كۇففارلارغا ئىتائەت قىلساڭ، سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ

ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر (يەنى كۇففارلار) گە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ.

1186425
كۇففارلارغا ئىتائەت قىلساڭ،  سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ

كۇففارلارغا ئىتائەت قىلساڭ، سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنئام سۈرىسى، 111 – 118 – ئايەتلەر. بىز ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن، ئۆلۈكلەرنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشتۈرگەن، بىز ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يىغىپ بەرگەن (يەنى ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى تەلەپلىرىنى ئورۇنلىغان) تەقدىردىمۇ، ئاللاھ خالىمىغۇچە ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ[111]. شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر ـ بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلىرىگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى بىلەن قويۇپ بەرگىن (ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ)[112]. ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇلارنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە ئۇلار قىلىۋاتقان گۇناھلارنى بۇلارمۇ قىلسۇن، دەپ ۋەسۋەسە قىلىدۇ[113]. (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى ،«ئاللاھ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، (ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن) ئاللاھتىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟» بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن[114]. پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر ، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[115]. ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر (يەنى كۇففارلار) گە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ[116]. (ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ھەقىقەتەن ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يول تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[117]. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار[118].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر