تۈركىيەلىك داڭلىق كىنو ئارتىسى تۈركان شوراي ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا تۈركىيەلىك داڭلىق كىنو ئارتىسى «تۈركان شوراي» غا دائىر ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1262941
تۈركىيەلىك داڭلىق كىنو ئارتىسى تۈركان شوراي ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

تۈركىيەلىك داڭلىق كىنو ئارتىسى تۈركان شوراي ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟

دۇنيانىڭ ئەڭ كۆپ فىلىمدە رول ئالغان ئايال ئارتىسىنىڭ تۈركان شوراي ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈرك كىنوچىلىقىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئايال ئارتىسلىرىنىڭ بىرى بولغان تۈركان شوراي، ھازىرغىچە 222 دەك فىلىمدە رول ئېلىپ، «دۇنيانىڭ فىلىملەردە ئەڭ كۆپ رول ئالغان ئايال ئارتىسى» رېكورتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

1960 – يىللاردىن تارتىپ نامى چىقىشقا باشلىغان تۈركان شوراي، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كەڭ ئاممىنىڭ يۇقىرى باھاسى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. رول ئالغان فىلىملىرىدە ئەكس ئەتتۈرگەن ھەرخىل ئاياللار خاراكتېرلىرى بىلەن جەمئىيەتنىڭ كۆپلىگەن قاتلاملىرىغا خىتابقا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.

تۈرك كىنوچىلىقىنىڭ سۇلتانى دېگەن ئۇنۋاننى تاج قىلىپ كىيگەن تۈركان شوراي، كىنوچىلىقتا رول ئېلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەنلا ئەمەس، رىژېسسورلۇق جەھەتتىكى قابىلىيىتى بىلەنمۇ ئۆزىنى ئىسپاتلىغان بىر ئارتىس ھېسابلىنىدۇ.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر