چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسىنىڭ مەقسىتى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى

1146027
چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسىنىڭ مەقسىتى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي  خەلقلەر باشقارمىسى

ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ تۈپ مەقسەتلىرىدىن بىرى دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر پۇقرالىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشتىن ئىبارەت. ئىگىلىك ھوقۇقلۇق بىر دۆلەتكە نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم بولغان بۇ پائالىيەت، شۇ دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق مەنپەتلىرىدىن بىرى بولۇش بىلەن بىرگە، ۋاز كېچىشكە قەتئىي بولمايدىغان ئېتىبار ۋە ئابروي مەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ 2000-يىللاردىن باشلاپ بارغانچە كۈچىيىۋاتقان تاشقى سىياسەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئاساسلىق قىسىملىرىدىن بىرىنى، 1960-يىللاردىن ئېتىبارەن چەت ئەللەردە ياشاشقا باشلىغان ۋە كۈنىمىزدە سانى 6 مىليوندىن ئاشقان پۇقرالىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداش تەشكىل قىلىپ كەلدى.

2010-يىلى قۇرۇلغان چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي  خەلقلەر باشقارمىسىغا، بۇ دائىرىدە سىياسەت بېكىتىش ۋە بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش ۋە تەشكىللەش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى.

مۇھىم بىر دىئاسپورا ئورگىنى بولغان چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى، كۆپ قىسمى ياۋروپا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشتىن سىرت، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت كىملىكلىرىنى قوغداش، تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ تەلىم-تەربىيە ۋە  ئىجتىمائىي سالاھىيەتنى ئۆستۈرىدىغان خىزمەت ۋە سىياسەتلىرىدىن پايدىلىنىشى، ۋەتەن تەۋەلىك ئېڭىنى مۇھاپىزەت قىلىشى ۋە ئايرىمچىلىق سىياسەتلىرىگە قارىتا سەزگۈرلۈك ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارنى قوللاش ئۈچۈن پائالىيەت قىلىپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان پائالىيەتلەرگە، بولۇپمۇ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ياش نوپۇسقا قارىتا خىزمەت قىلىشقا بەكرەك مەركەزلەشكەن چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە تولۇق پۇرسەت باراۋەرلىكىگە ئېرىشىشى ۋە تۇرۇشلۇق جەمئىيەتلەرنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن ئاكتىپ ۋە كۈچلۈك شەكىلدە ئورۇن ئېلىشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقىرىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر