ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلار

1460109
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار

2020 – يىلى 12 – ئىيۇل كۈنى ئەرمېنىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىپ، ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى. ئەزەربەيجاننىڭ توۋۇز رايونىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇش تېخىچە توختىغىنى يوق. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2016 – يىلىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا چوڭ توقۇنۇش يۈز بەرگەنىدى. ھازىرغىچە ئەزەربەيجان بىرى گېنېرال بولۇپ، 12 ئەسكەر بىلەن بىر پۇقرانىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ئەرمېنىيە تەرەپ بولسا، 4 ئەسكەرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ رەقەمنىڭ ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرمەيدىغانلىقى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئاخىرقى توقۇنۇشلار ھەققىدە تارقاتقان ۋىدېئولۇق ئۇچۇرلىرىدا ناھايىتى روشەن ھالدا ئوتتۇرىغا چىقتى.  ئەرمېنىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىدىكى توقۇنۇشنى ئۈستۈن قاراباغ سىرتىغا كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇشى، ئەرىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى نىجىس ئويۇنلارنى پىلانلاۋاتقانلىقىنىڭ خەۋەرچىسىدۇر.

شېھىتلار ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، ئەزەربەيجان خەلقى كوچىلارغا چىقىپ، قاراباغنىڭ قايتۇرۇۋېلىنىشى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئۆتكۈزدى. يېقىنقى كۈنلەردە ئىختىيارى يوسۇندا ھەربىي خىزمەت ئۆتەش ئۈچۈن تىزىمغا ئالدۇرغان ئەزەربەيجان پۇقرالىرىنىڭ سانى 25 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەزەربەيجانلىقلارنىڭ قاراباغنى قايتۇرۇۋېلىش ئىرادىسى ئىنتايىن قەتئىيدۇر.

يېقىنقى يىللاردا ئۈستۈن قاراباغنىڭ خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلنىپ قالغانلىقىغا، ئوتتۇرا شەرقتىن بەزى شەخسلەرنىڭ ئۇ يەردە تەربىيەلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر دەۋالار كۈنتەرتىپكە كەلمەكتە. بۇ دەۋالارغا جىددىي قاراپ، تەكشۈرۈلۈشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىن كەلگەن ياللانما قاتىللارغا قارشى كۈرەش قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. چېگرا رايونىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئېلمار مەممەدياروۋنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى. 2004 – يىلدىن بېرى بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان مەممەدياروۋنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، باكۇ ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە، بولۇپمۇ قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا تېخىمۇ ئاكتىپ دىپلوماتىيە سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنىڭ، ئىستىراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەيدانغا كەلگەن توقۇنۇشلاردىن كېيىن، ئەرمېنىيە ئۆزىمۇ ئەزا بولغان كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمىدى. ھالبۇكى، تۈرك كېڭىشى ئەزەربەيجاننى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئارقىدىنلا بۇ باياناتىنى ئېلان قىلدى. ئىران سىرتىدىكى بارلىق قوشنىلىرى بىلەنسۈركىلىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان ئەرمېنىيە، ئۇرۇش پارتلاپ قالغان تەقدىردە، دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۈستۈن قاراباغ ئىشغال قىلىۋېلىنغاندىن بۇيان رايوندا ۋە دۇنيادا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدە ئەرمېنىيەدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. تۈركىيە ئۇرۇش پارتلاپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا ئەزەربەيجانغا ھەر  جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تۈركىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان دۆلەت سىرتىدا ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەربىي ھەرىكەتلىرىدىن پۈتكۈل دۇنيا خەۋەرداردۇر.

ئەرمېنىيەدە نىكول پاشىنياننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن بىرلىتە رۇسىيە – ئەرمېنىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئەرىۋان ھۆكۈمىتى ئۇرۇش پاېرتلاپ قالغان تەقدىردە، شىمالدىكى قوللىغۇچىسىنىڭ كۈتكىنىدەك ياردىمىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن، ئىشغالچى ئەرمېنىيە ئىغۋاگەرلىك قەدەملەرنى تاشلىغىنىدا ياخشى ئويلىنىشى كېرەك.

قارابغا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەشكىل قىلىنغان مىنسك گۇرۇپپىسىنىڭ مودىدىن قالغانلىقى ھەممىگە ئايان . مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە داخىل قىلىنغان يېڭى بىر خەلقئارالىق مىخانىزىمنىڭ تۇرغۇزۇلۇشىغا توغرا كېلىدۇ.  مەسىلەن، ئاستانا كېلىشىمىنى ئىمزالىغان ئۈچ دۆلەت بۇ ھەقتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى مۇمكىن. چۈنكى قاراباغ مەسىلىسى مەزكۇر ئۈچ دۆلەت بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىكتۇر.  يىغىپ ئېيتقاندا، تاكى ئادالەت ئورنىتىلغان، قاراباغ قايتۇرۇۋېېلىنغانغا قەدەر بۇ كۈرەش ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر