23 - ئاپرېل بالىلار بايرىمى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمى» دېگەن تېمىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1402403
23 - ئاپرېل بالىلار بايرىمى

دۇنيادىكى تۇنجى ۋە بىردىنبىر بالىلار بايرىمى بولغان 23 – ئاپرېلنىڭ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تەرىپىدىن پۈتكۈل دۇنيا بالىلىرىغا بېغىشلانغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

بۇ يىل 100 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن تۈركىيە بۈيۈك مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ قۇرۇلۇش ۋاقتى بولغان 23 – ئاپرېل بالىلار بايرىمى، 1935 – يىلى خەلقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق بايرىمى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، 23 – ئاپرېل مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىشكە باشلىدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇل تېشى قويۇلغان، ئىگىلىك ھوقۇق شەرتسىز ھالدا تۈرك مىللىتىنىڭ قولىغا ئۆتكەن بۇ بايرام كۈنى، بالىلار ئۈچۈنمۇ تەنتەنىلىك بىر بايرام كۈنىگە ئايلاندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك، كەلگۈسىنىڭ بالىلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەنچە بالىلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنىدى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتىنى، بايرام ئېلان قىلىپ پەقەت تۈركىيەدىكى بالىلارغىلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بارلىق بېغىشلىشى، ئاتاتۈركنىڭ بالىلارغا بولغان سۆيگۈسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر