تۈركىيە-ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى

ياۋروئاسىياغا نەزەر- 53

1554969
تۈركىيە-ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى

تۆۋەندە، «ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە-ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىياتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

دېكابىرنىڭ ئاخىرقى ئىككى ھەپتىسى تۈركىيە-ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىجەھەتتىن مول نەتىجىلىك بولدى. ئومۇمەن، 2020-يىلى، تۈركىيە-ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىجەھەتتىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر يىل بولدى. ئالدى بىلەن، ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە قىسقىچە نەزەر تاشلاپ چىقايلى:

2020 يىلى، 14 دېكابىر كۈنى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ئىسمائىل دەمىر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولدى. زىيارەتدائىرىسىدە، ئۇكرائىنادۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىبىلەنتۈركىيەدۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ئورگىنى ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاندى. كېلىشىمنىڭ كونكرېت نەتىجىسى سۈپىتىدە، 21 دېكابىر كۈنى، تۈركىيەبىلەنئۇكرائىنانىڭ كىچىك تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئۇكرائىنانىڭ نىكولايېۋ شەھىرىگە جايلاشقان ئوكيان كېمىسازلىق زاۋۇتىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

2020-يىلى، 18 دېكابىر كۈنى كىيېۋدا، تۈركىيە- ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئىشتىراك قىلشىدا، «ئىككى قوشۇلغان ئىككى» فورماتسىيەلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن ئاخىرىدا قوشما باياننامە ئېلان قىلىندى. باياننامىدە، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىق ساھەلىرىنى كېڭەيتىشنىڭ ئورتاق نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. زىيارەت دائىرىسىدە،  تۈركىيە مىنىستىرلىرىئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكى، باش مىنىستىرى دېنىس شىمىگال تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى،ھەمدە  بۇ دۆلەتتىكى تۈرك دىئاسپوراسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى.

شۇ كۈنى، تۈركىيەتاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئۇكرائىنا باش ئەلچىلەر كونفېرانسىنىڭ شەرەپ مېھمىنى بولدى. كونفېرانستا، چاۋۇشوغلۇغا، ئۇكرائىنا ساخاۋەتچىلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن «ياخشىلىق پەرىشتىسى» مۇكاپاتى بېرىلدى. ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرى دىمترو كۇبېلا، تۈركىيەبىلەن 2020 يىلى مۇكەممەل ھەمكارلىقئورناتقانلىقلىرىنى، بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

2020 يىلى، 25 دېكابىر كۈنى، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنىسكىنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا، زاپوروجيا شەھىرىدە  ئونۇر گورۇھىنىڭ 8 ئاي ئىچىدە تاماملىغان كۆۋرۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. شۇنداق قىلىپ، تۈركىيە شىركىتى ئۇدا 55 يىلدىن بۇيان  قۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان كۆۋرۈكنى خىزمەتكە كىرىشتۈرگەن بولدى.

شۇ كۈنى، كىيېۋدا مەشھۇر ئالىم ئاگاتانگېل قىرىمسكىينىڭ ئىلمىي تەتقىقاتلىرى مۇجەسسەملەنگەن «دۆلەت قۇرۇشنىڭ شەرق ئەنئەنىسى» ناملىق كىتابى تونۇشتۇرۇلدى.تۈركسوي باش كاتىپى دۇسېن كاسېينوۋمۇ كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. كاسېينوۋ يەنە، ئۇكرائىنا مەدەنىيەت ۋە ئۇچۇر - ئالاقەسىياسەتلىرى مىنىستىرى ئولېكساندېر تكاچېنكو ۋە ئۇكرائىنا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەمىنە جەپپار بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، ئۇكرائىنانىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرىلىمەكتە. مەسىلەن، 22 دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركچە ناخشا ئۇسسۇل» مۇسابىقىسىدە، ئۇكرائىنالىق ناتالىئې پاپازئوغلۇبىرىنچى بولدى.

ئەڭ يېڭى – ياخشى ئۆزگىرىشلەردىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولغىنىدەك، تۈركىيە-ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىئەڭپارلاق دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.  يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئالاقىدار يېڭى كېلىشىملەر ئىمزالاندى. تۈركىيەئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى، «ئىككى قوشۇلغان ئىككى» فورماتسىيەسى تەرىقىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەمدە بەزى ساھەلەردە ئورتاق يېڭى تەشەببۇسلار ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ ئۆزگىرىشلەركوۋىد 19 يۇقۇمى باسقۇچىدىن كېيىنكىمەزگىلدە، تۈركىيە-ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى سەۋىيەگە يېتىدىدىغانلىقىدىن، دۆلەت باشلىقلىرى تەرىپىدىن نىشان قىلىنىۋاتقان سودا سوممىسىنىڭ 10 مىليارد دوللارغا ئاسانلا يېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە، ھەم دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدىكى قويۇق مۇناسىۋەتلەر باشقا ساھەلەرگىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەمدەتۈركىيەئۇكرائىنائىستىراتېگىيەلىكھەمكارلىقمۇناسىۋەتلىرىرايونغىمۇ پايدا يەتكۈزىدۇ، ئەلۋەتتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر