ئاياسوفيا

ئاياسوفيانىڭ قايتىدىن جامەگە ئايلاندۇرۇلۇشىنىڭ ياۋروئاسىياغا كۆرسەتكەن تەسىرى.

1455495
ئاياسوفيا

2020 – يىلى 10 – ئىيۇل كۈنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىمزاسى بىلەن ئاياسوفيا مۇزېيى قايتىدىن جامەگە ئايلاندۇرۇلدى. بۇ قارار، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» غا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ياۋروئاسىيا دۆلەتلىرىدە كەڭ دائىرىدە تەسىر قوزغىدى. بۇ ھەقتە يۈزلەرچە خەۋەر، خەۋەر ئانالىزى ئېلان قىلىندى. چۈنكى، ئاياسوفيا ياۋروئاسىيا خەلقلىرىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك مەنىۋى بىر ئىبادەتخانىدۇر.

ياۋروئاسىيانىڭ ئورتودوكوس ئېتىقادى كەڭ تارقالغان دۆلەتلىرىدە دىنىي رەھبەرلەر ۋە بىر قىسىم سىياسىيونلار بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرسە، رايوننىڭ تۈرك ۋە مۇسۇلمان خەلقلىرى چەكسىز شاد – خۇراملىققا چۆمدى. ئاممىۋى تاراتقۇلاردا يۈز مىڭلارچە ئۇچۇر تارقىتىلدى، تەبرىك ياغدى. بىر قىرغىزىستان پۇقراسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىغا «ئاياسوفيا» دەپ ئىسىم قويدى.

ئەردوغاننىڭ بۇ قارارى توغرۇلۇق ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلاردا، ئاياسوفيانىڭ قايتىدىن جامەگە ئايلاندۇرۇلۇش قارارىنىڭ، مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئىشارەت قىلىدىغان بىر قارار ئىكەنلىكى تەكىتلەنمەكتە.

گەرچە قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقانلار، تۈركىيەدە لائىقلىق (دىن بىلەن سىياسەت بىر – بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن تۈزۈم) نىڭ قولدىن كېتىپ قالغانلىقىنى تەكىتلەتۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ  نارازىلىقلىرىنىڭ دىنىي سەزگۈرلۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى، جۈملىدىن، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتە زىددىيەتلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن خەۋىرىمۇ يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇلار تارىختىن بۇيان ئىسلام ئىبادەتخانىلىرىنى تاقاپ كېلىۋاتقان، جامەلەرنى چېركاۋلارغا، مۇزېيلارغا، ياكى باشقا دۆلەت ئورۇنلىرىنىڭ بىنالىرىغا ئايلاندۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنسۇپلىرىدۇر. يېقىنقى يىللاردا ئاتېئىزىم (دىنسىزلىق) سىياسىتىنى يولغا قويۇۋاتقان رۇسىيە كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، رۇسىيە خەلقىنى تۈركىيەگە ساياھەتكە بارماسلىققا تەكلىپ قىلىشى بولسا، تولىمۇ كۈككىلىك ئەھۋالدۇر.

بىر قىسىم رۇس يازغۇچىلار بۇ ھەقتە يازغان ماقالىرىدە ھەددىدىن ئېشىپ، ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنى «11 – سېنتەبىر ۋەقەسى» گە ئوخشىتىشقا ئۇرۇندى. ھالبۇكى، تارىخىي ھەقىقەتلەرنىڭ بۇنداق ئەمەسلىكى ئەقىل – پاراسەتلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە بەش قولدەك ئايان، ئەلۋەتتە. بۇ يەردە، تارىخىي ھادىسىلەر ھەققىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن «موسكۋا ئۈچىنچى رىم» قارىشىنىڭ كېيىنچە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بىر شوئار ئىكەنلىكىنىمۇ ئالاھىدە تەكىتلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ئىستانبۇل خەلىپىلىكنىڭ مەركىزى ئېلان قىلىنغان ۋاقىتتىن ئېتىبارەن ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلار، ھەج ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلغاندا، يوللىرىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىگە قارىماي، ئىستانبۇل ئارقىلىق سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەندۇر. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پادىشاھىنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىش، خەلىپە بىلەن بىرلىكتە بىر جۈمە نامىزى ئوقۇش، «ئەييۇب سۇلتان»، «سۇلتان ئەھمەد»، «ئاياسوفيا» قاتارلىق ئىستانبۇلدىكى داڭلىق جامەلەردە ئىبادەت قىلىش،  ھاجى نامزاتلىرى ئىستانبۇلدا چوقۇم ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ئىدى. ياۋروئاسىيا جۇغراپىيەسىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىستانبۇل بىلەن بولغان ئالاقىسى، شەھەردىكى تۈرلۈك «ئۆزبېكلەر، بۇخارا قاتارلىق» خانىقارلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئورنىتىلغاندۇر، بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ياۋروئاسىيا مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ئاياسوفيانىڭ قايتىدىن ئىبادەتكە ئېچىلىشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

تۈركىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئورتودوكس دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. فەنەر رۇم ئورتودوكس چېركاۋىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇكرائىنا چېركاۋىنىڭ موسكۋادىن ئايرىلىشى،  ئاياسوفيانىڭ قايتىدىن جامەگە ئايلاندۇرۇلۇشى يولىدىكى مۇھىم باسقۇچلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

ئورتودوكسلار ۋە سۈننىي مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەكىللىرى قانچىلىغان ئەسىرلەردىن بۇيان ئوخشاش جۇغراپىيەنى ئورتاقلاشقان ھالدا ياشىماقتا. ئۆزئارا ئۇچۇر – ئالاقە قىلىش زۆرۈر بولغىنىدەك، ئىختىلاپلاردىن خالىي بولۇشمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئۇلار بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇردۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئورتودوكس دۇنياسىنىڭ ئاياسوفيانىڭ جامە سۈپىتىدە ئېچىلىشىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىغۋاگەرلىكلىكلەرگە ئالدىنىپ قالماسلىق مەجبۇرىيىتى باردۇر. ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ سىمۋولى بولغان ئاياسوفيانىڭ ئىبادەتكە ئېچىلىشى، تۈركىيە رەھبەرلىكىدىكى تۈرك – ئىسلام دۇنياسىنىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز يۆنىلىشىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن نامايەندىسىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر