رۇسىيەدىكى نامايىشلار

رۇسىيەنىڭ خاباروۋىسكى رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان نامايىشلار ۋە ئارقا كۆرۈنۈشى.

1463596
رۇسىيەدىكى نامايىشلار

2020 – يىلى 9 – ئىيۇل كۈنى رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقىدىكى خاباروۋىسكى رايونىنىڭ ۋالىيسى سېرگېي فۇرگال، 2004 – 2005 – يىللىرى مەيدانغا كەلگەن كارخانىچىلارچىنىڭ قاچۇرۇلۇشى ۋە ئۆلتۈرۈلۈشى ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەشكىللىك جىنايەت سادىر قىلىش  بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى. بۇنىڭغا ئاساسەن، رايون خەلقى 11 – ئىيۇلدىن باشلاپ  ھەر كۈنى فۇرگالنى قوللاپ رۇخسەتسىز نامايىشلارنى ئۆتكۈزمەكتە.  نامايىشچىلار ئۆلكىنىڭ مەرمۇرىي مەركىزى خاباروۋىسكى رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئونلارچە  شەھەردە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارىماي ئون مىڭلارچە كىشىنىڭ ئىشتىراك قىىشىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكتە. ھەپتە ئاخىرلىرى نامايىشقا قاتنىشىۋاتقانلارنىڭ سانى 50 – 80 مىڭغا يەتمەكتە. خاباروۋىسكى رايونىدىكى نامايىشلار رۇسىيە ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى ئىش بولغانلىقتىن، ۋەقەلەرگە يېقىندىن نەزەر تاشلاش مۇھىمدۇر.

سېرگېي فۇرگال، 2018 – يىلقى سايلاملاردا % 70 ئاۋاز بىلەن رۇسىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن خاباروۋىسكى رايونىنىڭ ۋالىيلىقىغا سايلانغانىدى. فۇرگالنىڭ سايلىنىشىدىن كېيىن، رايوندا ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك ۋە ئومۇمىي سايلاملاردىمۇ لىبېرال دېموكرات پارتىيەسى غەلىبە قىلىپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىرلەشمە رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇدىيىتىگە قاتتىق زەربە بەردى. بۇ ۋەقە ئەسلىدە ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشتىمۇ چوڭ ھادىسىدەك قىلىدۇ.

ۋالىي فۇرگال ئۇدا ئىككى يىللىق ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا بىيۇيوكراتلىق تۈرلۈك چىقىملارنى ئازايتىش مەقسىتىدە قەدەملەرنى تاشلىدى. ئۇنىڭ بۇ تەشەببۇسلىرى ۋە رايوننىڭ مەسىلىلىرىگە قارىتا ئوچۇق – يورۇقلۇقى، يەرلىك خەلقنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. فۇرگالنىڭ خەلقنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش يولىدا تاشلىغان قەدەملىرى ئۇنىڭ مەركىزىىي ھۆكۈمەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىرىكلەشتۈرۈۋەتتى. مەسىلەن، پىرېزىدېنت پۇتىن، 2008 – يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىدا يىراق شەرق فېدېراتسىيە مەركىزىنى خاباروۋىسكى رايونىدىن ۋلادىۋوستوك شەھىرىگە يۆتكەش مەسىلىسىدە فۇرگالغا قارشى چىققانىدى.

پۇتىن، 20 – ئىيۇل كۈنى فۇرگالنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسىدىن مىخائىل دېگتيارېۋنى ۋالىي ۋەكىللىىگە تەيىنلىدى.  بىراق رايون خەلقى موسكۋادىن ئەۋەتىلگەن دېگتيارېۋنى قوبۇل قىلمىدى. نامايىشچىلار فۇرگالنىڭ قايتىدىن ۋالىيلىققا تەيىنلىنىشىنى، خاباروۋىسكىدا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ۋە ئادىل بولۇشىنى تەلەپ قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، نامايىشلاردا پۇتننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى تەلەپ قىلىنماقتا. خاباروۋىسكى نامايىشلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى قىلغان ئامىل، نامايىشچىلارنىڭ ئۇدا ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان قانۇنسىز تەشەببۇسلاردىن خالىي ھالدا نامايىش ئۆتكۈزۈشىدۇر. نامايىشلار جەريانىدا «كەپتەرلەرگە يەم بەرمەڭ»، «ئاممىۋى يۈگۈرۈش» ۋە «ئاپتوموبىل مەستانىلىرىنىڭ يۈرۈشى» قاتارلىق تۈرلۈك ھەيران قالارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق رايونىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بۇ نامايىشلار يەنە، دۆلەتتىكى مەركەز – رايون توقۇنۇشىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

رايون خەلقى مەركەزنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا كۆپ ئارىلاشماسلىقىنى، سايلاملىرى ۋە ئۆزلىرىگە ھۆرمەت  قىلىشىنى، رايوننىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن خامچوت ئاجرىتىلىشىنى تەلەپ قىلماقتا. خاباروۋىسكى خەلقىنىڭ بۇ ئىنكاسى رۇسىيەنىڭ باشقا رايونلىرىغىچە كېڭىيىپ كېتىشى ۋە كەلگۈسى سايلاملاردا بىرلەشمە رۇسىيە پارتىيەسىنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.  ھەممىگە مەلۇمكى، ئالدىنقى يىلدىن بۇيان شىمالىي كاۋكاز رايونىدىمۇ پات – پات ئوخشاش شەكىلدىكى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە. موسكۋانىڭ ئېتنىك ئاز سانلىقلارنىڭ ئاپتونومىيەلىك قۇرۇلمىلىرىنى چوڭ ۋىلايەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈش تەشەببۇسلىرىمۇ يەرلىك خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن. قىسقىسى، دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چوڭ رول ئويناشنى نىشان قىلىۋاتقان رۇسىيەنى، ئىچكى سىياسەتتىمۇ ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ناھايىتى چوڭ مەسىلىلەر كۈتمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر