ئۇلۇبۇرۇن كېمىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئۇلۇبۇرۇن» غا دائىر ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1283859
ئۇلۇبۇرۇن كېمىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

«ئۇلۇبۇرۇن» كېمىسى ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

قېزىش ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىقىرىلغان ئەڭ قەدىمىي كېمىلىرىنىڭ بىرىنىڭ 3300 يىللىق تارىخقا ئىگە «ئۇلۇبۇرۇن» ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

1882 – يىلى ئانتاليانىڭ قاش ناھىيەسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا يەرنىڭ 44 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدىن تېپىلغان ئۇلۇبۇرۇن كېمىسى قالدۇقى، تارىختا قېزىپ چىقىرىلغان ئەڭ قەدىمىي ئوچۇق دېڭىز كېمىلىرىنىڭ بىرىدۇر. مىس دەۋرىگە ئائىت ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان ئۇلۇبۇرۇن دەپ نام بېرىلگەن كېمىنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 14 – ئەسىردە ياسالغانلىقى ئېنىقلاندى. ئۇلۇبۇرۇن كېمىسىگە يۈكلەنگەن يۈك، مىس، قەلەي ۋە ئەينەك بىلەن ھەرخىل دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەشيالاردىن تەشكىل تاپاتتى. ئارخېئولوگلار نۇقتلىق ھالدا تەكشۈرگەن ماددا بولسا، مىسىر پىرئەۋنى ئاخېنېتوننىڭ ئايالى نېفېرتىتىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان مۆھۈردۇر. چۈنكى بۇ، مەلىكىنىڭ ھازىرغىچە يېتىپ كەلگەن بىردىنبىر ئالتۇن مۆھۈرى ھېسابلىنىدۇ.

يەرنىڭ تەخمىنەن 45 مېتىر چوڭقۇرلۇقىدىن تېپىلغان ئۇلۇبۇرۇن كېمىسىنىڭ قالدۇقى ھازىرغىچە مۇشۇنچىلىك چوڭقۇرلۇقتىن قېزىپ چىقىرىلغان نادىر كېمە قالدۇقلىرىنىڭ بىرىدۇر. قالدۇقلار يەرنىڭ 44 مېتىر بىلەن 52 مېتىر ئارىسىدىكى چوڭقۇرلۇقلىرىدىن قېزىپ چىقىرىلدى...

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر


خەتكۈچ: #ئۇلۇبۇرۇن

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر