دەنىزلىدىكى فوسىللار (تاشقاتمىلار) ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «دەنىزلىدىكى فوسىللار (تاشقاتمىلار)» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1511890
دەنىزلىدىكى فوسىللار (تاشقاتمىلار) ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

دەنىزلىدا تارىخنى يورۇتۇپ بېرىدىغان نۇرغۇن فوسىللار (تاشقاتمىلار)نىڭ بارلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈركىيەنىڭ غەربى قىسمىغا جايلاشقان دەنىزلى ۋىلايىتىدە ئېلىپ بېرىلغان يەر يۈزى تەتقىقاتىدا، تەخمىنەن 1 – 2 مىليون بىلەن 9 مىليون يىللار ئىلگىرى ياشىغانلىقى تەخمىن قىلىنىۋاتقان كەركىدان قاتارلىق سەككىز خىل ھايۋانغا ئائىت فوسىللار بايقالدى. ئالىملار، فوسىللارنىڭ، يەنە دەنىزلىدىن 2002 – يىلى تېپىلغان ئانادولۇنىڭ ئەڭ قەدىمىي ئادىمى بىلەن يەنە شۇ دەۋرگە تەۋە ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلار بىلەن تەسىرلىشىشىنى تەتقىق قىلىش نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

دەنىزلىدا 2017 - يىلدىن بۇيانقى تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا نۇرغۇن ھايۋانلارغا تەۋە فوسىللار بايقالدى. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تېپىلغانلار فوسىللار ئىچىدىكى كەركىدان فوسىلى، كەركىدانلارنىڭ مۇز دەۋرىدە دەنىزلىدە ياشىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۆۋەنكى ئېڭەكتىن تەركىب تاپقان بۇ كەركىدان تاش قاتمىسىنى تەكشۈرگەن مۇتەخەسسىسلەر ياۋروپادىمۇ بۇنداق ياخشى ساقلانغان تۆۋەنكى ئېڭەكنىڭ يوقلۇقىنى ۋە بۇ نۇقتىدىن بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىم بايقاش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلار سايىسىدا تېپىلغان ۋە ئانادولۇدا ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدىغان چۈمۈلىخور تاش قاتمىسىمۇ دىققەتنى تارتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر