قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر

ياۋروئاسىياغا نەزەر- 43

1513658
قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر

«ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «قىرغىزىستاندىكى يېقىنقى سىياسىي ئۆزگىرىشلەر» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

2020-يىلى 4- ئۆكتەبىر كۈنى قىرغىزىستاندا ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلدى. قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايلامغا قاتناشقان 16 پارتىيە ئىچىدە 4 پارتىيە (بىرىمدىك، مەكەنىم قىرغىزىستان، قىرغىزىستان ۋە پۈتۈن قىرغىزىستان% 7 لىك سايلام چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. سايلام نەتىجىلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرگەنلەر، سايلام نەتىجىلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، 5-ئۆكتەبىر كۈنى ئالاتو مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزدى. نامايىشچىلار 6-ئۆكتەبىر كۈنى ئەتىگەن سائەت 3 تە پارلامېنت بىناسىغا كىردى. يېرىم كېچىدە، ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، سەپەر ئىساقوۋ ۋە سادىر جاپاروۋ قاتارلىق تۇتقۇن سىياسىيونلار قوللىغۇچىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدىن چىقىرىلدى. دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا يۈزلەرچە ئادەم يارىلاندى، 19 ياشلىق بىر ياش قازا قىلدى.

6-ئۆكتەبىر كۈنى، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى، پارلامېنت باشلىقى، ۋالىيلار ۋە شەھەر باشلىقلىرى ئىستىپا خېتى يازدى. مەركىزىي سايلام كومىتېتى ئومۇمىي سايلام نەتىجىلىرىنى بىكار قىلدى. ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئارىسىدا ۋاقىتلىق ھاكىمىيەت كۈرىشى باشلاندى 9- ئۆكتەبىر كۈنى، ئالاتو مەيدانىدا ئۆز نامزاتىنى باش مىنىستىر قىلماقچى بولغان ئىككى گۇرۇپپا ئوتتۇرىسىدا جېدەل - ماجىرا  چىقتى. سادىر جاپاروۋنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۆمەربەك بابانوۋنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى مەيداندىن يىراقلاشتۇردى. ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، پىرېزىدېنت سوئورونباي جېنبېكوۋ 10-ئۆكتەبىر كۈنى بىشكەك شەھىرىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى، ئالمازبېك ئاتامبايېۋ ئىككى قوغدىغۇچىسى بىلەن بىرلىكتە قايتىدىن قولغا ئېلىندى.

قىرغىزىستان پارلامېنتى جوگوركۇ كېنېشىنىڭ 6-نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى ئۇدا ئۈچ قېتىم يىغىن چاقىرىپ، 13-ئۆكتەبىر كۈنى سادىر جاپاروۋنى باش مىنىستىرلىققا سايلىدى. قانات ئىسايېۋ پارلامېنت باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. جاپاروۋنىڭ قوللىغۇچىلىرى داۋاملىق نامايىش ئۆتكۈزگەچكە، پىرېزىدېنت جېنبېكوۋ 15-ئۆكتەبىر كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. پارلامېنت باشلىقى ئىسايېۋ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئۆز رازىلىقى بىلەن ۋاز كەچتى. جاپاروۋ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

قىرغىزىستاندىكى ئەڭ يېڭى ۋەقەلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكى دىققەت بىلەن كۆزەتتى. روسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن ئالاھىدە ۋەكىلىنى بىشكەككە ئەۋەتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ پىرېزىدېنتلىرى، تۈرك كېڭىشى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قىرغىزىستان ھەققىدە باياننامنە ئېلان قىلىپ، قىرغىزلارنى ئاساسىي قانۇن دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

 قىرغىزىستاندا ۋەزىيەت تىنچىشقا باشلىدى. 16- ئۆكتەبىر كۈنى، بىشكەكتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان جىددىي ھالەت بىكار قىلىندى. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت خەلقئارالىق شېرىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى يېتەرلىك تەدبىر قوللىنالماسلىقى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبىدىن دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ناچارلىشىشى، سايلامدا ئوتتۇرىغا چىققان چىرىكلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى كۈچەيتىۋەتتى. ئاخىرىدا، دۆلەتتە ھاكىمىيەت ئالماشتى.

قىرغىزىستاندا كەلگۈسى 2 - 3 ئاي ئىچىدە پىرېزىدېنت ۋە ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەر ئىككى سايلامنىڭ ئوخشاش كۈندە ئۆتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە. پارلامېنت نۆۋەتتە سايلام قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىمەكتە. سايلام قانۇنىدا سايلام چېكىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى، زاكالەت پۇلنىڭ ئازايتىلىشى ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ تىزىملاتمىغان يەردىمۇ بېلەت تاشلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان «2-نومۇرلۇق ھۆججەت» نىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كۈتۈلمەكتە. ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان بۇ سايلام، قىرغىزىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم سايلام بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر