س-400 لەرمۇ ياكى ئامېرىكانىڭ يۆنىلىش ئۆزگەرتىشىمۇ؟(1)

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈلنىڭ «س-400 لەرمۇ ياكى ئامېرىكانىڭ يۆنىلىش ئۆزگەرتىشىمۇ؟(1)» سەرلەۋھىلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1217312
س-400 لەرمۇ ياكى ئامېرىكانىڭ يۆنىلىش ئۆزگەرتىشىمۇ؟(1)

س-400 لەرمۇ ياكى ئامېرىكانىڭ يۆنىلىش ئۆزگەرتىشىمۇ؟(1)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈلنىڭ «س-400 لەرمۇ ياكى ئامېرىكانىڭ يۆنىلىش ئۆزگەرتىشىمۇ؟(1)» سەرلەۋھىلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

تارىخنىڭ مۇئەييەن دەۋرلىرىدە يېڭى تۈزۈملەر ئورنىتىلىدۇ. ئۇنداق مەزگىللەردە ئورنىتىلغان تۈزۈملەر، يېڭى بىر تۇراقسىزلىق ياكى قالايمىقانچىلىق مۇھىتىغىچە داۋاملىشىدۇ. ياۋروپادىكى 30 يىل ئۇرۇشلىرىغا خاتىمە بەرگەن ۋېستفالىيە تۈزۈمى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يالتا يىغىنى ئارقىلىق ئورنىتىلغان سوغۇق ئۇرۇش تۈزۈمى ئىنسان ئەقلىگە بىرىنچى بولۇپ كېلىدىغان دۇنياۋى تۈزۈملەردۇر. يالتا يىغىنىدا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋىنستون چېرچىل، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى فىرانكلىن روزۋېلت ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى پىرېزىدېنتى جوزېف ئىستالىن، 1945 – يىلى قىرىمنىڭ كىچىككىنە بازىرى يالتادا ئۇچرىشىپ، نۆۋەتتە ئورنىغا يېڭىسى ئورنىتىلالمىغان سوغۇق ئۇرۇش تۈزۈمىنىڭ ئۇل تېشىنى قويغانىدى.

 

يېڭى دۇنياۋى تۈزۈم ئورنىتىش ئىزدىنىشلىرى

 

بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقان «دۇنيا تۈزۈمى»نىڭ ئادالەتنى، رازىمەنلىكنى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى تايانچ قىلىشى شەرت ئەمەس. دۇنياۋى ئادالەت تۈزۈمى ئايرىم بىر تېما، ئۆزگىچە ئىزدىنىش ۋە ئېھتىياجدۇر. دۇنيا تۈزۈمى دېگەندە سىنىپلار، ئاكتىيورلار ئېنىق بولغان، تەرەپلەر مەجبۇرىي ياكى ئىختىيارى يوسۇندا بىردەكلىك ھاسىل قىلغان دۇنياۋى خاراكتېرگە ئىگە بىر خىل كونترول قىلىش مېخانىزمى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئۇ ئادالەتنى تايانچ قىلىشى شەرت بولمىغان، ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇنداق بولمايدىغان، بىلدۈرۈلىدىغان پوزىتسىيەلەر ئېنىق بولغان، شۇ ۋەجىدىن ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان بىر خىل تۈزۈم، بىر خىل سىستېمىدۇر.

ئىنسانىيەت 21 – ئەسىرگە سوغۇق ئۇرۇش دەۋرى ئارقىدا قالغان بولسىمۇ، يېڭى تۈزۈم تېخى ئورنىتىلالمىغان بىر خىل تۇراقسىزلىق ھالىتىدە قەدەم باستى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ۋە ۋارشاۋا ئەھدىنامىلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، غەرب ۋە شەرق لاگېرى ئارىسىدىكى بۇ سوغۇق ئۇرۇش تۈزۈمى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

نۆۋەتتە، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئىككى قۇتۇپلۇق دۇنياسىنىڭ، كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۆت ئاساسىي يۆنىلىش بويىچە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى يۆنىلىشى: ئامېرىكا ئۆزىنى مەركىزىي ئورۇنغا قويۇپ، ئامېرىكا ئىمپېرىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا. بۇ نىشاننى ئىجرا قىلىش جەريانىدا بولسا، بۇرۇنقىغا ئوخشاش يۇمشاق كۈچ ياكى دۇنياۋى قىممەت – قاراشلار، ئامېرىكا چۈشى دېگەندەك ئىنسانلارنىڭ ئىنتىلىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغان سىياسەتلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بىۋاسىتە ھالدا مەنپەئەت مەركەزلىك كۈچ سىياسەتلىرىنى يولغا قويماقتا. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئىجابىي، ئۈنۈمدار كۈنتەرتىپ ئارقىلىق دۇنياۋى رىقابەتتە ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئېلىشى كۈتۈلمەيدۇ. شۇڭا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى نۇقتىلىق ھالدا باشقا دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى رىقابەتتە ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ماھىيىتىدىكى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزمەكتە. بۇ دائىرىدە ئامېرىكا، بۇرۇنلاردا يەرشارىلىشىشنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قىلغان بولسا، نۆۋەتتە يەرشارىلىشىشقا قارشى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈشكە بەل باغلىماقتا.

رۇسىيە يۆنىلىشى: سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، رۇسىيە قايتىدىن ئەسلىگە كېلىشكە تىرىشماقتا. رۇسىيە ھېچقاچان خەلقئارالىق سەۋىيەدىكى بىر جەزبىدار مەركەز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەسلىگە كېلىش تىرىشچانلىقلىرىنى ئاساسلىقى ئەسكىرىي ۋە باشقا قاتتىق كۈچ سىياسەتلىرىگە تايىنىپ ئېلىپ بارماقتا.

خىتاي يۆنىلىشى: خىتاي ئىقتىسادىي ساھەدىكى پائال بىر كۈچ  سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، تېخى سىياسىي، ئەسكىرىي كۈچ سۈپىتىدە نامايان بولغىنى يوق. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاتارلىق باشقا ئاكتىيورلار گەۋدىلىك ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئەسكىرىي ۋە سىياسىي كۈچ سۈپىتىدىكى مەۋجۇتلۇقلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسا، خىتاي ھازىرچە پەقەت ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيەلىك كۈچ سۈپىتىدە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتا. داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىنچىلىكى تۆۋەن بولسىمۇ، نۆۋەتتە سىياسىي پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇنىڭغا قارشى ھىندىستاننى كۈچلۈك رەۋىشتە قوللىماقتا، (خىتاي بولسا) كەشمىر مەسىلىسىدە ھىندىستانغا قارشى ئوچۇق - ئاشكارا پوزىتسىيە بىلدۈرۈشتىن يىراق تۇرماقتا.

 

ئادالەت مەركەزلىك يېڭى يۆنىلىش ئېھتىياجى

 

تۆتىنچى يۆنىلىش بولسا، دۇنياۋى ئادالەت ئورنىتىش يۆنىلىشىدۇر. بۇنداق بىر يۆنىلىش – ئەپسۇسكى – تېخى يوق. مەنپەئەت مەركەزلىك يۇقىرىدىكى ئاكتىيورلاردىن باشقا دۇنيا مىقياسىدا ئادالەت ئورنىتىش ئېھتىياجى ۋە ئىزدىنىشلىرى مەۋجۇتتۇر. دۇنياۋى ئادالەت يۆنىلىشى پەقەت خەلقئارالىق سىياسەتلەرنىڭ پىرىنسىپ بويىچە يۈرگۈزۈلۈشى جەھەتتىنلا ئەمەس، باشقا مەنپەئەت يۆنىلىشلىرىنىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىنمۇ تەخىرسىز ئېھتىياج ھېسابلىنىدۇ.

20 – ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياۋى ئاكتىيور بولالمىغانلىقى ئوتتۇرىدا تۇرماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 21 – ئەسىردە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ – داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىمۇ ئېنىق ئەمەس. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەمەس، بىر بىرلىك سۈپىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قىممەت – قاراش مەركەزلىك بەزى تىرىشچانلىقلىرىغا دۇنياۋى ئادالەتنى چىقىش قىلىدىغان بىر تۈزۈم تېپىپ چىقىش ئۇرۇنۇشلىرى دائىرىسىدە قاراشقا بولىدۇ.

تۈركىيەنىڭ رايونغا ئالاقىدار سىياسەتلىرى ۋە «دۇنيا بەشتىن چوڭدۇر» دېگەن ئىبارىگە مۇجەسسەملەنگەن دۇنياۋى ئادالەت ئورنىتىش يولىدىكى چاقىرىق ۋە تىرىشچانلىقلىرىمۇ مەزكۇر ئادالەت يۆنىلىشىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالماقتا. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، دۇنيادا ئادالەت مەركەزلىك بىر تۈزۈم ئورنىتىشنى خالايدىغان دۆلەتلەرنىڭ سانلىرىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ۋە سادالىرىنى ياڭرىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقىلى بولمايدۇ. ئىنسانىيەتكە قىممەت – قاراش مەركەزلىك تىنچلىق ۋە ئادالەت تۈزۈمى ئورنىتىپ بېرىدىغان بۇ يۆنىلىشنىڭ ئاكتىيورلىرى، مەۋجۇتلۇقلىرىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ تېخىمۇ پائال سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشى كېرەك.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدىكى س-400 لەر مەركەزلىك كىرىزىسنى ئانالىز قىلىشنى ئالدىمىزدىكى ھەپتە داۋاملاشتۇرايلى. ھازىرچە مەسىلىنىڭ پەقەت س-400 لەر ئەمەسلىكىنى، مەسىلىنىڭ غەربلىك ۋە غەربپەرەس يازغۇچىلارنىڭ ئىزچىل تەكىتلەۋاتقىنىنىڭ ئەكسىچە، تۈركىيەدىنمۇ بەك ئومۇمەن غەربنىڭ، خۇسۇسەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياۋى ئىستەكلىرى ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن تاللىغان شەكىللەرنى مەنبە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن كۇپايىلىنەيلى. ئامېرىكانىڭ سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىقلەشكەن ۋە باشقا دۆلەتلەرنى پەقەتلا نەزەرگە ئالمايدىغان ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىستەكلىرى ئۆزگەرمىگەن تەقدىردە، س-400 ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش كىرىزىسلەرنىڭ ھەردائىم كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتەيلى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر