توپقاپى سارىيى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «توپقاپى سارىيى» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1486880
توپقاپى سارىيى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز
topkapı.jpg
Topkapı Sarayı.jpg
Topkapı Sarayı.jpg
500 yıllık Kuran_Topkapı müzesinde.jpg
Topkapı sergi (1)
Topkapı sergi (12)
topkapı sarayı.jpg
Topkapı Sarayı

700،000  كۋادرات مېتر يەرگە سېلىنغان توپقاپى سارىيىنىڭ (ئوردىسىنىڭ) دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ  ساراي - مۇزېيلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشى (بويسۇندۇرۇلۇشى) دىن كېيىن، فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن 1460-يىلى باشلانغان توپقاپى سارىيى (ئوردىسى) قۇرۇلۇشى 1478- يىلى پۈتتى. مەرمەر دېڭىزى، ئىستانبول بوغۇزى (فوسفور بوغۇزى) ۋە قولتۇق ئوتتۇرىسىدا قالغان تارىخىي ئىستانبۇل يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان بۇ ساراي تۆت ئەسىرگە يېقىن ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ مەمۇرىي، مائارىپ ۋە سەنئەت مەركىزى، شۇنداقلا سۇلتانلارنىڭ ماكانى بولدى.

1850- يىللارنىڭ بېشىدا، ھازىرقى ساراي (ئوردا)نىڭ 19- ئەسىردىكى دۆلەت قائىدە  - يوسۇنلىرىنىڭ تەلىپىگە ماس كەلمەي قېلىشىدىن كېيىن دولماباھچە سارىيى (ئوردىسى) قۇرۇلدى، بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن خاندانلىقنىڭ ياشاش ۋە مەمۇرىي مەركىزى پۈتۈنلەي دولماباھچە سارىيىغا كۆچۈرۈلدى.

1922- يىلى ئوسمانلى پادىشاھلىقى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، 1924- يىلى 4- ئاينىڭ 3- كۈنى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بۇيرۇقى بىلەن مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەن توپقاپى سارىيى، جۇمھۇرىيەتنىڭ تۇنجى مۇزېيى ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە توپقاپى سارىيى بىناكارلىقى، يادىكارلىقلىرى ۋە تەخمىنەن 300 مىڭ ئارخىپ ھۆججىتى بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساراي - مۇزېيلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر