نېفىت ئۇرۇشى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (11)

1377265
نېفىت ئۇرۇشى

نېفت ئۇرۇشى

نېفىت ئۇرۇشى

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە  سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «نېفىت ئۇرۇشى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

«Opec plus» ئىسىملىك ​​نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن رۇسىيە قۇرۇپ چىققان مەخسۇس قۇرۇلما ئۇزۇندىن بۇيان تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش ئارقىلىق نېفىت باھاسىنىڭ مەلۇم سەۋىيەدە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىپ كەلدى. بولۇپمۇ، ئامېرىكالىق نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ​​نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى «Opec» ئەزالىرىنىڭ بازار ئۈلۈشىنى تەدرىجىي يوقىتىپ قويۇش بىلەن بىرگە، باھا مۇقىملىقىنى ساقلاش جەھەتتە ئىككىلىنىشكە دۇچار بولۇۋاتقانلىقى كۆرۈلمدى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار بىر ئاماللار بىلەن ھەمكارلىقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

بىراق، ۋۇخەن ۋىرۇسى پەيدا قىلغان يېڭى دولقۇن بارلىق دۆلەتلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىشكە باشلاپ، نېفىت بازىرىمۇ قاتتىق زەربىگە ئۇچرىدى. ئەينى ۋاقىتتا دۇنيا ئىقتىسادىدا تەۋرىنىش ۋە يېڭى بىر تورمۇزلىنىپ قىلىش مۇساپىسى قوزغىلىشى بىلەن تەڭ، نېفىت بازىرىدا تەلەپ تۆۋەنلەپ كېتىش ھادىسىسى كۆرۈلدى.  شۇنىڭ بىلەن «Opec plus» ​​نېفت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزالىرى ئۆزئارا ھەمكارلىق ئۇياقتا تۇرسۇن، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە روسىيە باشچىلىقىدىكى ئىككى تەرەپ بېلەك كۈچى رىقابىتىگە كىرىشىپ كەتتى.

ئەمدى دىققىتىڭلار، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىدا بولسۇن!

**** ** ****** *** *** ***** ***

 

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ۋۇخەن ۋىرۇسى يەر شارى خاراكتېرلىق سەھىيە خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن باشقا يەنە، دۇنيا ئىقتىسادىنىمۇ تەۋرىتىشكە باشلىدى. ۋىرۇس تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ، بولۇپمۇ خىتايغا ۋە نۇرغۇن تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. كارانتىناغا ئېلىنغان كىشىلەر ئىستېمال چىقىملىرىنى تېزلىكتە ئازايتىشقا باشلىدى. بۇ خىل ئەھۋالدا تەبىئىي ھالدا، نېفىت قاتارلىق بارلىق تاۋارلارنىڭ ئىستېمال نىسبىتى تېز تۆۋەنلەشكە باشلىدى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارا پۇل - مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى شۇنداقلا بانكىلارنىڭ باھالالشلىرىغا قارىغاندا، يەر شارى خاراكتېرلىك چېكىنىش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى چوڭ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نېفىتكە بولغان تەلەپنىڭ 2020 – يىلى بويىچە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. دۇنيا ئېنېرگىيە ئاجناتىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، نېفىتقا بولغان ئېھتىياج كۈنىگە كەم دېگەندە 3 - 4 مىليون ۋارىل ئازىيىپ كېتىدىكەن.

بىر تەرەپتە نېفىت بازىرىدا ئېھتىياجنىڭ بۇ دەرىجىدە قاتتىق تۆۋەنلەپ كېتىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ تاش نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئىزچىل ئېشىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئامېرىكا كۈنىگە تەخمىنەن 12 - 13 مىليون ۋارىل نېفىت ئىشلەپچىقارماقتا. تاش نېفىت ۋە تەبىئىي گازنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئىلغار تېخنىكىلىرى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى كۈندىن - كۈنگە تۆۋەنلەتمەكتە. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە رۇسىيەگە ئوخشاش ئەنئەنىۋى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچىلار، بۇ ئېھتىياج ۋە تەمىنلەش مەركەزلىك ئەكىس تەسىرلەر سەۋەبىدىن چوڭ رىقابەتكە دۇچار بولماقتا.

*** ****** ****** ******

سەئۇدى ئەرەبىستان «Opec plus» ​​نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى كېلىشىمىنى داۋاملاشتۇرۇشنى، ھەتتا 1 مىليون 500 مىڭ ۋارىل قوشۇمچە قىسىش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى كېمەيتىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، روسىيە تەمىنلەشنى كېمەيتىشنىڭ ئامېرىكا قاتارلىق رەقىبلىرىگە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ۋە بارغانچە بازار ئۈلۈشىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېڭى كېلىشىمنىڭ ئىچىگە كىرىشنى خالىمىدى.

ۋيېنادا ئۆتكۈزۈلگەن «Opec» ​​نېفت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆزئارا قىلىچلار غىلاپتىن چىقىشقا باشلىدى. روسىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ھەر ئىككىسى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش يولىغا مېڭىپ، بازار ئۈلۈشىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ ئەھۋال نېفىت باھاسىنىڭ تەخمىنەن% 30 تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، نېفىت 20 دوللارغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق بىز نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ چوڭ ئىقتىسادىي كرىزىسقا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر