تۈركىيەنىڭ ياۋروئاسىياغا قىلغان ياردەملىرى

«‹ۋۇخەن ۋىرۇسى› غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرىگە قىلغان ياردەملىرى.

1471905
تۈركىيەنىڭ ياۋروئاسىياغا قىلغان ياردەملىرى

ياۋروئاسىياغا نەزەر (/2020/33)

تۈركىيەنىڭ ياۋروئاسىياغا قىلغان ياردەملىرى

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، «‹ۋۇخەن ۋىرۇسى› غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرىگە قىلغان ياردەملىرى» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.  

ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى دۆلەتلەردە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ تەسىرى ھازىرمۇ داۋاملاشماقتا. رايون دۆلەتلىرىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى كۈنسېرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن، يۇقۇم ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر ھالەتتە تۇرماقتا. رايوندىكى بەزى كىچىك دۆلەتلەردە بىمارلارنىڭ سانى نوپۇس نىسبىتىگە قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى سالماقنى ئىگىلىمەكتە.  شۇ ۋەجىدىن، ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە سىرتتىن ياردەم ئېلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىيۇل ئېيىدا ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئىككىنچى قېتىم تېببىي لازىمەتلىكلەر ياردەم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە ئافغانىستانغىمۇ تېببىي ياردەم قىلدى. بۇ ياردەملەر ئىچىدە، ماسكا، دىياگنوز قويۇش ۋە نەپەسلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسىدىن تارتىپ دورىلارغىچە ھەر خىل تېببىي لازىمەتلىكلەر بار ئىدى. تۈركىيەنىڭ ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرى، تۈرك شىركەتلىرى ياردەملىرىنى يۇقۇم ئوتتۇرىغا چىققان دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلاپلا داۋاملاشتۇرماقتا. تۈركىيە ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇم جەريانىدىكى دوختۇر ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن، تۈركىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، ياكى مېدىتسىنا كەسپىدە مۇتەخەسسىسلىشىش ساھەسىدە بىلىم ئاشۇرۇۋاتقان دوختۇرلارنىڭ مەلۇم ۋاقىتقىچە ئۆز يۇرتلىرىغا بېرىپ بىمارلارنى داۋالىشىغا رۇخسەت قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قارشى تەرەپنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، تۈرك دوختۇرلاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەتلەر، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن رايون دۆلەتلىرىگە كەتتى. مەسىلەن، ئالدىنقى ئايدا ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەلىپىگە بىىنائەن تۈرك دوختۇرلاردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت بۇ دۆلەتتە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشتا بولدى.

تۈركىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە رايون دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ماسلىشىش، كېڭەش ۋە كۆرۈشۈش قاتارلىق جەھەتتىن داۋاملىق ھەمكارلاشماقتا. تۈركىيە بۇ ئارقىلىق «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەشتە ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرىگە داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقىنى نامايەن قىلىشقا تىرىشماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى»  باسقۇچىنى ياخشى باشقۇرۇشى، ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى كۈزدە تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردىن ھەيئەتلەرنى تۈركىيەدە كۈتۈۋېلىپ،  تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىشقا باشلايدۇ. ئەسلىدە، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دوختۇرلىرى ئارىسىدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئاللىقاچان باشلانغانىدى. تۈركىيەنىڭ سەھىيە ساھەسىگە سالغان سېلىنمىلىرى ۋە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تۈركىيەنى يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ ساغلاملىق ساياھىتى مەركەزلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرىدۇ.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى»يۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تۈركىيە 130 ئەتراپىدا دۆلەتكە ياردەم قىلدى. تۈركىيەنىڭ يېقىن جۇغراپىيەسىدىكى ۋە دوست ھەم قېرىنداش دۆلەتلەرگە ياردىمى بولسا، يۇقىرىدا كەلتۈرۈلگەن مىساللاردىنمۇ كۆرۈۋالغىلى بولغىنىدەك، ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا. تۈركىيە يېقىن ئەتراپىدىكى ئەللەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن بىرلىكتە ئۆتەلەيدىغانلىقلىرىنى ۋە بىرلىكتە تەرەققىي قىلالايدىغانلىقلىرىنى دوست ۋە قېرىنداش ئىتتىپاقداشلىرىغا نامايەن قىلىشقا تىرىشماقتا.

تۈركىيەنىڭ ئىنساننى ئاساسلىق نۇقتا قىلىدىغان ئاكتىپ، توغرا ۋە پايدىلىق دىپلوماتىيە سىياسىتى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» باسقۇچىدا ھەر جەھەتتىن ئىسپاتلاندى. ئەنقەرەنىڭ بۇ سىياسىتى ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالىرىغا پايدىلىق بولماقتا. دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك 10 دۆلەت قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشنى نىشان قىلىۋاتقان تۈركىيە، تۈرك دۇنياسى ۋە يېقىن ئەتراپىدىكى ئەللەر ئۈچۈن ئۈلگىلىك دۆلەت بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۆزئارا ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرغان تەقدىردە، رايون دۆلەتلىرى بۇ باسقۇچتىن تېخىمۇ قۇدرەت تاپقان ھالدا چىقىدۇ.

رادىيو ئاڭلىغۇچى ئېزىز دوستلار! ئابدرەسۇل ئىسھاقوۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ياۋروئاسىياغا نەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، «‹ۋۇخەن ۋىرۇسى› غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرىگە قىلغان ياردەملىرى» ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر