تۈركىيەنىڭ تۇنجى دېڭىز مۇزېيى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈركىيەنىڭ تۇنجى دېڭىز مۇزېيى» غا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1210271
تۈركىيەنىڭ تۇنجى دېڭىز مۇزېيى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى دېڭىز مۇزېيى

تۈركىيەنىڭ تۇنجى دېڭىز مۇزېيىنىڭ 1897 – يىلى قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

تۈركىيەنىڭ تۇنجى دېڭىز مۇزېيى، 1897 – يىلى ئۆز دەۋرىنىڭ بەھرىيە (دېڭىز ئارمىيە)  نازىرى ھاسان ھۈسنۈ پاشانىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئىستانبۇل قاسىمپاشادا قۇرۇلدى. 1914 – يىلى بەھرىيە نازىرى بولغان جەمال پاشا، مۇزېيدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، مۇزېينىڭ ئىلمىي شەكىلدە قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنىشى ئۈچۈن، دېڭىز ئارمىيە ئەسكىرى يۈز بېشى رەسسام ئالى سامى بويارنى مۇزېينىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى. بويار، تۈرك پاراخوتلىرىنىڭ تولۇق ۋە يېرىم مودېللىرىنى ياساش ئۈچۈن كارخانا قۇرۇپ، مۇزېينىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە مۇھاپىزەت قىلىنىش ئۈچۈن ئانادولۇغا يۆتكەلگەن تارىخىي يادىكارلىقلار، ئۇرۇشتىن كېيىن يەنە بۇ يەرگە كەلتۈرۈلدى. مۇزېي 1949 – يىلى دولماباھچە جامەسى كۇللىيەسىگە، ئۇ يەردىن بەشكىتاشتىكى بۈگۈنكى ئورنىغا يۆتكەلدى.

سەلتەنەت قېيىقلىرى، كېمە مودېللىرى، بايراقلار، دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكەرلىرىنىڭ فورمىلىرى، قوليازمىلار، خەرىتىلەر، رەسىملەر، ھەدىيەلەر، قاتناش ۋاسىتىلىرى بىلەن ھەر خىل قوراللار كۆرگەزمە قىلىنغان ئىستانبۇل دېڭىز مۇزېيى تۈركىيەدە قۇرۇلغان تۇنجى ھەربىي مۇزېي ھېسابلىنىدۇ.

 

مەنبە: ئالاقىدار تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر