تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسى -02

تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى يولغا قويغان «تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسى»ھەققىدە

1158957
تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسى -02

تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسى

تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارغا تۈركىيەنىڭ ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەردىكى ھەم ئۇزۇن مەزگىللىك ھەمدە قىسقا مەزگىللىك ئوقۇش پىروگراممىلىرىدىن پايدىلىنالىشى ئۈچۈن يولغا قويۇلغان رىقابەت تۈسىنى ئالغان پىروگرامما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسىنىڭ مەقسىتى، ئۆزىنى ھەم دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى، ھەمدە جەمئىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق چۈشەنچىنى كۈچەيتىشكە ئاتىغان كېلەچەكنىڭ لىدېرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ۋە بۇ لىدېرلاردىن تەشكىل تاپقان كەڭ دائىرلىك ھەمكارلىق تورى قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.

تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسى دائىرىسىدە ئالىي مەكتەپنىڭ ھەر قايسى باسقۇچىلىرىدا تۇرۇۋاتقان نەتىجىلىك چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى بېرىلىشتىن سىرت، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئالىي مەكتەپكە تەييارلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسىغا ئىلتىماس قىلىدىغان ۋاقىت چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسىنىڭ تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسى ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلىغان تور بېتىدە تۈركچە، ئىنگىلىزچە، رۇسچە، بوشناقچە، ئىسپانىيەچە، فىرانسۇزچە ۋە  پارسچە قاتارلىق تىللاردا ئېلان قىلىنىدۇ.

مەزكۇر پىروگراممىدىن نۆۋەتتە 16 مىڭ ئوقۇغۇچى پايدىلىنىۋاتقان بولسا، ھەر يىلى تەخمىنەن 5000 ئوقۇغۇچى بۇ ئوقۇش پۇلىغا ئېرىشمەكتە.  بۇ يىل مەزكۇر پىروگراممىغا ئىلتىماس قىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ چىققىنىمىزدا، 167 دۆلەتتىن 145 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى ئىلتىماس قىلىپ رېكورت سەۋىيە يارىتىلغانلىقىنى كۆرىمىز.

تولۇق كۇرس، ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسىغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى بولمىغان ياشلار ئىلتىماس قىلالايدۇ. بۇ پىروگرامما دائىرىسىدە ئوقۇغۇچىلار يەنە ئالىي مەكتەپلەرگىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسىغا ئىلتىماس قىلغان نامزاتلارغا 12 ئالىي مەكتەپ ئىچىدىن بىرىنى تاللاش ھەققى بېرىلىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر