«تارھانا شورپىسى» دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى رىۋايەت

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تارھانا شورپىسى» غا دائىر ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1316654
«تارھانا شورپىسى» دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى رىۋايەت

«تارھانا شورپىسى» دېگەن ئىسىمنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى رىۋايەت

ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ئېتىدىغان «تارھانا شورپىسى (ئېشى)» نىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ دەسلەپكى نەزىر ئاشلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تارھانا شورپىسى ئۇن، قېتىق، ئېچىتقۇ، كۆكتات ۋە دورا – دەرمەكلەرنىڭ ئارىلاشتۇرۇلۇشى، ئېچىتىلىشى، قۇرۇتۇلۇشى ۋە ئېزىلىشى نەتىجىسىدە ھاسىل قىلىنىدىغان ئېچىتىلغان ئەنئەنىۋى دانلىق مەھسۇلات يېمەكلىكىدۇر. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى ئېتىدىغان «تارھانا»نىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەييار شورپىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم. سالجۇقىيلار سايىسىدا ئوتتۇرا شەرق ۋە ئانادولۇغا كەلتۈرۈلگەن تارھانانىڭ ئىسمىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى توغرىسىدا جەزملەشكەن ئۇچۇرلار يوق. گىرېكلەر تارھانانى «ترھانا» دەپ ئاتايدۇ ۋە ئىستېمال قىلىدۇ.

تارھانا سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئالاقىدار بەزى رىۋايەتلەر بار: ئەڭ كەڭ ئومۇملاشقان رىۋايەت، «دار خانە (تار خانە)» دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەنلىكى توغرىسىدىكى رىۋايەتتۇر... بىر رامىزان ئېيىدا سۇلتان بىر نامراتلار مەھەللىسىگە بارىدۇ ۋە ئىپتار ۋاقتى بولغاندا ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقان بىر ئۆيگە مېھمان بولۇپ كىرىدۇ. ئۇ، داستىرخاندا بىر قاچا سۇيۇقئاش ۋە بىر ناننى كۆرىدۇ. سۇلتان ئاشنى ئىچىپ ناھايىتى ياقتۇرىدۇ ۋە ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورايدۇ. ئۆي ئىگىسى ياشانغان ئايال تارتىنغان ھالەتتە «سۇلتانىم دار خانە شورپىسىدۇر (نامرات ئۆينىڭ ئېشىدۇر)، سىزنىڭ ئالدىڭىز قويالىغان ئەڭ ياخشى نەرسەم بۇ، ئاش بولسۇن» دەيدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئەينى چاغدا «دار خانە» دەپ ئاتالغان بۇ ئاش، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ «تارھانا» غا ئايلىنىدۇ.

تۈركىيەدە تارھانا كۈلتۈرى ھەممىدىن بەك قاھرامانماراشتا گۈللەنگەن بولۇپ، ناھايىتى كۆپ تارھانا تۈرى بار. يەنە ئۇشاق، ئافيونقاراھىسار، مالاتيا ۋىلايەتلىرى، باندىرما، گۆنەن، گەدىز، بەيپازارى ناھىيەلىرى تارھانالىرى بىلەن داڭق چىقارغان جايلار ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر