سىياسەت ئۈمىد بېرەلمەيدىغان ھالغا كەلگەندە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز 2019 – 09

1153871
سىياسەت ئۈمىد بېرەلمەيدىغان ھالغا كەلگەندە

 

تۆۋەندە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل تەرىپىدىن تەييارلانغان «سىياسەت ئۈمىد بېرەلمەيدىغان ھالغا كەلگەندە» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىلارغا سۇنىمىز.

***** ** ** ** **** ***

غەرب دۆلەتلىرىدە سىياسەتكە بولغان قىزىقىش بارغانچە تۆۋەنلىمەكتە. ئەنئەنىۋى سىياسىي پارتىيەلەر، مەركىزىي ئوڭچى ۋە سولچى پارتىيەلەر بارغانچە ئۆز مەنىسىنى يوقىتىپ قويماقتا. ئىرقىي ئايرىمچى پارتىيەلەر بولسا يۇقىرى ئۆرلىمەكتە. يېڭى ۋە تارىخىي يىلىتىزى بولمىغان قۇرۇلمىلار ناھايىتى تېزلا سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. 2017يىللىق سايلاملاردا ماكرون بىرەر پارتىسى يوق تۇرۇغلۇق «يۈرۈش ھەرىكىتى» بىلەن فىرانسىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان ئىدى. دېمەككى، فىرانسىيەلىك سايلىغۇچىلارنىڭ يۈرىشى شۇ يەردە توختاپ قالغىنى يوق، سېرىق جىلىتكىلىكلەر بىلەن داۋاملاشماقتا.

بۇ ماقالىمىزدا فارانسىيەنى بويلىغان ھالدا غەرب دۆلەتلىرىدە سىياسەتكە بولغان قىزىقىشنىڭ بارغانچە تۆۋەنلەپ كېتىپ بارغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان كىرىزىسلەر، خەۋپلەر ۋە تەھدىتلەر ئۈستىدە توختىلىمىز.

غەربتە سىياسەت ئۈمىت بېرەلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالماقتىمۇ؟ 

ياۋروپادا سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى سايلىغۇچىلارنىڭ سىياسەتكە قىزىقىشىنىڭ كۈنسىرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويماقتا. ياۋروپا پارلامېنتى سايلاملىرىدا قاتنىشىش نىسبىتى 1979 يىلدىن بۇيان ئەسلىدىكى %65 لەردىن ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن %40 گە چۈشۈپ قالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى تېخىمۇ بەك تۆۋەن ئەھۋالدا كېتىپ بارماقتا. فىرانسىيەدە 2017يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا خەلقنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى %65 بولدى. بۇ نىسبەت 1969 يىلىدىن بۇيانقى فىرانسىيە پىرېزىدېنتلىقى سايلاملىرىدا كۆرۈلگەن ئەڭ تۆۋەن نىسبەت ئىدى. بىرىنچى باسقۇچلۇق سايلامدا يۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ماكرون ئاران %23 ئاۋازغا ئېرىشتى. رادىكال ئوڭچى خەلق فىرونتى رەھبىرى مارىنە لې پىن بولسا، %21 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ماكرونغا سېلىشتۇرغاندا %2 ئارقىدا قالدى. سايلام نەتىجىسى ئىككىنچى باسقۇچتا بەلگىلىنىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ سايلامدا ماكرون سايلامغا قاتناشقۇچىلارنىڭ %66 نىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىپ پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى. رادىكال ئوڭچى لې پىن بولسا، %34 ئاۋازغا ئېرىشتى.

تۈركىيەدىكى 2018يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا خەلقنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى %87 تىن ئاشقان ئىدى. تۈركىيەدە خەلقنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا قارىتا «خەلقنىڭ سىياسي پارتىيەلەردىن ئۈمىتلىك ئىكەنلىكىنىڭ نامايەندىسى» دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.

سىياسەتكە قىزىقىشنىڭ تۆۋەنلىشىدىكى سەۋەب

غەربتە سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ كۈنسىرى تۆۋەنلەپ كېتىشىنى بەزى سىياسەتشۇناشلار «باياشاتلىقنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ ئىزاھلىماقتا. بۇ ئىزھاتنى مەلۇم نۇقتىدىن توغرا دېيىشكە بولىدۇ. باياشاتلىقنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىشى سىيايەتتىن كۈتىدىغان ئارزۇلارنى تۆۋەنلىتىدىغان بولغاچقا سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىمۇ تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن. بىراق ئومۇمەن غەرب دۆلەتلىرىدىكى، خۇسۇسەن فىرانسىيەدىكى ئەھۋاللارنى باياشاتلىقنىڭ ئېشىپ كېتىشى بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ. غەرب دۇنياسى يەرشارىلىشىش ھەرىكىتىدىن يېتەرلىك مەنپەئەت ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن يەر شارىلىشىشقا قارشى تۇرۈشقا يۈزلىنىدىغانلىقى ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئىرقىي ئايرىمچى پارتىيەلەرنىڭ ئاۋاز ئېلىش نىسبىتىنىڭ كۈنسىرى يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە كوچىلاردا نامايىشلارنىڭ كۆپىيىشى قاتارلىق بۇ ئەھۋاللارنى باياشاتلىق بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

يەنە بىر تەرەپتىن، سىياسەتكە قاتنىشىش يوللىرىنىڭ كۆپ خىللىشىشى سەۋەبىدىنمۇ سايلامغا بولغان قىزىقىشنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. ئاممىۋىي ۋە كەسپىي تەشكىلاتلار سانىنىڭ شۇنداقلا رولىنىڭ ئېشىشى، سايلىغۇچىلارنىڭ يېڭى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق سايلاملارنى كۈتۈپ ئولتۇرماستىن، دېمەكچى بولغانلىرىنى ئىنتايىن تېز بىر شەكىلدە تارقىتالىشى تۈرۈتكە بولماقتا.  بىراق بۇ ئەھۋاللار سىياسىي ھاكىمىيەتلەرنىڭ ھېلىھەممۇ سايلام ئارقىلىق بەلگىلىنىشىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى ئۆزگەرتەلمىگەنلىكىدىن سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپلەرنىمۇ يوق قىلالمايۋاتماقتا.  

كۆپ سانلىق ئاممىنىڭ تاللاشلىرىنىڭ ئالدىنقى ئورۇنغا چىقىرىلماسلىقى، چېكىنىۋاتقان ئىشقتىسادقا قارىتا ھەل قىلىش چارىسى ئىزدىنىشلىرىنىڭ ئۈمىت بېرەلمەسلىكى، ئەۋج ئېلىۋاتقان ئىرقىي ئايرىمچىلىق سەۋەبىدىن كۆپ خىللىققا ئىگە تۇرمۇش ساھەلىرىنىڭ كۈنسىرى تارىيىپ كېتىشى ۋە سىياسەتچىلەرگە قارىتىلغان چىرىكلىك ئەيىبلەشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى قاتارلىقلارنى سىياسەتكە بولغان قىزىقىشنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ سەۋەبلىرى قاتارىدا ساناشقا بولىدۇ. 

 

پىرىنسىپسىزلاشقان سىياسەت؛ ئۆلۈم جازاسى ھەپتىسىدە مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن سىسى

 

ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتتە پىرىنسىپسىز، قائىدە قانۇنسىز ۋە مۇقىم مەۋقەسىز ئېلان قىلىنغان باياناتلار شۈبھىسىزكى، سىياسەتكە بولغان ئۈمىتنى يوقۇتىۋاتقان ئامىللار قاتارىدا ھېسابلىنىدۇ. تاشقى سىياسەت نۇقتىسىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەر كۆپ ھاللاردا باشقا دۆلەتلەردىكى دېموكراتىيەنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى تىلغا ئالماقتا. ۋەھالەنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى 9 نەپەر ياش پۇقراغا تېخى ھاياتىنىڭ باھارىغىمۇ قەدەم قويمىغان مەزگىلدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان ھەپتىدە، مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن تەختكە چىققان گېنېرال سىسىنىڭ ساھابخانلىقىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەرەب بىرلىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغنىغا قاتنىشىشتىن چېكىنىپ باقمىدى. بۇ رەھبەرلەر سىسىنى تەنقىد قىلىپ بىرەر ئېغىزمۇ سۆز قىلمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى زادى قايسى تەنقىدىگە ئىشەنگىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىش مۇمكىنمۇ؟ تاشقى سىياسەت نۇقتىسىدىن بۇ خىل سىياسەتلەر سايلىغۇچىلارغا زادى قايسى خىل پىرىنسىپاللىق، ئۈمىت ۋە مۇقىم مەۋقە بەخش ئېتەلىسۇن؟ 

فىرانسىيەگە قارايدىغان بولساق، بىر تەرەپتە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش، ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلىش، يەھۇدىلارغا قارشى تۈرۈش ئېقىملىرى سەۋەبىدىن ئەركىنلىك ساھەلىرى بارغانچە تارىيىپ كېتىپ بارغانلىقىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئەڭ ئەقەللىي پىكرىي ئەركىنلىكىنىڭمۇ يەھۇدىيلارغا قارشى تۇرۇش قارىشىنىڭ ئىچىگە كىرىگۈزۈلىشى ۋە ھەتتا سىيونىستلارنى تەنقىد قىلغانلارنى جازالاش قانۇنى چىقىرىش تىشچانلىقلىرىمۇ خەلقنىڭ ئەركىنلىك ساھەسىنى بارغانچە تارايتماقتا.

فىرانسىيەدىكى يەرلىك مەركىزىي ئوڭچى ۋە سولچى پارتىيەلەرنىڭ ئۆز مەنىسىنى يوقۇتۇپ قويۇشى بىلەن ماكرون ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن ئىدى. سىرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ ھەرىكىتىمۇ ئوخشاش ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ھازىرغا قەدەر 10 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈش ۋە مىڭلىغان يارىدار بولۇش ۋەقەسى يۈز بەردى. داۋاملىق نازارەتكە ئېلىنىشلار بىلەن داۋاملىشىۋاتقان سىرىق جىلىتكىلەر مەسلىسى ئەلۋەتتە بۇ ماقلىمىزنىڭ تېمىسى ئەمەس. بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاخىرىدا سىياسىي پائالىيەتكە ئايلىنىدىغان ياكى ئايلانمايدىغالىقىمۇ ھەم شۇنداق. بىراق سىياسەتنىڭ ساندۇقتا بەلگىلىنىشى تۆۋەنلەپ، كوچا پائالىيەتلىرىگە بولغان قىزىقىشنىڭ بارغانچە يۇقىرى ئۆرلىشى ئەنئەنىۋىي سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئىنتايىن ئېغىر مەنە يۇقۇتۇش ۋە ئىشەنچ كىرىزىسىگە مۇبتىلا بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خۇسۇسەن فىرانسىيە، ئومۇمەن ياۋروپا سىياسىتى بۇ نۇقتىدىن چوڭ بىر ئېنىقسىزلىق ۋە ئىشەنچسىزلىك مۇھىتىغا دۈچ كەلگەن ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.  سىياسەتكە بولغان ئىشەنچ نىسبىتى بارغانچە تۆۋەنلىمەكتە. بۇ ئىشەنچسىز مۇھىت ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ۋە ياۋروپا بىلەن بىرلىكتە دۇنيانىڭمۇ كەلگۈسى نۇقتىسىدىن ئېغىر بىر تەھدىت ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا سىياسىتىنىڭ كىرىزىسى دەپمۇ باھا بېرىشكە بولىدىغان بۇ ئەھۋال ياۋروپانى جىددىي بىر ئېنىقسىزلىققا ۋە ئالدىنى كۆرەلمەسلىككە مۇبتىلا قىلماقتا.

ئىرقىي ئايرىمچى پارتىيەلەرنىڭ كۈنسىرى ئىشىۋاتقان قوللاش نىسبىتى ۋە ساندۇق سىرتىدىكى ئىزدىنىشلىرى دېموكراتىيەنىڭ كەلگۈسىگە نىسبەتەنمۇ چوڭ تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە. خۇددى فىرانسىيەدە بولغانغا ئوخشاش رادىكال ئوڭچى پارتىيەلەر ئىككىنچى باسقۇچلۇق سايلامغا قالالايدىغان پارتىيەلەرگە ئايلانماقتا.  بىراق مەركەزىي ئوڭچى ۋە سولچى پارتىيەلەر بارغانچە ھۇرغا ئايلانماقتا. ئىرقى ئايرىمچى پارتىيەلەرنى توسۇپ قالايدىغان كۈچى بارغانچە ئازايماقتا.

فىرانسىيە مەسئۇللىرى ئەگەر سىياسەتنىڭ خەلققە نىسبەتەن يېڭى بىر مەنە ۋە ئۈمىد يارىتالىشىنى خالايدىغان بولسا، ئىمپېرىيالىست ئەنئەنىلەرنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە داۋاملىق باشقا دۆلەتلەرنى تەنقىد قىلىپ يۈرۈش ۋە باشقا دۆلەت مەسلىلىرىگە مەركەزلىىشىشتىن بالدۇرراق ئۇزاقلىشىپ، ئۆز خەلقىنىڭ سادالىرىغا قۇلاق سېلىشى لازىم. فىرانسىيە خەلقى قانۇنلۇق كۆرگەن سىياسەت ۋاستىلىرى ئاساسىدىكى ئۈمىدلىرىنىمۇ يوقىتىپ قويغان تەقدىردە، قورقىمەنكى، فىرانسىيەنى ئۆزلىرىگە تولىمۇ تونۇش بولغان، دائىم ئۇنىڭ بىلەن ئىپتىخارلىنىدىغان ۋە نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولالايدىغان ھەتتا نۆۋەتتىكى قۇرۇلمىلىرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلالايدىغان يېڭى بىر "ئاقارتىش ھەرىكىتى" باشلىنىپ قىلىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر