بىر قانچە ئەسىرلىك ئۆتمۈشكە ئىگە سەھىيە مۇزېيى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «سەھىيە مۇزېيى» ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1365415
بىر قانچە ئەسىرلىك ئۆتمۈشكە ئىگە سەھىيە مۇزېيى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

بىر قانچە ئەسىرلىك ئۆتمۈشكە ئىگە سەھىيە مۇزېيى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

ئەدىرنەدىكى سەھىيە مۇزېيىنىڭ سۇلتان ئىككىنچى بەيازىدنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن 1488 – يىلى ئېچىلغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ ياخشى سەھىيە مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

سۇلتان ئىككىنچى بەيازىد، 1484 – يىلى ئەردىرنەدە «دەردلىرى (كېسەللىرى) گە شىپالىق ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن» بىر دارۇششىفا (شىپاخانا) سېلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. پادىشاھنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەستىن قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنى باشلىغان بىناكار ھايرەتتىن، بۇ ئابىدە ئەسەرنىڭ بىناكارى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

سېلىنغان مەزگىلىدە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ ئەڭ ياخشى دوختۇرخانىلىرىنىڭ بىرى بولغان دارۇششىفا، 1488 – يىلىدىن 1877 – يىلىغىچە بېمارلار دەردلىرىگە شىپا ئىزەيدىغان ئەڭ مۇھىم سەھىيە مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولىدۇ. قۇرۇلۇش ئارخىپىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، دوختۇرخانىدا كۆز دوختۇرىمۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن. كېيىنكى چاغلاردا شىپاخانا، روھىي كېسەللەرگىمۇ قاراشقا باشلىغان ۋە بېمارلار ئۆز دەۋرىنىڭ تېببىي تېخنىكىسى ۋە دورىلىرى بىلەن بىرگە سۇ ئاۋازى، مۇزىكا، خۇشپۇراق نەرسىلەر ئارقىلىقمۇ داۋالانغان. 1850 – يىللاردىن كېيىن مەركەز تاشلىنىپ قېلىشقا يۈزلىنىپ، ئاستا – ئاستا فۇنكسىيەسىنى يوقىتىپ قويغان. 1896 بىلەن 1910 – يىللار ئارىسىدا تۇنجى قېتىم رېمونت قىلىنغان ۋە 1916 – يىلىغىچە روھىي كېسەللەرگە مۇلازىمەت قىلغان.

1993 – يىلى دارۇششىفانى تراكيا ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىر سەھىيە مۇزېيىغا ئايلاندۇرۇش خىزمەتلىرى باشلىغان، 2000 – يىلى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن مۇزېي، 2004 – يىلى «ياۋروپانىڭ ئەڭ ياخشى مۇزېيى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر