قاتتىق كۈچ ۋە تۈركىيە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز(41)

1505899
قاتتىق كۈچ ۋە تۈركىيە

قاتتىق كۈچ ۋە تۈركىيە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (41)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرەپىدىن تەييارلانغان «قاتتىق كۈچ ۋە تۈركىيە» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيا پات پات تەكرارلىنىپ كېلىۋاتقان ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە توقۇنۇشى بۇ قېتىم كۆلىمىنى چوڭايتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ قالدى. تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا قەتئىيلىك بىلەن تۇرۇشى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەرنى ياردەم قىلىشى بىلەن ئۇرۇشنىڭ ۋەزىيىتى ئەزەربەيجان ئارمىيەسىگە پايدىلىق ھالغا كەلدى. تۈركىيەنىڭ قاتتىق كۈچ ئەسلىھەلىرى بىلەن تەرەققىي تاپقان بىر كۈچ ئىكەنلىكىنى قايتىدىن كۆرسەتتى.

تۈركىيە يېقىنقى ئون يىلدا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى غايەت زور ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ 2016 - يىلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشىدىن كېيىن، بىيۇروكراتىيە ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىمۇ يېڭىدىن رەتكە سېلىندى. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە ھېچكىشى سەل قارىيالمايدىغان ھەربىي كۈچكە ئايلاندى.

تۈركىيە ئۆز رايونىدا غەربكە مايىل ئادەتتىكىچە بىر كۈچ دەپ قارىلىدىغان بىر پەيتتە، 2000 – يىللىرى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن قەدەممۇ قەدەم چوڭ ئۆزگىرىشكە شاھىت بولدۇق. بىرىنچى قەدەمدە غەرب دۇنياسىدا سىياسەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن يۇمشاق كۈچ ئامىللىرى ئارقىلىق كونكېرت بىر كۈچكە ئايلىنىش ئىزدىنىشلىرى ئۆزىنى نامايان قىلغان بولسا، ئەرەب باھارى پەيدا قىلغان يېڭى ۋەزىيەتتە، تۈركىيەمۇ ھەرىكەت شەكلىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى.

غەرب دۇنياسىنىڭ تۈركىيەنى ئېتىراپ قىلىشتا ھەزىمسىزلىك قىلىشى؛ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋىلىش بىلەن نەتىجىلەندى. ئاخىرىدا، تۈركىيە 2016 - يىلى 15 - ئىيۇلدا ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشىغا شاھىد بولدى. بۇ باسقۇچتىن كېيىن، تۈركىيە خەلقئارالىق سىياسىي ئالاقىسىدا غەرب ئوربىتىسىدىن پۈتۈنلەي چىقىپ، ئۆزىنى مەركەز قىلغان ھالدا، رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان بىر سىياسەت شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشتى. ماكرو ئارقا كۆرۈنۈش نۇقتىسىدىن بۇ قەدەملەرنى تاشلاش بىلەن تەڭ بىر ۋاقىتتا، يۇمشاق كۈچ بولۇشتىنمۇ بەكرەك، قاتتىق كۈچ ئەسلىھەلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق مۇھىم ھەربىي كۈچكە ئايلاندى.

مۇداپىئە سانائىتىگە سېلىنغان مەبلەغ ۋە ئۈنۈملۈك تەتقىقات خىزمەتلىرى بىلەن ھەربىي جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بولۇپمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان «SİHA» ۋە «İHA» ساھەسىدە، ئامېرىكىدىن قالسىلا ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى. تۈركىيە 2000 - يىللىرى ھەربىي ئەسلىھە ئېھتىياجلىرىنىڭ 80% نى سىرتتىن ئىمپورت قىلىش ئارقىلىق قامدىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بۇ نىسبەت%20 كە تۆۋەنلىدى. تۈركىيە يەنە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئېكسپورتچى دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئورۇن ئېلىش ئۈچۈنمۇ ئۇچقاندەك يۇقىرى ئۆرلىمەكتە.

 

تۈركىيە پەقەتلا دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە مەبلەغ سېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، سىياسىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش ئۇرۇنىشىدىن كېيىن، بىخەتەرلىك بيۇروكراتىيەسىنى پۈتۈنلەي يېڭىدىن لايىھىلەپ چىقتى. ئۈنۈملۈك ۋە كەسپىي قوشۇن قۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتلىك ئىسىخبارات تەشكىلاتىنىمۇ رايوندىكى ئەڭ تەسىرى كۈچلۈك ئىستىخبارات تەشكىلاتىغا ئايلاندۇردى.

تۈركىيە بىر قانچە يىلدىن بېرى يېڭى بىخەتەرلىك قارىشىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك ھەربىي كۈچىنى رايوندىكى شىددەتلىك توقۇنۇش ساھەلىرىدە ئىشلىتىشتىن چېكىنمىدى. سۈرىيە ۋە ئىراقتا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى PKK ۋە دائېشنى نىشان قىلغان كەڭ – كۆلەملىك چېگرا ھالقىغان ھەربىي ۋە ئىستىخبارىي ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، لىۋىيەدىكى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت قىسىملىرىنى قوللاش ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى. سومالىدا دۆلەت قۇرۇلىشىغا كۈچ چىقارغان بولسا، قاتارغا يۈزلەنگەن ئىشغالىيەت ئۇرۇنىشىنىمۇ بىر تەرەپ قىلىشتا ئۇتۇققا ئېرىشتى. يەنە يېقىنقى مەزگىلدە شەرقىي ئاقدېڭىز ئېنېرگىيە گېئوپولىتىكاسىدا دېڭىز ئارمىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىپ، مۇھىم ئاكتىيور ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئاخىرىدا، ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە ئۇرۇشىدا بۇرۇندىنلا ئەزەربەيجانغا قىلىۋاتقان ھەربىي تەلىم تەربىيە ياردىمىنى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈپ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان «SİHA» لارنى يوللاش ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ ۋەزىيىتىنى ئەزەربەيجان قىسىملىرىغا پايدىلىق ھالغا كەلتۈردى.

پۈتۈن بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر ۋە تېخنىكىلار جەھەتتىن تۈركىيە قولغا كەلتۈرگەن باسقۇچلارنى باشقا دۆلەتلەر ئەستايىدىللىق بىلەن كۆزىتىدىغان ھالغا كەلدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيەنىڭ سىياسىي ئىرادىسىنىڭ جەسۇر، ئىككىلەنمەس تەۋرەنمەس ھەرىكەتلىرى بىلەن تۈركىيە ئەمدىلىكتە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئاساسلىق كۈچ سۈپىتىدە قەد كۆتۈردى.

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، يۇقىرىدا سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانىلىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغىنىڭلار ئۈچۈن رەخمەت. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، باشقا ئانالىزلار بىلەن كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر.  خەير خوش.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر