تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكانىڭ ۋۇجۇدقا چىقارغان لايىھەلىرى

1123758
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟

دۇنيا مىقىياسىدىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايوندا ھەر خىل ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت لايىھەلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ كېلىۋاتقان يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتتۇتى، تۈركىيە تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش خەلقلەر باشقارمىسى، قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنى ۋە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى باشقارمىسى-تىكا قاتارلىق ئورۇنلارنى ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان «تۈركىيەنىڭ كۆڭۈل كۆۋرۈكلىرى»ناملىق بۇ پىروگراممىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتىكى بۆلۈمىدە، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى باشقارمىسى-تىكا توغرۇلۇق قىسقىچە مەلۇمات بەرگەنىدۇق، بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا بولسا تىكانىڭ بىر قىسىم پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

ئۇنداقتا تىكا نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟

ۋەقپە مەدەنىيىتىنىڭ بىر ھالقىسى ھېسابلىنىدىغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى باشقارمىسى- تىكا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ ئىنسانىي ۋە ۋىجادانىي ئېڭىنى كونكرېت ھالدا ئىپادىلەپ كەلمەكتە. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،تىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىن بالقان رايونىغىچە، ئافرىقادىن لاتىن ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ئاسىياغىچە بولغان كەڭ كەتكەن رايونلاردا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت بولۇپ نۇرغۇن ساھەدە لايىھەلەر روياپقا چىقىرىش ئارقىلىق، تۈركىيەنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى بايلىقلىرى، شۇنداقلا مول تەجرىبىلىرىنى دوستلىرىمىز ھەمبەھرىلىشىدۇ.

تىكا ھازىرغىچە چەت دۆلەتلەردە دوختۇرخانىلار، مەكتەپلەر ۋە يوللار بەرپا قىلىش ئارقىلىق يۈزمىڭلارچە مۇھتاج كىشىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلمەكتە، تىكا ھازىرغىچە چەت دۆلەتلەردە 25مىڭغا يېقىن لايىھە روياپقا چىقىرىپ تۈركىيەنىڭ بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشىگە تۆھپە قوشتى ۋە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تىكا روياپقا چىقارغان لايىھەلەرنىڭ تۈرلىرى مائارىپ، سەھىيە، قونالغۇ، ئانا-بالا ساقلىقى، چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق، قاتناش، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، تۇرۇببا يوللىرى ۋە سۇ قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىكا بۇ لايىھەلەر ئارقىلىق دوست دۆلەتلەرنىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى ئاكتىپ ھالغا كەلتۈرىدىغان قۇرۇلمىلىق ۋە ئىنسانىي كۈچى قابىليىتىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ياردەم قىلىش ۋە ئادىل شىرىكىلىككە تايانغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

2015-يىلدىن 2017-يىلغىچە بولغان مەزگىللەردە بالقان رايونىدىن ئوتتۇرىغا ئاسىياغىچە، ئوتتۇرا شەرقتىن ئافرىقىغىچە بولغان نۇرغۇن رايوندا 250 گە يېقىن مەدەنىيەت ۋە تارىخىي يادىكارلىقلار تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا تەرىپىدىن رېمونت قىلىنىپ زىيارەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلدى.

سومالى، پەلەستىن، سۇدان، پاكىستان، قىرغىزىستان، مولدوۋا ۋە نۇرغۇن دۆلەتتە تىكا تەرىپىدىن سېلىنغان دوختۇرخانىلاردا يۈز مىڭلارچە بىمار داۋالانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر