تۈركىيە نېمە ئۈچۈن«400-S» سېتىۋالىدۇ؟

رۇسىيە تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتى باشلىقى، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور سالىھ يىلمازنىڭ «تۈركىيە نېمىشقا سېتىۋالىدۇ؟ تېمىلىق ئالىزى ھۇزۇرۇڭلاردا....

1218215
تۈركىيە نېمە ئۈچۈن«400-S» سېتىۋالىدۇ؟

تۈركىيە ھۆكۈمىتى «400-S» مەسىلىسىدە بېسىملارغا بويۇن ئەگمەيدۇ

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەردوغاننىڭ 2019 – يىلى 12 – ئىيۇندىكى ئەڭ يېڭى باياناتىدا، «تۈركىيە <400-S>ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋالىدۇ، دېمەيۋاتىمەن، سېتىۋالدى. بىز بۇ ئىشنى ئاخىرلاشتۇردۇق. <400-S> لەر باھاسىنىڭ مۇۋاپىق بولۇشى بىلەن بىرگە، ئورتاق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋەدسىنى ئالغان ھالدا كېلىشىم ئىمزالىدۇق. ئىنشائاللاھ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كېلىدۇ. سۈرىيە كىرىزىسىنى <400-S> ۋە ف-35 تىن ئايرىپ چۈشەنگىلى بولمايدۇ» دېيىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئىرادىسىنى نامايان قىلغان بولدى.

يەنە شۇ كۈنى 12 – ئىيۇن رۇسىيە كۈنىدە رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكسېي يېرخوۋمۇ، رۇسىيەنىڭ «400-S»لەر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى، تۈركىيە – رۇسىيە تېخنىك خادىملىرىنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

باياناتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ بارلىق ئوچۇق بېسىملىرىغا قارىماي، تۈركىيە يېڭى ۋە مۇھىم بىر پوزىتسىيەنى نامايان قىلماقتا. «400-S» لەرنىڭ دەسلەپكى سايمانلىرىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا تۈركىيەگە كېلىشكە باشلايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. رۇسىيە – تۈركىيە ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، «400-S» لەر پەقەت تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى زېمىنلاردىلا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ ماددىغا قارىغاندا، يېقىنقى مەزگىللەردە ئارقا – ئارقىدىن كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلگەن تۈركىيە ئېلىپ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە سېتىشى مۇمكىنمۇ؟ دېگەندەك دەتالاشلارنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوق. لېكىن، تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن بولغان كىرىزىس چوڭقۇرلىشىپ كەتسە، بۇ سىستېمىنى ئۆز بازىسى بولغان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىمۇ ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن.

تۈركىيە «400-S» لەرنى مۇداپىئە قورالى سۈپىتىدە سېتىۋالىدۇ

تۈركىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئېھتىياجى 1 يىللىق بىر مەسىلە بولماستىن، يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان بۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا. تۈركىيە نېمىشقا «400-S» سېتىۋېلىش ئېھتىياجى ھېس قىلدى؟ چۈنكى تۈركىيە، ناتو ئىتتپاقدىشى ئامېرىكا ۋەتەنپەرۋەر ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسى سېتىۋېلىش تەلىپىگە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىغاندىن كېيىن، پەرقلىق يوللارنى ئىزدەپ، رۇسىيەنىڭ جەزبىدار تەكلىپىگە قاراپ چىقتى ۋە «400-S» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىدلى. لېكىن، نۆۋەتتىكى مۇساپىدە «400-S»ھەربىي سىستېما بولۇشتىن چىقىپ، ئامېرىكا تەرەپتىن بىر سىياسىي مەسىلىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇلماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، تۈركىيە رۇسىيەدىن «400-S» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى سېتىۋالغان تەقدىردە، ھەرخىل ئېمبارگولارنىڭ يۈرگۈزۈلۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويماقتا. ھەتتا يېقىندا، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ۋەكىلى پاترىك شاناھاننىڭ تۈركىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقارغا يازغان مەكتۇپىدا ئېمبارگولار تىلغا ئېلىندى ۋە تۈركىيەگە ئوخشاش ئىتتىپاقدىشى بىر دۆلەتكە تەھدىت سېلىندى. ئامېرىكىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسى نە ئىتتىپاقداشلىققا، نە دىپلوماتىيەگە مۇۋاپىق ئەمەس.

تۈركىيە «400-S» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى بىر ھۇجۇم قورالى سۈپىتىدە سېتىۋالمايدۇ. چۈنكى «400-S» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى مۇداپىئە قورالىدۇر.  شۇڭا تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلىش نىيىتى بولمىغان ھېچقانداق بىر دۆلەت بۇنىڭدىن بىئارام بولماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنىڭ رۇسىيەدىن «400-S» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى  سېتىۋېلىشىغا ئېتىراز بىلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  ھەم بۇ سىستېمىنىڭ « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سىستېمىلىرىنى قولغا كىرگۈزۈۋالىدىغانلىقىنى، ھەم بۇ سىستېمىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سىستېمىلىرىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.  لېكىن تۈركىيە ئورتاق كومىتېت قۇرۇپ، بۇنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى، ئەگەر راستىنلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دېگىنىدەك بولسا، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن ۋاز كېچىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇنى قوبۇل قىلماي، گويا ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلماقتا.

تۈركىيە رۇسىيەدىن سېتىۋالىدىغان «400-S» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئايرىم بىر سىستېما بىلەن ئىشلەيدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەمدە كونتىروللۇقى پۈتۈنلەي تۈركىيەدە « F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ سىرلىرىنى رۇسىيەنىڭ بىلىۋېلىشى مۇمكىن ئەمەس.

 

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە قارىتا ئىتتىپاقداشلىق قانۇنىنى يوققا چىقارماقتا

 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن ئالدىنقى يىلى ماقۇللانغان «ئامېرىكىنىڭ دۈشمەنلىرىگە ئېمبارگو ئارقىلىق  كۈرەش قىلىش قانۇنى (CAATSA)» تۈركىيەگە قارىتا ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە، بۇ سىياسەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتسە، پۈتكۈل دۇنياغىمۇ شۇنچىلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان رايونلۇق بىر ئۆزگىرىش ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپانىڭ قارادېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي ئاقدېڭىز، شەرقىي ياۋروپا، بالقان رايونى، ئوتتۇرا شەرق رايونى قاتارلىق ساھەلەردە تۈركىيەسىز بىر سىياسەتنى يولغا قويۇشى، بۇ ھەم ناھايىتى كۈلپەتلىك ھەم ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدىغان بىر سىياسەت بولىدۇ.  

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنى رۇسىيەدىن «400-S» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئىتتىپاقداشلىق قانۇنىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. لېكىن ئۆزى ئىتتىپاقداش بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەلەپ قىلىۋاتقان «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسىنى تۈركىيەگە بەرمەسلىكىنى ئويلاپمۇ قويمايۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 2016 – يىلى 15 – ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدە ھەربىي – سىياسىي  ئۆزگىرىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان ۋە 200 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، 2 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى ئامېرىكىدا باغرىغا بېسسىش، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا سىياسىي پاناھلىق تىلىشىگە كۆز يۇمۇش ئارقىلىق ئەسلىدە ئىتتىپاقداشلىق قانۇنىنى ئۆزى دەپسەندە قىلماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەدە 1980 – 2019 – يىللىرى 40 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولغان ۋە مىڭلارچە كىشىنى ئۆي – ماكانسىز قالدۇرغان پ ك ك/پ ي د/ ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدا ھەمكارلىق ئورناتقاندا ۋە بۇ تەشكىلاتقا مىڭلارچە يۈك ئاپتوموبىللىق قورال - ياراغ بەرگەندە بولسا  ئىتتىپاقداشلىق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمايۋاتىدۇ.

 

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سېلىش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇننى نەزەردىن ساقىت قىلىۋاتىدۇ

 

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىتتىپاقداشلىق قانۇنىنى پەقەت ئۆز مەنپەئەتلىرىنىلا دەپلا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيەگە «شىمالىي ئېقىم 2» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى بەرپا قىلالمىسۇن دېگەن چاغدا، ياۋروپاغا مېنىڭ رۇخسىتىمسىز ئۆزىنىڭ قوشۇنى تەشكىل قىلالمىسۇن دېگەن چاغدا، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قانۇن – بەلگىلىمىلىرىنى دەپسەندە قىلىش ۋە سودا ئېمبارگولىرى ئارقىلىق  پۈتكۈل دۇنياغا تەھدىت سالغان چاغدا، ئىتتىپاقداشلىق روھى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ.

تۈركىيە رايونلۇق بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە قارىماي ئۇزۇندىن بۇيان ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىسى توغرۇلۇق ئىزدىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرى بۇنى كۆرمەسكە سالدى، شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە رۇسىيەدىن «س - 400 » باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئويلاپلا رۇسىيە، شىمالىي كورېيە، ئىران، خىتاي ۋە ۋېنېزۇئېلادىن كېيىن تۈركىيەگە ئۆز ئالدىغىلا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلىنىشى، ئەسلىدە ياۋروپا ئەللىرىنىڭمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك سىياسەتلىرىگە سۈكۈت قىلماسلىققا تېگىشلىك بىر دەۋرنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ياۋروپا ئەللىرى بۇ ئەھۋالغا قارىتا سۈكۈت قىلسا، تۈركىيەسىز ھەم ئۆزلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە دۇچار قىلىدۇ، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك سىياسەتلىرى ھامان بىر كۈنى ئۇلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 

تۈركىيە ناتونىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە زىممىسىگە چۈشكەن بارلىق مەسئۇلىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلدى

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەڭ مۇھىمى تۈركىيەنىڭ «400-S» باشقۇرۇلىدىغان بومبا قالقان سىستېمىسىنى سېتىۋېلىش قارارىنىڭ ھېچقانداق دۆلەتكە قارشى ئەمەسلىكىنى چۈشىنىشى كېرەك. دۇنيادىكى كىرىزىس يۈز بېرىۋاتقان كۆپ جايلاردا نۇرغۇن مەسىلىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇداپىئە مەقسىتى بىلەن سېتىۋېلىنغان قورالنى تەھدىت دەپ كۆرۈش، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى قايىل قىلالمايدۇ. تۈركىيە يىللاردىن بۇيان ئافغانىستاننى ئاساس قىلغان ھالدا، كوسوۋۇ، قارادېڭىز، سۈرىيە، بوسنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ناتونىڭ ئەڭ ئاكتىپ دۆلىتى بولۇپ كەلدى. ئامېرىكا يۈرگۈزىدىغان سىياسەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەنى يالغۇز قالدۇرماقچى بولسا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايلا قالماي تۈركىيە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. بۇ تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى ۋە چەت ئەل مەبلەغلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئېھتىياجلىرىنى رۇسىيە بىلەن خىتايدىن قاندۇرۇشقا مەجبۇر قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا مەبلەغلىرىنىڭ كەلمەسلىكى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان بوشلۇقنى ۋە تاللاش يۈزلىنىشىنى، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىياسىي، ئىقتىساد ياكى ھەربىي جەھەتتىكى ئېھتىياجنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ تولدۇرۇشى، ئامېرىكانىڭ تۈركىيەنى بىر پۈتۈن ھالدا يوقىتىپ قويۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.

تۈركىيەنىڭ «400-S» سېتىۋېلىش قارارىنى ئىگىلىك ھوقۇق ئاساسىغا چېتىلىدىغان مەسىلە دەپ قاراش كېرەك. تۈركىيە ھاۋا مۇداپىئە ئېھتىياجلىرىنى ئەڭ مۇۋاپىق سىستېما ۋە ئەڭ مۇۋاپىق تەمىنلىگۈچى ئارقىلىق قاندۇرۇشنى تاللىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، تۈركىيە تەبىئىي ھالدا يېڭى تەمىنلىگۈچى ئىزدىدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى سەۋەب كۆرسىتىپ، تۈركىيەگە سىياسىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ ئىقتىسادىي بەدىلى بولىدۇ. بىراق، بۇ ئېمبارگولار ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مەزگىل نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى جەھەتتىن كۈتكەن ئۆزگىرىشلەرگە يول ئېچىپ بەرمەيدۇ. تۈركىيە جەمئىيىتى تارىختىن بۇيان خەلقنىڭ، ئىزىلگەننىڭ تەرىپىنى تۇتۇپ كەلگەن، دېموكراتىيەگە ئىشەنگەن جەمئىيەتتۇر. ئامېرىكا تۈركىيەنى جازالاش ئارقىلىق خوتقا كىرگۈزەلەيمەن دەپ ئويلىسا، ئەكسىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. كۈچلۈك دۆلەتلەر ئاجىز دەپ قارىغان دۆلەتلەرنى ئىزىپ، ياكى ئۇلارغا تەھدىت سېلىپ، بۇ دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەنگەن كۈن، پۈتكۈل دۇنياغا خاتىرجەملىك كېلىدۇ.         



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر