«مۇتانجانا» ئېتىش ئۇسۇلى

تۈرك تائاملىرىدىن «مۇتانجانا» ئېتىش ئۇسۇلى.

1224238
«مۇتانجانا» ئېتىش ئۇسۇلى

«مۇتانجانا» ئېتىش ئۇسۇلى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركلەر، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇغا كۆچكەندىن  كېيىن ئانادولۇدا سەلچۇىىيلار ئىمپېرىيەسى ۋە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى قاتارلىق ئىمپېرىيەلەرنى قۇردى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئوخشىمىغان قەۋملەر بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، تۈركلەرنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرىنىڭ تۈرىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بېيىدى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئامېرىكىدىن خىتايغىچە، رۇسىيەدىن ئافرىقىغىچە دۇنيانىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە ئائىت لەززەتلىك تائاملارنىڭ ئىزلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. گەرچە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى كۈنىمىزدە ئەمەلىيەت جەھەتتىن مەۋجۇت بولمىسىمۇ، لېكىن، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە خاس تائاملار دۇنيانىڭ كۆپلىگەن ئاشخانىلىرىدا ھەم تېخنىكىلىرى، ھەم يېمەكلىرى، ھەمدە مەدەنىيىتى بىلەن بىرگە ياشىماقتا.  بۈگۈن سىلەرگە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن قالغان تائاملاردىن بىرى بولغان «مۇتانجانا» نى تونۇشتۇرىمىز.    

«مۇتانجانا» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 800 گىرام پاقلان گۆشى
  • 100 گىرام كىچىك توغرالغان پىياز
  • 50 گىرام بادەم مېغىزى
  • 50 گىرام ئۆرۈك
  • 50 گىرام قۇرۇق ئەنجۇر
  • 50 گىرام ئالۇچا قېقى
  • ئىككى قوشۇق سېرىق ماي
  • ئىككى قوشۇق ھەسەل
  • تۇز
  • ئىككى ئىستاكان ئىسسىق سۇ
  • ئىككى چاي قوشۇقى مەستتىكى رۇمى

«مۇتانجانا» ئېتىش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  • ئالدى بىلەن، يوغان بىر قازاندا سېرىق ماينى ئېرىتىڭ، ئاندىن سېرىق مايغا گۆشنى ئىلاۋە قىلىپ، تاكى گۆشنىڭ سۈيى قالمىغانغا قەدەر قورۇڭ.
  • ئارقىدىن ئۇششاق توغرالغان پىيازلارنى ئىلاۋە قىلىپ، 2 – 3 مىنۇتتەك قورۇڭ.
  • ئىسسىق سۇنى ئىلاۋە قىلغاندىن كېيىن، ئاستا ئوتتا 45 مىنۇتتەك پىشۇرۇڭ.
  • ئۈزۈم،  ئالۇچا قېقى، ھەسەل، تۇز قاتارلىقلارنى ئىلاۋە قىلىپ، يەنە 5 مىنۇت پىشۇرۇڭ.
  • باشقا بىر قازاندا قايناق سۇدا پىشۇرۇلغان بادەمنى، ئۇششاق توغرالغان ئەنجۇرلارنى ۋە ئۆرۈكنى مايدا قورۇڭ.
  • ئالدى بىلەن، مايدا قورۇلغان مېۋە – چېۋىلەرنى گۆشكە ئىلاۋە قىلىڭ،  ئاندىن، بىرلىكتە بىرقانچە مىنۇت پىشۇرۇڭ، ئارقىدىن ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ.  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر