تۈركلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىچىملىكى - سالەپ

تۆۋەندە دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «سالەپ» توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1351031
تۈركلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىچىملىكى - سالەپ

تۈركلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىچىملىكى - سالەپ

تۈركلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئىچىملىكى بولغان سالەپنىڭ ئوركىدە يىلتىزىدىن ياسىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ئوركىدە دېيىلگەن ھامان ئىنساننىڭ ئەقلىگە تروپىك بەلباغدا ئۆسىدىغان گۈل – چېچەكلەر كېلىدۇ.  ھالبۇكى، تۈركىيە ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ كۆپ تەبىئىي ئوركىدە يېتىشىدىغان دۆلىتىدۇر.

ئانادولۇدا ئوركىدە تۈرلىرى ئومۇمەن «سالەپ» ياكى «شالەپ» دېگەندەك ئىسىملار بىلەن ئاتىلىدۇ. سالەپ سۆزى قەدىمكى ئانادولۇ تىللىرىدىن كەلگەن بىر سۆز بولۇپ، شېپا بولۇش، ياخشىلاش دېگەندەك ئۇقۇملارنى بىلدۈرىدۇ. مىڭلارچە يىلدىن بۇيان ئانادولۇ ئىنسانلىرى ئوركىدە تۈرلىرىدىن يېمەكلىك ۋە دورا قىلىش نىيىتىدە سالەپ ياسىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئىسمى سالەپ دەپ ئاتىلىپ قالغان.

140 خىلغا يېقىن ئوركىدە تۈرى يېتىشىدىغان تۈركىيە زېمىنلىرىدىكى بۇ ئوركىدەلەرنىڭ 40 خىلغا يېقىنى ئانادولۇ زېمىنلىرىغا خاس يەرلىك ئۆسۈملۈك تۈرىدۇر. كۆپ ئۇچرايدىغان، ئانادولۇدا سالەپ ياكى سالەپ چېچىكى دەپ ئاتىلىدىغان يەرلىك ئۆسۈملۈكلەردىن «داكتيلورھىزا ئوسمانىكا» ناملىق ئوركىدەلەرنىڭ يىلتىزلىرى سالەپ ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ. ماي ۋە ئىيۇن ئايلىرىدا قىزىل رەڭلىك ئېچىلىدىغان بۇ ئوركىدەلەرنىڭ يىلتىزلىرى گۈمۈشخانە ئەتراپىدا سوقۇلۇپ توزغا ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، سۈت بىلەن پىشۇرۇلۇپ ئۇزۇقلۇق سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدۇ. بۇ ئوركىدە تۇنجى بايقالغان ۋە ئەڭ مۇھىم يېتىشىش جايلىرىنىڭ بىرى قاھرامانماراشنىڭ ئەلبىستان ناھىيەسىدۇر. بۇ ئوركىدەدىن ياسالغان سالەپ ھەم قىشتا قىزىق ھالەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ، ھەم ماراش مۇز قايمىقىغا سېلىنىپ، ئۇنىڭغا ئۆزگىچە تەم قېتىلىدۇ.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر