لىۋىيەدە يېقىنلىشىۋاتقان غەلىبە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (21)

1427360
لىۋىيەدە يېقىنلىشىۋاتقان غەلىبە

لىۋىيەدە يېقىنلىشىۋاتقان غەلىبە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (12)

(جان ئاجۇن)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «لىۋىيەدە يېقىنلىشىۋاتقان غەلىبە» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ** ***** ***** ***** ***** ******

لىۋىيەدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان توقۇنۇشلار تۇنجى قېتىم لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) گە پايدىلىق ھالغا كېلىشكە باشلىدى، گېنېرال ھافتەرگە تەۋە كۈچلەر لىۋىيەنىڭ غەربىي قاتارلىق نۇرغۇنرايونلاردىن چېكىنىشكە باشلىدى.

لىۋىيە ئۇرۇش مەيدانىدا ئىشقا ئاشقان بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، تۈركىيەنىڭ لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) گە پايدىلىق شەكىلدە ئارىلىشىشىدۇر، ئەلۋەتتە. چۈنكى تۈركىيە بىلەن لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ھەربىي ھەمكارلىق ۋە تەلەم – تەربىيە كېلىشىمىدىن كېيىن، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ تىرابلۇس ۋە مىسراتاغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى ۋە تاشلىغان ھەربىي قەدەملىرى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) نىڭ ھاۋا ئۈستۈنلىكىىنى قولغا كەلتۈرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

گېنېرال ھافتەرگە تەۋە كۈچلەر ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىقلاردىن ئالغان ياردەم بىلەن لىۋىيەنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئالقىنىغا كىرگۈزىۋالغان ۋە پايتەخت ترابلۇسنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغان ئىدى. تۈركىيە بولسا، 2011 - يىلدىكى ئىنقىلابتىن باشلاپ، سياسىي جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان شۇنداقلا ب د ت مۇ ئېتىراپ قىلغان قانۇنلۇق سىياسىي كۈچ لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) نى ھەربىي ئىسيانچى ھافتەر ۋە ياردەمچىلىرىگە قارشى پەقەتلا سىياسىي جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى ھەربىي جەھەتتىنمۇ قوللاپ – قۇۋۋەتلەشنى باشلىدى.  تۈركىيە لىۋىيەگە ئارىلاشمىغان بولسا ئىدى، لىۋىيەدىمۇ مىسىردىكىگە ئوخشاش ھەربىي دىكتاتۇرلۇقنى قۇرۇلىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭ ھەم لىۋىيە خەلقىنىڭ، ھەم تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ئاساستا ھەرىكەتكە ئۆتۈلدى.

 

لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) بىلەن تۈزۈلگەن ھەربىي كېلىشىمدىن كېيىن، تۈركىيە ئارمىيەسىگە قاراشلىق قىسىملار تىرابلۇس ۋە مىسراتاغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ،  لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH)  قىسىملىرىنى تەربىيەلەشنى ۋە ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەشنى باشلىدى. ھافتەر ئۇنسۇرلىرىنىڭ بولۇپمۇ ھاۋا ئارمىيە ئۈستۈنلىكىنى ئالقىنىغا كىرگۈزۈۋىلىشى،  لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH)  قىسىملىرىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان پەيتتە، تۈركىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش تاكتېكىلىرى ئارقىلىق ھاۋا ئارمىيە ئۈستۈنلىكىنىڭ قايتىدىن لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH)  قىسىملىرىنىڭ ئالقىنىغا ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇردى.  يەنە كېلىپ، «TB2» ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىلەن لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH)  قىسىملىرىنىڭ ئالدىنقى سەپتە ھافتەر كۈچلىرىگە قارشى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشىنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈردى.

تۈركىيە ئۆزىنىڭ يەرلىك ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان، ھەم تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK غا قارشى، ھەم سۈرىيەگە ئوخشاش توقۇنۇش رايونلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن  تەجرىبىلىرى بىلەن لىۋىيەنى تەمىنلىدى.  بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز قىرغۇچى ئايروپىلانى «SHA» لارنىڭ لىۋىيە مەيدان ئۇرۇشىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) گە پايدىلىق ھالغا كەلتۈرگەنلىكى نامايان بولدى. بۇ جەرياندا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن ھافتەر كۈچلىرىگە ياردەم قىلىنغان روسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان «پانتىر» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پاچاقلاپ تاشلاندى.

 

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرى يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە لىۋىيەنىڭ تۇنىس چېگراسىغىچە بولغان رايۇنلىرىنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا  ئېلىپ، ئارقىدىنلا ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ۋاتتىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى تارتىپ ئالدى. ھافتەر كۈچلىرى ئېغىر دەرىجىدە روھىي زەربىگە ئۇچرىتىلدى. لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرى بولسا، تارخۇنا ۋە سىرتە قاتارلىق مۇھىم شەھەرلەرنىڭ كونتىروللۇقىنى تارتىپ ئېلىش ئۈچۈن يېڭى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى باشلىغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.

 

گېنېرال ھافتەرنى  قوللاۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ھەربىي ۋەزىيەتتىن ئەنسىرەپ، سىياسىي ھەل قىلىش چاقىرىقلىرى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. بىراق لىۋىيە مەملىكەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى (UMH) قىسىملىرىنىڭ مۇھىم شەھەرلەرنى ئىگىلىمەي تۇرۇپ، مەۋجۇت ھەربىي ھەرىكەتتىن ۋاز كېچىشى ناتايىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر