بېلارۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر

يېقىنقى مەزگىلىدىكى بېلارۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرۋە ئارقا كۆرۈنۈشى.

1496639
بېلارۇسىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر

بېلارۇسىيەدە 2020-يىلى 9 – ئاۋغۇست كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدىن بۇيان ئۆكتىچىلەرنىڭ نامايىشلىرى داۋام قىلماقتا. بىر يېرىم ئاي ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا دىيالوگ ئورنىتىلمىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. ئەمدى بىز، ئالدىنقى ئايدا بېلارۇسىيەدە يۈز بەرگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەرگە بىر قۇر نەزەر تاشلاپ چىقايلى.

ئاۋغۇستنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، بېلارۇسىيەدىكى چوڭ زاۋۇتلارنىڭ ئىشچىلىرى ئىش تاشلىدى. ئوخشاش كۈنلەردە، ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ماسلاشتۇرۇش كومىتېتى قۇردى. مەۋجۇت ھۆكۈمەت بۇ كومىتېتقا ئەزا بولغانلاردىن نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يازغۇچى سۋېتلانا ئالېكسىيېۋىچتىن باشقا كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى. ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ  بىر قىسىم ئەزالىرىمۇ چەتئەلگە چىقىرىلدى.

8-ئاينىڭ 27-كۈنى، ۋىلادىمىر پۇتىن، زۆرۈر تېپىلغاندا بېلارۇسىيەگە ئەۋەتىلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك قىسىملىرىدىن زاپاس كۈچ تەشىل قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بېلارۇسىيە بىلەن بولغان بارلىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، لاتۋىيە، لىتۋانىيە ۋە ئېستونىيە، ئالېكساندىر لۇكاشېنكونىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بېلارۇسىيەنىڭ 30 رەھبىرىنىڭ دۆلەتلىرىگە كىرىشىنى مەنئىي قىلغانلىقلىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا، ئۆكتىچىلەر رەھبىرى سۋېتلانا تىخانوۋىسكايا ياۋروپا پارلامېنتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە توردا خىتاب قىلغاندا، لۇكاشېنكونىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى يوقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، يۇقۇم مەزگىلىدە بېلارۇسىيەگە 940 مىليون دوللار ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تەكلىپىنى رەت قىلدى. 9-ئاينىڭ 14-كۈنى، لۇكاشېنكو سوچىدا ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن، روسىيەنىڭ بېلارۇسىيەگە 1.5 مىليارد دوللار ياردەم قىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىيكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا «مارشال پىلانى» دائىرىسىدە  بېلارۇسىيەگە 1 مىليارد ياۋرو ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش تەكلىپىنى سۇندى.

9-ئاينىڭ 14-كۈنى، بېلارۇسىيەنىڭ غەربىدە «سىلاۋىيان قېرىنداشلىقى 2020» ھەربىي مانېۋىرلىرى باشلاندى. روسىيە ئەسكەرلىرى قاتناشقان بۇ ھەربىي مانېۋىرلارغا، سېربىيە غەربنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن ئاخىرقى پەيتتە قاتنىشىشتىن ۋاز  كەچتى.

ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، بېلارۇسىيەدىكى كىشىلىك ھوقق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، 17 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان  تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇردى. بەزى ئۆكتىچىلەر، زوراۋانلىق قىغان ۋە قولى قانغا بويالغان نىقابلىق دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ جامائەتچىلىككە پاش قىلىنىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 574 ئەزاسى، نامايىشچىلارغا زوراۋانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى توشىدىغان ئالېكساندىر لۇكاشېنكونى ئېتىراپ قىلماسلىق ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارارلاشتۇردى. غەربنىڭ بۇ قارارى ئالدىدا، لۇكاشېنكو لىتۋانيە ۋەپولشا چېگرالىرىنى تاقايدىغانلىقىلىرىنى ، ئۇكرائىنا چېگراسىدا كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى، سايلامنىڭ غەربنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېھتىياجى يوقلۇقىنى بىلددى.

يېقىنقى ئۆزگىرىشلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بېلارۇسىيەدە تەرەپلەر دىيالوگنىڭ ئورنىغا قارشىلىشىشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. غەرب، لۇكاشېنكو ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتمەكچى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، كىرېمىل سارىيى لۇكاشېنكونى قوللىماقتا. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ئالېكساندىر لۇكاشېنكونىڭ چېگرالارنى تاقاش تەشەببۇسىنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىشى قىيىندۇر. ئەگەر چېگرالار تاقالسا، پەقەت  بېلارۇسىيەلا ئەمەس، شەرق-غەرب سودىسىمۇ توختاپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇنىڭ بەدىلى ھەممە ئۈچۈن ئېغىر بولىدۇ. بېلارۇسىيەدىكى تەرەپلەرنىڭ نىشانلىرىدىن ۋاز كېچىشنى خالىماسلىقى، ئىغۋاگەرلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشى بىلەن قانلىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىنى تۇغدۇرۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىدۇر. لۇكاشېنكو ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ئۆكتىچىلەر ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قلماقتا. بۇ كۈز مەۋسۇمى بېلارۇسىيەلىكلەرنىڭ كېلەچىكى جەھەتتىن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر