ئىدلىبتە ئەسەد ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى تىنچلىققا مەجبۇرلاش

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (07)

1359015
ئىدلىبتە ئەسەد ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى تىنچلىققا مەجبۇرلاش

ئىدلىبتە ئەسەد ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى تىنچلىققا مەجبۇرلاش

ئىدلىب كىرىزى

(جان ئاجۇن)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىلەرگە «ئىدلىبتە ئەسەد ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى تىنچلىققا مەجبۇرلاش» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

 

ئەسەد قىسىملىرى، رۇسىيە ۋە ئىراننىڭ كۈنسىرى ئاشۇرۇلىۋاتقان ياردەملىرى سايىسىدا، ئاستانە كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا، ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۈپ، ئىستىراتېگىيەلىك ئەھىيەتكە ئىگە «M4-M5» يولىنىڭ كونتىروللۇقىنى ئالقىنىغا كىرگۈزىۋىلىشقا ئازلا قالغان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا. سەراقىبتىن ئەلئەيس يېزىسىگىچە بولغان رايونلارنى كونتىروللۇقىغا كىرگۈزىۋالغان ئەسەد قىسىملىرى يېقىنقى بىر يىلدا بىر يېرىم مىليونغا يېقىن كىشىنى يۈرت ماكانلىرىدىن ئايرىپ قويدى. ئىدلىبكە قاراتقان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكىتى، ئەسلىدە ئەسەد قىسىملىرى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى تاشلاپ، بىر ھەربىي زەپەر ئېلان قىلىشنىڭ كويىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. تۈركىيە بولسا، تاشلىغان ھەربىي قەدەملىرى بىلەن بۇنداق بولۇشىغا يول قويمايدىغانلىقىنى نامايان قىلماقتا.

تۆۋەندە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇننىڭ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانىلىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

*** *** ** ****** **** *****

ئەسەد قىسىملىرى يېقىنقى 2 ھەپتىدىن بېرى ئىدلىبتىكى ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى. قۇرۇغلۇقتىن ئىرانغا قاراشلىق شىئە مىلىتانلار، ھاۋادىن رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ زور ياردىمى سايىسىدا، قوزغىلاڭچىلارغا قارشى ئىلگىرىلەشلىرىنى داۋاملاشتۇردى. 

ئىدلىبنىڭ ئەڭ چوڭ يېزىسى بولغان مائارەت ئەل نۇماننىڭ كونتىرللۇقىنى تارتىۋالغاندىن كېيىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، «M4-M5» يوللىرىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە سەراقىبنى ئالقىنىغا كىرگۈزاۋالدى. يۈز مىڭلىغان ئىنسان ئوق بومبىلارنىڭ ئاستىدا رايوندىن تۈركىيە چېگراسىغا قاراپ قېچىشقا باشلىدى.  تۈركىيە بۇ ئەھۋالغا قارىتا جىددىي ھالدا ئىدلىبتە ھەربىي تولۇقلىما خىزمەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەسەد قىسىملىرىغا ئۇلىتىماتۇم (ئاخرىقى ئاگاھلاندۇرۇش) بېرىشكە مەجبۇر بولدى. بىراق ئەسەد قىسىملىرى سەراقىب ۋە تەفتاناز رايونلىرىدا بىۋاستە تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلدى. بۇنىڭغا جاۋابەن تۈركىيەمۇ سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان تۈنجى قېتىم سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرىغا كەڭ - كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇر بولدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيە قىسىملىرىغا «ئەگەر فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە سۈرىيە ھۆكۈمىتى قىسىملىرى سوچى كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن چېگرا دائىرىسىگە چېكىنمەيدىكەن، بىز ھەربىي مۇداخىلە قىلىش ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىمىز» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ئارقىلىق ئەسەد قىسىملىرىغا چېكىنىشكە مۇددەت بەردى.

ئەردوغاننىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىدلىبكە ئېغىر قوراللىق قىسىملارنى يوللىشى، تۈركىيەنىڭ رايونغا قاراتقان ھەرىكەت مېتودىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىمىزنى كۆسىتىپ بەرمەكتە.

تۈركىيە ھازىرمۇ رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ئاساسىنى تىكلەپ، ئەسەد ھۆكۈمىتى قىسىملىرىنى سوچى كېلىشىمىدە بەلگىلەنگەن چېگرانىڭ سىرتىدا تۇتۇشنى ئارزۇ قىلماقتا. ئەگەر بۇ ئىشقا ئاشمىغان تەقدىردە (تولىمۇ تۆۋەن ئېھتىماللىق بار)، تۈركىيە ۋە قوزغىلاڭچىلار ئەسەد قىسىملىرىنى، تۈركىيەنىڭ 12 كۆزىتىش نۇقتىسنىڭ ئۇ تەرىپىگىچە چېكىندۈرىدىغان بىر ھەربىي ھەرىكەت باشلىشى مۇمكىن.

ئەسەد قىسىملىرىدىن باشقا يەنە، رۇسىيەنىڭ يېقىنكى مەزگىلدە سۈرىيەدە تاشلىغان قەدەملىرى تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سالماقتا. رۇسىيە بىر ئىتىپاقداش بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ قىممىتىنى تونۇپ يېتىدىغان چاغ يېتىپ كەلدى. تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەل قىلىش چارىسىنى كۈچەيتىشى بىلەن تىنچلىقنىڭ قەدرىگە يېتىلىشى ۋە رۇسىيەنىڭ بۇنى ياخشى چۈشۈنۈپ يېتىشى زورۈردەك قىلىدۇ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر