چارۋىچى قورۇمىسى

«چارۋىچى قورۇمىسى» ئېتىش ئۇسۇلى.

1265215
چارۋىچى قورۇمىسى

چارۋىچى قورۇمىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: رىۋايەت قىلىنىشىچە، تۈرك تائاملىرى ئارىسىدا تەييارلىنىشى قولاي، لەززەتلىك بىر تائام بولغان «چارۋىچى قورۇمىسى»، چارۋىچىلارنىڭ يېزىلاردىن يىراقتىكى ۋاقىتلىرىدا بىمالال ھالدا ئېتەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغانمىش.

بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا، بولۇپمۇ پەمىدۇر ۋە مۇچ كۆپ ئىشلىتىلىش ئارقىلىق لەززەتلەندۈرۈلۈپ ئېتىلىدىغان، «چارۋىچى قورۇمىسى» ئېتىش ئۇسۇلى ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز.

«چارۋىچى قورۇمىسى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • بىر قوشۇق سېرىق ماي
  • بىر قوشۇق ئاپتاپپەرەس يېغى
  • 750 گىرام پاقلان گۆشى
  • 15 – 20 دانە يېشىل پىياز
  • 4 – 5 دانە سامساق
  • 4 – 5 دانە ئىتالىيە مۇچى
  • تۇز
  • قارىمۇچ
  • قىزىلمۇچ
  • 3 دانە پەمىدۇر
  • بىر ئىستاكان گۆش سۈيى
  • قۇرۇق چۆل رەيھىنى
  • بىر دانە پىيازنىڭ سۈيى
  • 30 مىللىلېتىر ﺋﺎﻟﻤﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺴﯜﻳﻰ

«چارۋىچى قورۇمىسى» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

گۆشلەرنى بىر قاچىغا قويۇپ، ئۈستىگە پىيازنىڭ سۈيى، ئالما ئاچچىقسۈيى، تۇز، قارىمۇچ قاتارلىقلارنى ئىلاۋە قىلىڭ، ئاندىن توڭلاتقۇغا سېلىپ، 20 مىنۇت كۈتۈڭ.

بۇ ئارىلىقتا، ئاپتاپپەرەس يېغى بىلەن سېرىق ماينى ئىسسىتىڭ.

گۆشلەرنى ياغقا چىلىغاندىن كېيىن، سۈزۈپ، ياغدا 15 مىنۇت ئوتتۇرىھال ئوتتا قورۇڭ.

يېشىل پىياز بىلەن سامساقنى ئىلاۋە قىلىپ، بەش مىنۇت قورۇڭ.

چوڭ – چوڭ توغرالغان مۇچلارنى ئىلاۋە قىلىپ، بەش مىنۇت قورۇڭ.

پەمىدۇرلارنى شېكەر شەكلىدە توغراپ، يەنە بەش مىنۇت قورۇڭ.

گۆش سۈيى بىلەن قۇرۇق چۆل رەيھىنىدىن باشقا دورا – دەرمانلارنىمۇ ئىلاۋە قىلىپ، ئوتنى بىرئاز پەسەيتىڭ.

قازاننىڭ تۇۋىقىنى يېپىڭ ۋە تاكى گۆشلەر يۇمشىغانغا قەدەر 40 مىنۇتتەك پىشۇرۇڭ.

ئوچاقتىن ئېلىشتىن بۇرۇن، ئۈستىگە قۇرۇق چۆل رەيھىنى سېپىپ، ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر