ھىتىتلارنىڭ پايتەختى ھاتتۇشانى كۆردىڭىزمۇ؟

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/06

1137169
ھىتىتلارنىڭ پايتەختى ھاتتۇشانى كۆردىڭىزمۇ؟

ھىتىتلارنىڭ پايتەختى ھاتتۇشانى كۆردىڭىزمۇ؟

 

ھىتىتلارنىڭ پايتەختى ھاتتۇشا

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سىلەرگە ھىتىتلارنىڭ پايتەختى ھاتتۇشانى تونۇشتۇرىمىز.

*****

ھىتىت ئىمپېرىيەسى مىلادىدىن ئىلگىرىكى دەۋرلەردە ئانادولۇدا ھاكىمىيەت سۈرگەن مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرسى بولۇپ، بۇ ئىمپرىيە قانچىلىغان ئەسىرلەر ئىلگىرى يوقۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ پايتەختى ھاتتۇشا ھازىرمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۈپ كەلمەكتە. بۇ ئانتىك شەھەر زىيارەتچىلەرگە ئۆز دەۋرىدە نەقەدەر كۆركەم ۋە مۇھىم شەھەر بولغانلىقىنى ھازىرمۇ نامايان قىلماقتا. 

ھىتىت ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1600يىللارغا تۇتىشىدۇ. شۇ دەۋرلەرگە ئائىت تاش ئويما يازمىلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ھىتىتلار دۆلەتنى ئۆزىگچە بىر دېموكراتىيە ئۇسۇلى بىلەن باشقۇرغان تۇنجى دۆلەت ئىدى. دۆلەتنى پادىشاھ ۋە پادىشاھ جامەتى ئەزالىرى باشقۇراتتى. «پانكۇش» دەپ ئىسىم بېرىلگەن كېڭەش (پارلامېنت)تا مۇھىم قارارلار ئاۋازغا قويۇلاتتى .ھەتتا پارلامېنتقا پادىشاھنىڭ ئىجرائاتلىرىنى تەكشۈرۈش ھۇقىقىمۇ بېرىلگەن ئىدى.

ھىتىتلار يەنە تارىختا تۇنجى قېتىم يازما كېلىشىم تۈزگەن خەلق ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار مسىر بىلەن كادەش كېلىشمىنى تۈزگەن ئىدى. دېمەك ئەينى چاغدىكى بۇ ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ پايتەختى ھاتتۇشا ھازىر ئانتىك شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ھىتىتلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان يادىكارلىقى ھېسابلىنىدۇ. 

ھاتتۇشا تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا قارا دېڭىز رايونىدا چورۇم ۋىلايىتى ئىچىدە ئۇرۇن ئالغان بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ بۈگۈنكى ئىسمى بوغاز كۆي دەپ ئاتىلىدۇ. ھاتتۇشا ھازىر بىر ئۈستى ئۇچۇق ئارخىئولوگىيە مۇزىيى ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەنكى شەھەر ۋە يۇقىرى شەھەر دەپ ئىككى بۆلۈمدىن تەركىپ تاپىدۇ.

تۆۋەنكى شەھەر دېيىلگەن رايوندا ئەينى دەۋردىكى خەلق ئولتۇراق جايلىرى ۋە ھاتتۇشانىڭ ئەڭ چوڭ دىنىي قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدىغان كاتتا ئىبادەتخانىسى بار.

يۇقىرى شەھەردە بولسا، نۇرغۇن ساندا ئىبادەتخانا جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايون تۆت دەرۋازىلىق بىر سىپىل بىلەن ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. شىر ھەيكەللىك دەرۋازىلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاش شىر ھەيكەللەر ئەينى چاغدا ھىتىتلارنىڭ تاش ئويما سەنئىتىگە نە قەدەر ماھىر ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

ھاتتۇشادىن 2 كېلومېتىر شەرقىي شىمالى تەرىپىگە جايلاشقان يازىلى كايا ئىبادەتخانىسى شەھەرنىڭ ئەڭ كۆركەم ئۈستى ئۈچۇق ئىبادەتخانىسى ھېسابلىنىدۇ.  ئىككى قىيا ۋە ھوجرىلاردىن تەشكىل تاپقان ئىبادەتخانىلارنىڭ تاملىرى ھىتىت تەڭرىلىرى ۋە ئايال تەڭىرىلىرىنىڭ ئويما رەسىملىرى بىلەن بېزەلگەن.

ھاتتۇشانى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن چورۇمغا كەلگىنىڭىزدە، چورۇم رە بوغاز كۆي مۇزىيلىرىدا تارىخىي بىر سەيلىگە چىقماي، ئىسكىلىپ ناھىيەسىنىڭ تارىخى كوچىلىرىنى، ھىتتىت يوللىرىنى ئايلانماي، قاراغاي پۇراپ تۇرىدىغان يايلاقلىرىنى كەزمەي، ئەنئەنىۋىي يەرلىك تاماقلىرىنى تېتىماي، ۋە كارگى رەختىگە ئوخشاش توقۇما مەھسۇتلىرىنى سېتىۋالماي تۇرۇپ ھەرگىز قايتماسلىقىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. 

ئەينى چاغدا مىسىرنىڭ كۈچتوڭگۈر پىرئەۋنلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى ھېسابلىنىدىغان، شۇنداقلا شۇ دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچى ھېسابلىنىدىغان ھىتىتلارنىڭ پايتەختى ھاتتۇشا سىزنىڭ زىيارىتىڭىزنى كۈتمەكتە.  

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا ھىتىتلارنىڭ پايتەختى ھاتتۇشانى تونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق تىڭشىغىنىڭقلار ئۈچۈن رەخمەت.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر