ئۆپكە - ھېسىپ چوربىسى

«ئۆپكە - ھېسىپ چوربىسى» ئېتىش ئۇسۇلى.

1183447
ئۆپكە - ھېسىپ چوربىسى

ئۆپكە - ھېسىپ چوربىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئۆپكە - ھېسىپ چوربىسى» تۈرك ۋە دۇنيا ئاشىغانىلىرىدا تارىختىن بۇيان ئېتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى ئەسىردىن بۇيان بۇ يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلىش كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىپ كەتكەن. ھەم ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى سارىينىڭ ئاشخانىسىدىكى ھەم خەلق ئاشخانىلىرىدىكى مۇھىم يېمەكلىكلەردىن بىرى بولغان «ئۆپكە - ھېسىپ چوربىسى» نۆۋەتتە ئانچە ئېتىلمەيدىغان بولۇپ قالدى. شۇنداقتىمۇ، «ئۆپكە - ھېسىپ چوربىسى»

ئاشخانىلىرى ھازىرمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئادەتتە ئۆپكە – ھېسىپ ئاشخانىلىرىدىن تاپقىلى بولىدۇ.  بۈگۈن سىلەرگە «ئۆپكە - ھېسىپ چوربىسى» ھەققىدە مەلۇمات برىمىز.

«ئۆپكە - ھېسىپ چوربىسى» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • 500 گىرام ئۆپكە – ھېسىپ
  • 10 ئىستاكان سۇ
  • 2 قوشۇق ئۇن
  • ئىككى قوشۇق ياغ
  • بىر تۇخۇم
  • بىر دانە لىموننىڭ سۈيى
  • يېرىم ئىستاكان ئاچچىقسۇ
  • 6 – 7 چىش سامساق
  • قىزىلمۇچ
  • تۇز

«ئۆپكە - ھېسىپ چوربىسى» ئېتىش ئۇسۇلى مۇنداق:

• ئالدى بىلەن، ئۆپكە – ھېسىپنى پاكىزە يۇيۇڭ ۋە 10 – 12 ئىستاكان سۇ ھەم تۇز بىلەن تاكى يۇمشىغانغا قەدەر پىشۇرۇڭ.

  • لەيلەپ چىققان كۆپۈكلەرنى سۈزۈۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
  • قاينىغان سۇ توختاپ، كۆپۈك لەيلىمەيدىغان بولغان چاغدا تۇۋاقنى يېپىپ، تاكى ئۆپكە – ھېسىپ ياخشى يۇمشىغانغا قەدەر 1 – 1 يېرىم سائەت ئەتراپىد اپىشۇرۇڭ.
  • پىشقان ئۆپكە – ھېسىپنى چۆمۈچ بىلەن ئېلىپ، ئىتتىك بىر پىچاق بىلەن ئىنچىكە توغراڭ.
  • بۇ ئارىلىقتا، باشقا بىر قازاندا ئىككى قوشۇق ياغ بىلەن ئىككى قوشۇق ئۇننى ئاستا ئوتتا بىرقانچە مىنۇت قورۇڭ.
  • ئۆپكە – ھېسىپ سۈيىدىن بىر قاچا ئېلىپ، قورۇلغان ئۇنغا ئىلاۋە قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇڭ.
  • قالغان ئۆپكە – ھېسىپنىمۇ سۈزۈپ، قازانغا ئىلاۋە قىلىڭ ۋە تاشقانغا قەدەر قاينىتىڭ.
  • ئاندىن ئالدىن توغرىغان ئۆپكە – ھېسىپلەرنى قايناۋاتقان قازانغا سېلىڭ.
  • بىر تۇخۇمنىڭ سېرىقى بىلەن بىر لىموننىڭ سۈيىنى بىر قاچىدا ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن چوربىغا ئىلاۋە قىلىڭ.
  • 3 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرۈڭ.
  • ھاۋانچىدا سوقۇلغان 6 – 7 چىش سامساق بىلەن 2 پىيالە ئاچچىقسۇنى بىر قاچىدا ئارىلاشتۇرۇڭ، ئاندىن ئۇنى قايناۋاتقان قازانغا سالسىڭىزمۇ، ياكى قاچىلارنىڭ ئۈستىگە ئىلاۋە قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر