ئۇرۇش توغرىسىدىلا ئەمەس، ئۇرۇشتىن كېيىن ھاسىل قىلىنغان كادەش تىنچلىق شەرتنامىسى توغرىسىدىمۇ توختىلىمىز. چۈنكى، كادەش ئۇرۇشىنى ئۇنتۇلغۇسىز ھالەتكە كەلتۈرگىنى كادەش تىنچلىق شەرنامىسىدۇر؛ ئەگەر شەرتنامە ئىمزالانمىغان بولسا ئىدى، بەلكى ئۇ پەقەت مۇھىم ئۇرۇشلارنىڭ بىرى سۈپىتىدىلا بايان قىلىنغان بولاتتى.

* * * * *

كادەش ھەم مۇھىم سودا مەركىزى ھەمدە زېمىنى مۇنبەت، بايلىقى مول بىر جاي بولغاچقا، ھەر دائىم كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى يولغا قويغان دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇراتتى. كادەش تارىخىي مۇساپە جەريانىدا كۆپ قېتىم مىسىر بىلەن ھىتىت ئارىسىدا قول ئالماشتۇردى. باشقىچە ئېيتقاندا، بۇ ئىككى دۆلەت ئەزەلدىن ئۇ تۇپراقلارنى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇشنى ئويلاپ كەلدى؛ ھىتىتلار كۈنسېرى كۈچىيىپ، سودا لىنىيەسى بويىدىكى مۇھىم جايلارنى تىزگىنلەشنى ئويلىدى، مىسىرنىڭ پىلانى بولسا، ئانادولۇ زېمىنىدىكى مول بايلىقلارنى قولغا كىرگۈزۈش ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇرۇش مۇقەررەرلىككە ئايلاندى. ئەينى دەۋرنىڭ ئىككى چوڭ ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچى كادەشتە ئۇرۇش قىلدى. كادەش ئۇرۇشى تارىختىكى ئەڭ چوڭ قوشۇن ۋە تارىختىكى ئەڭ كۆپ ھارۋا ئىشلىتىلگەن ئۇرۇش سۈپىتىدە تارىختىكى ئورنىنى ئالدى. ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندا، ھەر ئىككى دۆلەت ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەسىرلەر ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، قوشۇنلارنىڭ قۇرۇلمىسى، كۆلىمى، ئۈسكۈنىلەر ۋە ئاخباراتنىڭ ئەھمىيىتى دېگەندەك نۇرغۇن تېمىلار بويىچە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى ۋەكادەش ئۇرۇشى ھەربىي مەكتەپلەردە دەرس سۈپىتىدە ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. ئۇرۇشنىڭ ئۆزى ئەلۋەتتە مۇھىم ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاشۇرغان ھەقىقىي ئامىل ئۇرۇشتىن كېيىن تۈزۈلگەن تىنچلىق شەرتنامىسى ئىدى. كادەش شەرتنامىسى ھەم تارىختىكى تۇنجى يازما شەرتنامە، ھەم باراۋەرلىك پرىنسىپىنى ئاساس قىلغان تۇنجى شەرتنامە ھەمدە تۇنجى تىنچلىق شەرتنامىسى، دەپ قارىلىدۇ. بۇ شەرتنامە بىلەن، ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى دۆلەتنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقى، ئۇرۇشتا تۇتۇلغان ئەسكەرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى قارار قىلىندى، شۇنداقلا ھەر ئىككى دۆلەت ئۆز زېمىنلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا ئۆزئارا ۋەدە بەردى.

بۇ شەرتنامە مىخ يېزىقى بىلەن شۇ دەۋرنىڭ دىپلوماتىك تىلى بولغان ئاككادىيان تىلىدا يېزىلغان. كېيىنچە ھىتىت ۋە مىسىر تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئەسلى تېكىستلەر يوقاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ مىسىردىكى ئىبادەتخانا تامىلىرىغا ئويۇلغان بىر نۇسخىسى دەۋرىمىزگە كەلگەندە تېپىلدى. يەنە بىر كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى 1906 - يىلى خاتتۇشادا، يەنى ئەينى ۋاقىتتىكى ھىتىتلارنىڭ پايتەختى بولغان چورۇم بوغازكويدىكى ئارخولوگىيەلىك قېزىش — تەكشۈرۈش جەريانىدا تېپىلدى. ب د ت پەن، مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتى - يۇنېسكونىڭ دۇنيا يادىكارلىقلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مەزكۇر شەرتنامە يېزىلغان لاي تاختايلار بۈگۈن ئىستانبۇل ئارخولوگىيە مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. تىنچلىقنى ھىمايە قىلىش، ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ئاساسىدا شەكىللەنگەن «كادەش شەرتنامىسى» نىڭ ماددىلىرى بۈگۈنكى خەلقئارا تىنچلىق شەرتنامىلىرى ۋە زامانىۋى دىپلوماتىيەنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلماقتا. شۇڭلاشقا، بۇ تاختاينىڭ چوڭايتىلغان نۇسخىسى نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىناسىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندۇر.

* * * * *

ئۆز دەۋرىنىڭ ئىككى چوڭ ھەربىي ۋە سىياسىي كۈچى بولغان ھىتىت  ۋە مىسىر دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بۇ كېلىشىم تېكىستى تارىختىكى تۇنجى يازما شەرتنامە بولۇپلا قالماي، يەنە بىر ئايالنىڭ تامغىسى بېسىلغان تۇنجى يازما شەرتنامە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، شەرتنامىدە ھىتىت پادىشاھىنىڭ تامغىسىنىڭ يېنىدا خانىشنىڭ تامغىسىمۇ بار. تارسۇسنىڭ گۆزلۈكۈلە خارابىلىكىدىن قېزىۋېلىنغان خانىشنىڭ مۆھۈر ئۈزىكى بۈگۈن ئادانا مۇزېيىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. شەرتنامىگە تامغىسىنى باسقان خانىش پۇدۇخېپا، ھىتىت ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم ھۆكۈمرانلارنىڭ بىرىنىڭ ئايالى دەپ قارىلىدۇ. خانىش كادەش ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا خەت – ئالاقە تورى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر، لاي تاختايغا يېزىلغان بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، خانىش پۇدۇخېپانىڭ دىپلوماتىيەدىن ناھايىتى ياخشى پايدىلانغانلىقىنى، شۇڭا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا دۈشمەنلىشىشتىن قېرىنداش دۆلەت بولۇشقا يۈزلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

* * * * *

   ھىتىتلار ئانادولۇنىڭ بەش مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەدەنىيىتى بولۇپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەتلەرنىڭمۇ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەپسانىلىرى، تىلى، دىنى، سىياسىتى ۋە سودىسىغا زور تەسىر كۆرسىتىپ، قانۇن ۋە دۆلەت تەشكىلاتى قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە باشلامچىغا ئايلىنىدۇ. ھىتىتلار كانلارنى ئېچىپ، ئەلا سۈپەتلىك تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنى چىقىرىپ، ئۇلاردىن قورال تېخنىكىسىدا پايدىلىنىدۇ؛ بۇنىڭ سايىسىدا كۈچلۈك قوشۇنلارنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاقدېڭىزنىڭ سودا يولىنى كونترول قىلىپ، ئانادولۇدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ. ئانادولۇنىڭ ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ھىتىتلار، ئاياللار ھوقۇقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، قانۇنلۇق ئىجتىمائىي تەرتىپنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. ھەيۋەتلىك شەھەرلەرنى قۇرۇپ، ئابىدە خاراكتېرلىك سەنئەت ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

ھىتىتلار نۇرغۇن ساھەلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلغان بىر مەدەنىيەت بولۇپ، تۇنجى تەشكىللىك دۆلەت قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلغانلارمۇ، قانۇن ساھەسىدە زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلارمۇ، تارىختىكى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تۇنجى مەجلىس (ھازىرقى پارلامېنتقا ئوخشاش ئورگان)نى قۇرغانلارمۇ ھىتىتلاردۇر. ئۇلار بابىل پادىشاھى ھامۇرابىنىڭ «قىساسقا قىساس، قانغا قان قانۇنىنىڭ ئورنىغا تۆلەم قانۇنىنى يولغا قويىدۇ. ئۇلارنىڭ زامانىمىزدىن تەخمىنەن 3500 يىل ئىلگىرى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان تۆلەم قانۇنى چۈشەنچىسى، بۈگۈنكى قانۇ چۈشەنچىسىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

پايتەختلىرى خاتتۇشادا «پانكۇ»— باشقا بىر قىسىم مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا «پانكۇش»تا — بىر مەجلىس قۇرغان ھىتىتلار، بۇ ئارقىلىق دېموكراتىك ھاكىمىيەتنىڭ ئۇلىنى سالىدۇ. «ئىمپېرىيە كېڭىشى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «پانكۇ» پادىشاھقا مەسلىھەت بېرىدىغان ئالىيجانابلار كېڭىشىدۇر. گەرچە دۆلەتنى خان جەمەتىدىن سايلانغان كىشىلەر باشقۇرىدىغان بولسىمۇ، «ئىمپېرىيە كېڭىشى» دە ماقۇللانغان قارارلار، ئەزالارنىڭ ئاۋازىغا قويۇلاتتى، باراۋەر ھوقۇققا ئىگە ئەزالار پىكىرلىرىنى ھېچقانداق بىر تەرەپنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالماستىن ئوتتۇرىغا قوياتتى ۋە كېڭەش پادىشاھنى نازارەت قىلاتتى. بەلكىم بۇ تېمىغا قىزىقىدىغانلارنىڭ ئەقلىگە، بۇ سىستېمىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيەدىكى پادىشاھنىڭ سالاھىيىتىنى نازارەت قىلىدىغان، زۆرۈر تېپىلسا چەكلەيدىغان ماگنا كارتانىڭ تۇنجى نۇسخىسى كېلىشى مۇمكىن؛ دېمەك، بۇ سىستېما، ماگنا كارتادىن 2700 يىل بۇرۇن ئانادولۇدا يولغا قويۇلغانىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، ھىتىتلار ئەنگلىيە، ئىسپانىيە، ياپونىيە ۋە باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت شەكلى بولغان «پارلامېنتلىق پادىشاھلىق تۈزۈمى» نىڭ ئۇلىنى قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر