18 – مارت چانەققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 105 – خاتىرە يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

تاجاۋۇزچىلار چانەققەلئە بوغۇزنى دېڭىز ئارقىلىق كېسىپ ئۆتەلمەيدىغىنلىقلىرىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنى باشلىدى.

1380676
18 – مارت چانەققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 105 – خاتىرە يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

18 – مارت چانەققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ 105 – خاتىرە يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان بولسىمۇ، بىراق ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق ئوسمانلىنى سەپنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇشنى پىلانغان ئىدى. شۇڭا ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە دېڭىز ئارمىيىسى چاناققەلئە بوغۇزىنى دېڭىز يولى ئارقىلىق كېسىپ ئۆتمەكچى بولدى. ئوسمانلى ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى بۇ تاجاۋۇزچىللىققا قارشى زور غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تاجاۋۇزچى ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلارنىڭ چېكىنىشى بىلەن ئۇرۇش ئاخىرىلاشتى. تاجاۋۇزچىلار بوغۇزنى دېڭىز ئارقىلىق كېسىپ ئۆتەلمەيدىغىنلىقلىرىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنى باشلىدى. تۈرك مىللىتى جاسارىتى ۋە پىداكارلىقى بىلەن شۇنچە ئېغىر زىيانلارغا قارىماستىن، ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ چاناققەلئە بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتىشىگە قەتئىي يول قويمىدى. «چاناققەلئەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ» دېگەن مەشھۇر سۆز، ھەم دوستلار، ھەم دۈشمەنلەرمۇ چۈشىنەلەيدىغان تىلدا تەكرارلانغان بولدى. مانا بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزلەر چانەققەلئە دېڭىز ئۇرۇشى زەپىرىنىڭ خاتىرە يىلىنى تېخىمۇ قىزغىن تەبرىكلىمەكتىمىز.

 


خەتكۈچ: #چانەققەلئە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر