تۈركىيەدىكى تۇنجى مېترو يولىنىڭ قاچان خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈنەل / مېترو» غا دائىر ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1320910
تۈركىيەدىكى تۇنجى مېترو يولىنىڭ قاچان خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

تۈركىيەدىكى تۇنجى مېترو يولىنىڭ قاچان خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

تۈركىيەدە تۇنجى مېترونىڭ 1875 – يىلى ئىستانبۇلدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

دۆلىتىمىز (تۈركىيە) دە تۇنجى مېترو يولى 1870 – يىلى ئىستانبۇلدا ياسىلىشقا باشلاندى ۋە 1875 – يىلىدىن باشلاپ خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى. 1867 – يىلى ئىستانبۇلغا ساياھەتكە كەلگەن ھېنرى گاۋاند ئىسىملىك فىرانسىيەلىك ئىنژېنېر تەرىپىدىن پىلانلانغان 601 مېتىرلىق بۇ يول «تۈنەل – تونېل» دەپ ئاتالدى. ئۇ دەۋردىكى ئىسمى بىلەن گالاتا بىلەن پېرانى؛ ھازىرقى ئىسمى بىلەن قاراكۆي بىلەن بەيئوغلۇنى ئەڭ قىسقا جايدىن بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرغان تونېل، ئارقان سىم سىستېمىسى بىلەن ئىشلەيتتى.

زامانىمىزدا ئوتتۇرىچە 181 قېتىم قاتنايدىغان تونېل ياكى تۈركچە تۈنەل، 350 ئات كۈچىدىكى ئېلېكتىر سىستېمىسى بىلەن 573 مېتىرلىق مۇساپىنى 90 سىكۇنىتتا باسىدىغان بولۇپ، 16 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئىككى ۋاگونىغا بىر قېتىمدا 170 ئادەم سىغىدۇ.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر