خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقى ئۈستىدە مۇلاھىزە

بۈگۈنكى «كەڭ نۇقتىئىينەزەر» ناملىق پىروگراممىمىزدا، خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقى ۋە خوڭكوڭ مەسىلىسى قىسقىچە مۇلاھىزە قىلىندى.

1281413
خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقى ئۈستىدە مۇلاھىزە

خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقى ئۈستىدە سۆھبەت

2019-يىلى 1-ئۆكتەبىر خىتاي قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70-يىللىقى كەڭ كۆلەملىك مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەندى. مۇراسىمغا، 15 مىڭ ئەسكەر –ساقچى، 500 نەچچە تانكا-بىرونېۋىك، راداردا كۆرۈنمەس ئايروپىلانلار، «41-شەرق شامىلى» ناملىق بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار قاتناشتۇرۇلدى. شى جىنپىڭ قىسقا نۇتۇق سۆزلىدى. بۇلار دۇنياغا ۋە دۆلەت ئىچىگە قانداق سىگنال بېرىدۇ؟

پاراتتا، كونا رەھبەرلەرنىڭ كېيىنرەك سەھنىدە كۆرۈنۈشى، كونا-يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ زىددىيىتىدىن بېشارەت بېرەمدۇ؟

بېيجىڭدا دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولسا، خوڭكوڭدا بۇنىڭغا قارشى نامايىش داۋاملاشتى. خوڭكوڭ مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىنىشى مۇمكىن؟ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟

يۇقىرىدىكى سوئاللار بويىچە، ئەنقەرە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرستېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر