ئۆزبېكىستان خاتىرىلىرى - 2

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈلنىڭ «ئۆزبېكىستان خاتىرىلىرى» سەرلەۋھىلىك يازمىسىنىڭ داۋامىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1197500
ئۆزبېكىستان خاتىرىلىرى - 2

ئۆزبېكىستان خاتىرىلىرى - 2

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 15-، 16 – ئەسىردە ئىلىم، مائارىپ، كۈلتۈر، مەدەنىيەت ساھەلىرىدە غايەت زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئۆزبېكىستاندىكى بۇ تەرەققىيات نېمىشقا داۋاملاشمىدى؟ نېمىشقا تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسى كېيىنكى ئەسىرلەردە بۇ پارلاق دەۋردىن تولىمۇ يىراقتا قالدى؟

 

ئىلىم، تارىخ، سىياسەت ياكى سىياسىي مۇقىملىقنىڭ ئەھمىيىتى

 

«ئەمىر تىمور» ئۆزبېكلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئۆزبېكىستاننى تىمور دۆلىتى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇ، ھۆكۈمدارلىقى مەزگىلىدە ناھايىتى كۆپ ئىلىم ئەربابى، ئۆلىمالارنى دۆلىتىگە تەكلىپ قىلغان؛ ھازىرقى بۇخارادىكى، سەمەرقەنتتىكى ناھايىتى كۆپ تارىخىي يادىكارلىق تىمور دەۋرىدە سالدۇرۇلغاندۇر. ئۆزبېكىستاننىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموۋ ئۆزىنى ئەمەس، تىمورنى ۋە ئۇنىڭ دەۋرىدە ۋۇجۇدقا چىقىرىلغان يادىكارلىقلارنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشقا ئەھمىيەت بەردى.

تىمور دەۋرىدە دۆلەتنىڭ چېگراسى ئىزمىردىن ھىندىستانغىچە سوزۇلدى. تىمور ئوسمانلى دۆلىتىنى تۇرغۇنلۇق دەۋرىگە كىرگۈزۈپ قويدى، ئالتۇن ئوردا دۆلىتىگە خاتىمە بەردى. لېكىن بۇنداق كەڭ كەتكەن رايوننى باشقۇرغۇدەك دۆلەت مېخانىزمى بولمىغاچقا، 1405 – يىلى ۋاپات بولۇشى بىلەن بىرلىكتە، دۆلىتى پارچىلىنىشقا يۈزلەندى. ئوسمانلى دۆلىتى قىسقا مەزگىل ئىچىدە ئەسلىگە كېلىپ، يېڭىلانغان ھالدا يولىنى داۋاملاشتۇردى. بىراق ئالتۇن ئوردا دۆلىتىنىڭ زېمىنلىرىدا ھاسىل بولغان بوشلۇقنى رۇسلار تولدۇردى. تىمور، پەيدا قىلغان بوشلۇق تۈپەيلى رۇس ئىمپېرىيەسىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولۇش بىلەن ئەيىبلىنىدۇ.

تىمور دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن غايەت زور ئىلمىي خىزمەتلەر قىلىنغان بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇ خىزمەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلالمىغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. بۇنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر سەۋەبى، سىياسىي مۇقىملىقتۇر. سىياسىي مۇقىملىق بولمىسا ئىلىم، مائارىپ، سەنئەت، كۈلتۈر، مەدەنىيەت... ھېچبىر نەرسە ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولالمايدۇ. بۇ ئەھۋالنىڭ ناھايىتى ئېچىنىشلىق مىسالىنى تىمورنىڭ نەۋرىسى ئۇلۇغبەگنىڭ ھېكايىسىدىن كۆرۈۋالالايمىز. دۆلەت رەئىسى، ئۆز دەۋرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىمى، ئاسترونومى بولۇشىغا قارىماي، ئوغلى ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرىدۇ. ئوغلىغا يېڭىلىپ قېلىپ تەسلىم بولىدۇ. تەخت ئىشلىرىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، ھەجگە بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ھەجگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. لېكىن، سەمەرقەنتتىن چىقار – چىقمايلا ئوغلىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئوغلىمۇ ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

بۇنداق تۇراقسىزلىق ۋە ئەنسىزلىك ئىچىدە ھېچبىر نەرسىنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. باشتا سورالغان سوئالنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى سىياسىي مۇقىملىقتۇر. ئەھلى سۈننەت ئۆلىماسىنىڭ سىياسىي مۇقىملىققا كۈچلۈك ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ سەۋەبى ئۆزبېكىستاندا ناھايىتى روشەن گەۋدىلىنىدۇ. چۈنكى دۆلەت بولمىسا، ئارقىدا باشقا بىر نەرسە قالمايدۇ. ئوسمانلى دۆلىتى ۋە ئورگانلىرىنىڭ  ئۇزۇن مەزگىل پۇت تىرەپ تۇرۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبىمۇ يەنىلا سىياسىي مۇقىملىقتۇر.

 

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى

 

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك خەۋپ ئىكەنلىكىنى ئۆزبېكىستان تۈركىيەدىن بۇرۇن تونۇپ يەتتى. 1999 – يىلى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مەكتەپلىرى ئومۇميۈزلۈك تاقىۋېتىلدى. جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيەدە 2016 – يىلى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنى بۇرۇن ئۆزبېكىستاندا سىناپ بېقىپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە – ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىگە يەتكۈزگەن زىيىنىنى، مەيلى پىكىر دۇنيامىزدىكى ئۆزبېكىستان تەسەۋۋۇرى بولسۇن، مەيلى ئۇ يەردە ئاڭلىغانلىرىمىز ئارقىلىق بولسۇن تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ يەتمەكتىمىز.

 

بۇخارى، شاھى نەقشىبەندى، ماتۇرىدى

 

شۈبھىسىزكى، ئۆزبېكىستان توغرىسىدىكى بىر يازمىنى بۇخارىسىز، نەقشىبەندىسىز، ماتۇرىدىسىز يازغىلى بولمايدۇ. دەۋرىمىز دۇنياسىدا رادىكاللىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى، ئۇنى يەكلىگۈچى ئىسلامىي پىكىرلەرنىڭ يىلتىزلىرىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ زاتلار باشقا بىر ماقالىمىزنىڭ تېمىسى بولسۇن. ھازىرچە ئۆزبېكلەرنىڭ بۇ زاتلارنىڭ قەبرىلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتەيلى.

 

تۈركچە ۋە تۈرك دۇنياسى

 

تۈركچە سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەسلىدە قىيىن ئەمەس. ئۈچ ئاساسىي قەدەم بىر – بىرىمىزنى چۈشىنىشىمىزنى ناھايىتى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

بىرىنچىسى لاتىن ھەرپلىرىگە ئۆتۈش. ئۆزبېكىستان لاتىن ھەرپلىرىگە ئۆتتى. قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجانمۇ شۇنداق. بىراق بۇ دۆلەتلەردە ئانچە – مۇنچە كىرىل ئېلىپبەسىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. لاتىن ھەرپلىرىگە ئۆتۈلگىنىدە يازما ماتېرىياللارنى چۈشىنىش ئاسانلىشىدۇ.

ئىككىنچىسى، يۈز يىل بۇرۇنقى سۆزلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش. يېقىنقى بىر ئەسىردە تۈركىيە تۈركلىرى ئىنگلىزچە ۋە فىرانسۇزچىنىڭ، باشقىلار بولسا، رۇسچىنىڭ تەسىرىگە كۆپلەپ ئۇچرىدى. ھەممىمىز بىرلىكتە ئەجدادلىرىمىزنىڭ تىللىرىدا سۆزلەشسەك، تېخىمۇ ئاسان چۈشىنىشەلەيمىز. ئۆزبېكىستاندا ياشانغانلارنىڭ گەپ – سۆزلىرى، كىيىم – كېچەكلىرى رەھمەتلىك بوۋاملار ۋە موماملارغا شۇنچىلىك ئوخشايدۇكى، ئۆزۈمنى ئۇلارنى زىيارەت قىلغاندەكلا ھېس قىلدىم.

ئۈچىنچىسى، تۈركىيە تۈركچىسى قانداق يېزىلسا، شۇنداق ئوقۇلىدۇ، قانداق ئوقۇلسا، شۇنداق يېزىلىدۇ. بۇمۇ تىلدا ئاددىيلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. باشقا تىللاردىمۇ مۇشۇنداق بىر ئىشنى روياپقا چىقىرىش ئۆزئارا چۈشىنىشنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرىدۇ.

نۆۋەتتە كونا تۈركچىنى بىر ئازلا بىلسىڭىز، چۈشىنىش ھاسىل قىلىشىڭىز قىيىنغا توختىمايدۇ.

 

تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ شۆبە ئېچىشى

 

بىز كۆرۈشكەن ھەممىلا ئادەم  تۈرك ئۇنىۋېرسىتېتلىرىنىڭ دەرھال ئۆزبېكىستاندا شۆبىلىرىنى ئېچىشى كېرەكلىكىنى قايتا – قايتا تەكىتلەپ ئۆتتى. پۇتىننىڭ 150 ئۇنىۋېرسىتېت مۇدىرى بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمۇ شۆبىلىرىنى ئاللىقاچان ئېچىپ بوپتۇ. ئۇنىۋېرسىتېتلىرىمىزنىڭ ئۆزبېكىستاندا شۆبە ئېچىشىغا پۇتلىشىدىغان رەسمىي توسالغۇلار بولسا، دەرھال ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەك. مۇئەييەن ئۇنىۋېرسىتېتلار تاللىنىپ ئۆزبېكىستاندا شۆبە ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك. رۇسىيە ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئاللىقاچان بەلگىلىك مۇساپىلەرنى بېسىپ بولدى، تېخىمۇ بەك كېچىكىپ كەتمەسلىك لازىم.

 

2 – تۈركىيە

 

ئۆزبېكىستاندا كۆرگىنىم ئەسلىدە ئىككىنچى بىر تۈركىيەدۇر. ئىنسان ئۇ يەردە ئۆزىنى گويا ئىككىنچى بىر تۈركىيەنى بايقىغاندەك خۇشاللىق ۋە ھۇزۇر  ئىچىدە ھېس قىلىدۇ. ياكى ئۇ يەر ئاتا يۇرتىمىز بولغاندىكىن، تۈركىيەنى ئىككىنچى بىر ئۆزبېكىستان  دېيىشكىمۇ بولىدۇ.

 

زېھنىي كودلىرى غەربتە شەكىللەنگەن بىر تۈركىيە

 

يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئۆزبېك ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدىم. ئۇلار، تۈركىيەدە كىشىلەرنىڭ غەربتىكى ئۆزگىرىشلەرگە ناھايىتى سەزگۈر قارايدىغانلىقىنى، شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئاساسەن يوق ھېسابلايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. بۇخارا ۋە سەمەرقەنتنىڭ مەندە قالدۇرغان چوڭقۇر تەسىرى بىلەن، قايتىشتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندىم. «مېدىيادا تۈرك دۇنياسىغا قانچىلىك ئورۇن بېرىلىدۇ» دەپ شۇنداقلا قاراش رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. تەنتەربىيە، سەنئەت، ئەدەبىيات پىروگراممىلىرىدا تۈرك دۇنياسى ئاساسەن تىلغا ئېلىنمايدۇ. ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى، غەربنىڭ نۇرغۇن تەنتەربىيەسى ۋە تەنھەرىكەتچىسىنى بىلىدىغان بىزلەر تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىدىن قانچە كىشىنى بىلىمىز؟ سىملىق تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كۆپلىگەن قاناللىرى بار، بىراق، تۈرك دۇنياسىنىڭ قاناللىرى يوق دېگۈدەك دەرىجىدە ئاز.

ئاتا يۇرتىمىزغا بۇنداق تۆۋەن دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈش ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. ھالبۇكى ناھايىتى ئاددىي نەرسىلەر تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنى تېخىمۇ كۆپ كۈنتەرتىپىمىزگە ئېلىپ كىرىشى مۇمكىن. تۈرك كېڭىشى ئاستىدا تۈرك دۇنياسىنىڭ چېمپىيونلۇقنى تالىشىش كۇلۇبلىرى چېمپىيونلارنىڭ چېمپىيونىنى بېكىتىش ئۈچۈن ھەريىلى مۇسابىقىلەرنى ئورۇنلاشتۇرسا؟! يەنە بۇ ئىشنى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قىلسا؟ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سىمۋول خاراكتېرلىك پائالىيەتلەرمۇ قىزىقىش ۋە مەلۇماتنى كۈچەيتىدۇ.

پىكىر دۇنيامىزنىڭ قىزىقىش دائىرىسىنىڭ پەقەت غەرب بىلەن شەكىللىنىشى، تۈركىيەنى كىچىكلىتىۋېتىدۇ. تارىخىي يىلتىزىدىن يىراقلاپ كەتكەن تۈركىيە باشتا ئۆزىگە تەئەللۇق ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇنداق بىر تۈركىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كىرسىمۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە ئۆزىنى ئادەتتىكى بىر ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتى سەۋىيەسىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. تۈركىيە غەرب بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋەتكە ئوخشاشلا، تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنى، ئافرىقىنى كۈنتەرتىپىگە قانچىلىك كىرگۈزسە، ئۆزىنى شۇنچىلىك تاپقان بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر تۈركىيە ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا چىقسا، ئالدى بىلەن ئۆزىگە، رايونىغا ۋە دۇنياغا ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى بېغىشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر