سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ 10 – يىلىدا

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (64)

1604394
سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ 10 – يىلىدا

سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ 10 – يىلىدا

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (64)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ 10 – يىلىدا» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** *** *********

سۈرىيەدىكى ئون يىللىق ئىچكى ئۇرۇش تېخىچەھەل بولغىنى يوق. يۈز مىڭلىغان سۈرىيەلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە تەخمىنەن 7 مىليون كىشى يۇرت - ماكانىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان بىر پاجىئە پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. 2011-يىلى مارتتا باشلانغان نامايىشلارغا خەلقنى جازالاش خاراكتېرلىك زوراۋانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرغان بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھازىرغىچە مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتالىق خەلقئارا تەشكىلاتلار شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئاكتىيورلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەتراپلىق ھەل قىلىش چارىسى تاپالماي يۈرمەكتە. رۇسىيە، ئىران قاتارلىق ئاكتىيورلارمۇ مەسىلىنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.  

سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغاندىن ئاشۇرۇپ خىزمەت قىلغان دۆلەت بولسا، ھېچ شۈبھىسىزكى تۈركىيەدۇر. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق قايتىدىن مودا بولغان» شۇ كۈنلەردە، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىغا غەربنى ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلىپ بىر ماقالە ئېلان قىلدى. تۈركىيەنىڭ مىليونلىغان پاناھلانغۇچىغا قۇچاق ئاچقانلىقىنى، دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا  قارشى ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سالغان تۈنجى دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە تېرورلۇقتىن تازىلانغان جايلاردا يەرلىك كۈچلەر بىلەن بىرلىكتە بىخەتەر رايونلارنى بەرپا قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا، ئۆتكەن ئون يىلدا بۇ مەسىلە ئۈچۈن ھېچقانداق ھەل قىلىش چارىسى تاپالمىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، سۈرىيە كرىزىسىغا نىسبەتەن يېڭى بىر سىياسەتنىڭ كويىدا ئىكەنلىكى مەلۇم. دېموكراتچى بايدىن ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن سۈرىيە «دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق» شوئارلىرىنى سىناق قىلىدىغان بىر ساھە سۈپىتىدە كۆرۈلمەكتە. ئەردوغاننىڭ يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يوللىغان ئۇچۇرى ناھايىتى ئېنىق «بايدىن ھۆكۈمىتى سايلام سەپەرۋەرلىكى مەزگىلىدە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، سۈرىيەدىكى پاجىئەلەرگە خاتىمە بېرىش ۋە دېموكراتىيەنى قوغداش ئۈچۈن بىز بىلەن ھەمكارلىشىشى لازىم».

ئەگەر بايدىن ھۆكۈمىتى ئىنسانپەرۋەرلىك يارەم مەسىلىسگە ئازراق ئەھمىيەت بەرگەندەك قىلىپ قويۇپ، تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە قولى ي پ گ غا ياردەم قىلىش ئارقىلىق سۈرىيە دېلوسىنى كېچىكتۈرىدىغان بولسا، ئوبامانىڭ خاتالىقىنى تەكرارلىغان بولىدۇ خالاس.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ چاقىرىقى پەقەت ئامېرىكا بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. ماقالىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى يىغىنىدىن ئىلگىرىگە توغرىلاپ ئېلان قىلىنىشى بۇ نۇقتىدىن تولىمۇ مۇھىم. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سۈرىيە سىياسىتىنىڭ زادى قانداق پوزىتسىيەنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغانلىقى ئېنىقسىزلىقلارغا تولغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىكنى ئاساس قىلغان سۈرىيە سىياسىتى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئاشقۇن ئوڭچى پارتىيەلەر ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان بولاتتى.

غەرب رەھبەرلىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بىخەتەر رايونلارغا ي پ گ تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇملارغىمۇ ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغىمۇ بىرلىكتە قارشى چىقىشى كېرەك. ي پ گ بىخەتەر رايونلارغا جەمئىي 224 قېتىم ھۇجۇم قىلدى. بۇلارنىڭ 64 ى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى، 64 ى يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋىلىنغان بومبىلار بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم، 51 ى  قوراللىق ھۇجۇم، 19 ى مىناميوت ۋە 9 ى راكېتامىيوت ھۇجۇمى بولدى.

 

تۈركىيەنىڭ كونتروللۇقىدىكى بىخەتەر رايونلاردا ۋە ئىدلىبتا 4-5 مىليون سۈرىيە خەلقى ياشىماقتا. تۈركىيەدىكى 4 مىليون پاناھلانغۇچىنى بۇنىڭغا قوشقاندا سۈرىيە نوپۇسىنىڭ يېرىمى تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە پاناھلىق بىلەن تەمىنلىشى  ئاستىدا تۇرماقتا. بۇ رېئاللىقمۇ ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەر رايونلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىشى لازىملىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. سۈرىيە تەڭلىمىسىدە تۈركىيەنىڭ تېخىمۇ تەسىرى كۈچلۈك ھالغا كېلىشى غەرب دۆلەتلىرىگە پايدىلىق. ھامان بىر كۈنى يوقىلىدىغان ي پ گ ئارقىلىق سۈرىيىدىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ قالالىشى مۇمكىن ئەمەس.

سۈرىيە كىرىزىسىنىڭ 10 – يىلى ئاخىرىلىشىش ئالدىدا تۇرغان ھازىرقى ۋىزىيەتتىمۇ  غەرپ دۆلەتلىرىنىڭ بۇ كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوچۇق بىر يول خەرىتىسى يوق. ۋەھالەنكى 21-ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ پاجىئەسى بولغان سۈرىيە كرىزىسى ھەل قىلىنماي تۇرۇپ، رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر