تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى

ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، «تۈركىيەنىڭ ياۋروئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1479821
تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى

2020 – يىلى 21 – ئاۋغۇست كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قارادېڭىزدا تەبىئىي گاز زاپىسى بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى. دەسلەپكى بايقاشلارغا قارىغاندا 320 مىليارد كۇب مېتىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن بۇ تەبىئىي گاز زاپىسى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېنېرگىيەدە چەت ئەلگە بېقىندى بولۇۋاتقان تۈركىيە، يېقىنقى يىللاردا بۇ ساھەگە سالغان مەبلەغلىرى بىلەن، بۇنىڭدىن كېيىن تەبىئىي گاز ۋە نېفىت ئىشلەپچىقىرالايدىغان دۆلەتلەر  قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىنى شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە تۈگۈنىگە ئايلاندۇرۇش نىشانىغا يەتتى. ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرىدىن رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئىران بىلەن بۇ ساھەدە مۇستەھكەم ھەمكارلىق ئورنىتىشتا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن تۈركىيەنىڭ، يېڭى باسقۇچتا ھازار دېڭىزىنىڭ سىرتىدىكى قېرىنداش دۆلەتلەر بىلەنمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ.

مۇستەقىللىق يىللىرىدا تۈركىيە ياۋروئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە تۈرلۈك كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. باشقىچە ئېيتقاندا، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى ئۈچۈن قانۇنىي جەھەتتىن زېمىن ھازىرلاندى. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق سەۋىيەدە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورناتماقتا. مەسىلەن، تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۇنجى نۆۋەتلىك مەركىزىي ئاسىيا رايونلۇق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئېنېرگىيە مىىستىرلىرى يىغىنى، 2019 – يىىلى ئۆزبېكىستاندا چاقىرىلدى. تۈركىيە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرمۇ ئەزا بولغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېنېرگىيە كۇلۇبىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. لېكىن، تۈرك دۇنياسىدا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، تۈرك كېڭىشى قارمىقىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە قىسمەن ئىجابىي قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ. مەسىلەن، بۇ قەدەملەر، تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى مەۋجۇت ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى ساھەسىدە، ئېلېكتىر تورلىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئېلېكتر ئېنېرگىيەسنىڭ ئورتاق ئىشلىتىلىشى، سۇ ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق  تاشنىلىشى مۇمكىن. داۋامىدا تەبىئىي گاز، نېفىت ۋە كۆمۈر قاتارلىق يەر ئاستى مەنبەلىرى، سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ساھەلىرىدە ھەمكارلىق كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ. تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى كارىدورىنىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشى، تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىقنىڭ مۇستەھكەم ئاساسىنى تۇرغۇزۇشنىڭ كاپالىتى بولىدۇ.

تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى ئۆزلىرى قامداش ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى سەرخىللاشتۇرۇش ئۈچۈن سۇ ئېلېكتر ئىستانلىرىدىن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغىچە تۈرلۈك ئېنېرگىيە ساھەلىرىگە مەبلەغ سالماقتا. ھازار دېڭىزىغا قىرغاقداش بولغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر تۈركىيە بىلەن نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ غەربكە ئېكسپورت قىلىنىش مەسىلىسىدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە. بۇ دائىرىدە، ترانس ھازار تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. تۈركىستاندىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئوران ئىشلەپچىقىرىشتا دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئىستىراتېگىيەلىك مەھسۇلات ھېسابلىنىدىغان ئوراننى ئىشلىتىش مەسىلىسىدە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا توغرا كېلىدۇ.

تۈركىيە ياۋروئاسىيا رايونىدىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي، جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگىچە سوزۇلىدىغان ئېنېرگىيە لىنىيەلىرىدىن ئورتاق مەبلەغ سالغۇچى سۈپىتىدە ئورۇن ئېلىشى كېرەك. شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرىسىدىكى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش مەسىلىسىدە «ئۆتۈش ئېغىزى رايونى» بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئەھمىيىتى، قىلچە بەس – مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەتتۇر. ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىقنىڭ كۈچەيتىلىشى تۈرك كېڭىشىنىڭمۇ نوپۇزىنى كۈچلەندۈرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر