ۋىرۇس  ئاپىتى مەزگىلىدىكى ھەربىي توقۇنۇشلار

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (18)

1412845
ۋىرۇس  ئاپىتى مەزگىلىدىكى ھەربىي توقۇنۇشلار

ۋىرۇس ئاپىتى مەزگىلىدىكى ھەربىي توقۇنۇشلار

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (18)

(مۇرات يېشىلتاش)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ خەۋپسىزلىك تەتقىقاتلىرى دىرىكتورى ۋە يازغۇچىسى مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «كورونا ۋىرۇسى ئاپىتى مەزگىلىدىكى ھەربىي توقۇنۇشلار» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

كورونا ۋىرۇسى يەرشارى خاراكتېرلىك كرىزىسقا ئايلىنىپ، يەرشارىدىكى بارلىق دۆلەتلارنى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سېلىۋاتقان تۇرۇغلۇق، ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار ھىلىھەم  ئىشاش سۈرئەتتە داۋاملاشماقتا.

ب د ت توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان رايونلاردا ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لىۋىيە، سۈرىيە ۋە يەمەندە قان تۆكۈلۈش داۋاملاشماقتا. لىۋاندا ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ۋە چىرىكلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان نامايىشلار يىڭىدىن باشلىنىۋاتقان بولسا، ئىراق ھۆكىمىتىمۇ نىفىتقا باغلانغان ئىقتىسادىنى ھازىرغا قەدەر تۈزىتەلمەي كەلمەكتە.

بۇ دۆلەتلەردىن، بولۇپمۇ لىۋىيە، سۈرىيە ۋە يەمەن كورونا ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش ئۇياقتا قىلىپ، ئىچكى توقۇنۇشقا مەھكۇم بولماقتا. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھېچقايسىسىدا كورونا ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئىرىشىش مۇمكىن ئەمەس. دېمەككى بۇ توقۇنۇش رايونلىرىدا يۇقۇم ۋە ئىچكى توقۇنۇش بىربىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ. خەلقئارا ئورگانلارنىڭ بولسا، ئاگاھلاندۇرۇشتىن باشقا  ئىش قىلالمايۋاتقانلىقى ئېنىق.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سۈرىيەدە كەم دېگەندە تۆت رايوننىڭ كورونا ۋىرىسىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا تىرىشقانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. ئەسەدنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا كوۋىد-19 بىلەن يۇقۇملانغانلار سانىنىڭ پەقەتلا 45 ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

ئىدلىب رايونىدا، رامىزاننىڭ باشلىنىشى بىلەن مەسچىتلەردە تاراۋى نامىزىغا قاتنىشىشنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بۇ قانداقتۇر «ئىدلىبتا يۇقۇم يوق» دېگەنلىك ئەمەس. ئىدلىبنىڭ نوپۇسىنىڭ زىچلىقى، داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش ۋە مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ زىچلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، ۋىرۇس تارقىلىشى بىلەن قورقۇنچلۇق بىر ئاقىۋەتكە يولۇقۇش پەقەت ۋاقىت مەسىلىسىلا خالاس.

سۈرىيە خەلق ئارمىيەسىنىڭ كونتروللىقىدىكى رايۇنلاردا تۈركىيەنىڭ ياردىمى بىلەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن قويۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە. ئامېرىكا قوللىغان YPG-PYD نىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا بولسا، دوكلات قىلىنغان يۇقۇم ئەھۋالى ئىنتايىن ئاز. كىم بىلىدۇ، بەلكىم 10 يىلدىن بىرى ئىچكى ئۇرۇش قاينىمىدىن قۇتۇلالمىغان سۈرىيەنىڭ كورونا ۋىرۈسىدىن يىراق بولۇشى بەلكىم تەقدىرنىڭ مۇكاپاتى بولسا كېرەك.

 

پۈتۈن دۇنيانى كورونا ۋىرۈسى ئەندىشىسى قاپلىغان بىر ۋەزىيەتتە، سۈرىيەدە ھەممىلا يەردە دېگۈدەك توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. ئەڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە رايونلارنىڭ بىرى ئىدلىب بولۇپ، يۇقۇمدىن ئىلگىرىمۇ ھالقىلىق توقۇنۇش نۇقتىسى بولغان ئىدى. ئىدلىب ئەسلىدە توقۇنۇشنىڭ داۋاملىشىشى ۋە قايتىدىن باشلىنىشىنىڭ يەنە بىر نۇقتىسى بولۇشى بىلەن ئەمەس، بەلكى يۇقۇمنىڭ تېز سۈرئەتتە نۇرغۇن كىشىنى ئۆز قوينىغا ئېلىشى نۇقتىسىدىنمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن موسكۋادا تۈزگەن كىلىشىمىدىن كىيىن M4 ۋە M5  قاتناش يوللىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. گەرچە بۇ قارىماققا كورونا ۋىرۈسىدىن كېيىنكى يېڭى كۆرمەسكە سېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىدەك قىلسىمۇ، ئەنقەرە بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. چۈنكى مۇمكىن قەدەر بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش ئەزەلدىن ئەنقەرەنىڭ كۈن تەرتىپىدىن چۈشۈپ باققان ئەمەس.

ھەيئەتى تەھرىرىش شام تەشكىلاتىنىڭمۇ تۈركىيەگە قارشى پوزىتسىيەسىنىڭ يىقىنقى كۈنلەردە تېخىمۇ قاتتىقلاشقانلىقى كۆرۈلمەكتە. ھەيئەتى تەھرىرىش شام تەشكىلاتى ئىچىدىكى بەزى گۇرۇپپىلار موسكۋا كېلىشىمىنى ھىلىھەم قوبۇل قىلغىنى يوق ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇزۇشقا تىرىشماقتا. يېقىندا ھەيئەتى تەھرىرىش شام تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرى تۈركىيە نىشان قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇم ئېلىپ باردى ۋە بىر تۈرك ئەسكىرى ھۇجۇمدا شېھىت بولدى. بۇ ۋەزىيەت كورونا يۇقۇمىدىن كىيىن تۈركىيەنىڭ ھەيئەتى تەھرىرىش شام تەشكىلاتىغا قارشى تىخىمۇ قاتتىق قول بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ- ئەلۋەتتە. ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئىدلىبتا سەرگەردان بولغان 1 مىليونغا يېقىن ئىنسان ئىدلىبنىڭ شىمالىغا قاپسىلىپ قالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. ھەممىلا يەردە دېگۈدەك ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ئىدلىب خەلقىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇشى كورونا ۋىرۈسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مەنتىقىلىق تاللاش بولالمايدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيەنىڭ قوللىشىدىكى سۈرىيە خەلق ئارمىيەسى كونترول قىلىۋاتقان رايۇنلاردا YPG-PKK نىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا. بولۇپمۇ «تىنچلىق بۇلىقى»  ھەرىكىتى رايونى دەپ ئاتىلىدىغان رەسۇلەيىن بىلەن تېل ئەبياد ئوتتۇرىسىدىكى رايونغا سىڭىپ كىرمەكچى بولىغان YPG تىررورچىلىرى پات پات بۇرنىغا يەپ كەلمەكتە.  YPG بۇ رايونلاردا بىر تاغ تېررورلۇقى ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، شەھەر بىخەتەر ئەمەس دېگەن تەسىر پەيدا قىلىش ئارقىلىق، مۇقىملىقنى بۇزۇشقا تىرىشماقتا. ئافرىندا PKK-YPG باشقىچە ئۇسۇلغا يۈزلەنگەندەك قىلىدۇ. 4-ئاينىڭ 28-كۈنى بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىل بىلەن ئىلىپ بىرىشقان ھۇجۇمدا50 دىن ئارتۇق پۇقرا قازا قىلدى.

تۈركىيەنىڭ كونتروللىقىدىكى رايۇنلاردا تېرورلۇق ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى PKK نىڭ بېشى ئەمدىلىكتە سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا ئېغىر دەرتتتە.  چۈنكى بۇ رايونلاردا يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان دائېشنىڭ تېرورلۇق ھۇجۇمىلىرى بىرقەدەر كۆپەيمەكتە. دائېش سۈرىيە ۋە ئىراق چىگرالىرىدىكى قۇملۇق رايۇنلىرىغا يوشۇرۇنۇپ، تېرورلۇق ھۇجىملىرىنى ئىلىپ بارماقتا. بۇ مۇقەررەر ھالدا ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ YPG غا تېخىمۇ كۆپ ياردەم قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. كورونا ۋىرۈسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرنىۋاتقان ئەسەد ھاكىمىيىتى بولسا، ئىغىر ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىققا مۇبتىلا ھالدا تۇرماقتا.

نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئامبارگولار رۇسىيە بىلەن ئىراننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن پاراكەندە قىلماقتا. كورونا ۋىرۈسىدىن كېيىنكى سۈرىيەدە يېڭى بىر باسقۇچنىڭ باشلايدىغان-باشلانمايدىغانلىقى نامەلۇم، ئەمما ھەر قايسى تەرەپلەر بۇنى كورونا ۋىرۈسىدىن  كېيىن قايتا ئورۇن ئىگىلەش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت دەپ قارايدىغاندەك قىلىدۇ.

 

لىۋىيەدە بولسا ئەھۋال تېخىمۇ خەتەرلىك ھالەتتە تۇرماقتا. گەرچە ب د ت 22-مارت يۇقۇم سەۋەبىدىن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەربىي ئىسيانچى ھافتەر ئۇرۇش توختىتىشقا ئەمەل قىلماي ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللىدى. كورونا يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتا قىيلىنىۋاتقان تىرابلۇستا مەقسەتلىق ھالدا سەھىيە بىنالىرىنى ھۇجۇم  نىشانى قىلدى. لېكىن لىۋىيە دۆلەتلىك مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھۆكۈمىتى قىسىملىرى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قوللاۋاتقان ھافتەرنىڭ پايتەخت ترابلۇسنى ئىشغال قىلىشىغا يول قويمىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، ھافتەر بەزى مۇھىم رايونلاردا چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى ۋە ئېغىر يۇقۇتۇشقا ئۇچرىدى. شۇنداقتىمۇ، ترابلۇسنىڭ جەنۇبىكى مەھەللىلەردە كونتروللۇقىنى ساقلاپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئارزۇ قىلغىنىغا ئېرىشەلمىگەن ھافتەر بۇ قېتىم يېڭى بىر ئىستراتېگىيەنى سىناق قىلىپ، 28-ئاپرېل توبرۇك مەركەزلىك پارلامېنتنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى پۈتۈن لىۋىيەنىڭ دۆلەت رەئىسى ئېلان قىلدى. لېكىن موسكۋادىن ئېلان قىلىنغان بايانات بىلەن، ھافتەرتاشلىغان قەدىمىنىڭ ھېچ نەرسىگە كارغا كەلمىگەنلىكىنى كۆردى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ ھافتەرنىڭ تەشەببۇسىنى «توغرا تاپمىغانلىقى» نى ئېلان قىلدى. بىنغازى خەلقى ۋە پارلامېنتىمۇ بۇ ئەھۋالدىن رازى ئەمەسلىكىنى، يېڭى بىر كاددافىنىڭ پەيدا بولىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش سۈپىتىدە يېنىك بولسىمۇ نارازىلىقىنى كۆرسەتتى.

نەتىجىدە ، ھافتەر بارغانسىرى ئاجىزلاۋاتقان ۋە  ئۆزى خالىغانغا ئېرىشەلمەيۋاتقان بىر ئاكتىيورغا ئايلاندى. ئەمما بۇ لىۋىيەدىكى ئىشلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. كورونا، توقۇنۇش، نېفىت باھاسى، ئەخلەت كرىزىسى، توك يېتىشمەسلىك ... قاتارلىقلار لىۋىيە مىقياسىدا  خەلىقنىڭ تايانچىنى تەدرىجىي ئاجىزلاشتۇرماقتا.  بۇ ئەھۋال ئىجتىمائىي داۋالغۇشنى تېزلىتىدىغان بىر بېسىم پەيدا قىلغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈردى. خەلقئارالىق كېلىشىملەردە ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ھېچقانداق يول خەرىتىسى ئەمەلگە ئاشمىدى. مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى لىۋىيەدە ئىشلار كۈنسېرى مۇرەككەپلەشمەكتە دېيىشكە بولىدۇ.

يەمەن بولسا يۇقۇمدىن ئىلگىرى ئاممىۋى ساغلاملىقتىكى ئەڭ ناچار توقۇنۇش رايونلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ھازىرغا قەدەر پەقەتلا بىرلا يۇقۇملىنىش بايقالدى. دۇنيا بويىچە يۇقۇملانغۇچىلار سانى ئەڭ ئاز دۆلەتلەر ئىچىدە  ئورۇن ئالدى. سەئۇدى ئەرەبىستان كورونا يۇقۇمىغا قارشى كۈرەشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، يەمەندىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىنى بىر مەزگىل توختاتقاندەك قىلىدۇ. بىراق بۇ ھەربىي توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.

كورونا يۇقۇمى ئوتتۇرا شەرقتە توقۇنۇشنى توختىتالمىدى، ئەمما توقۇنۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان نامزات كۈچ قاتارىدا ئانالىز قىلىنىشى كېرەك.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر