تارىختىكى بۈگۈن: 2019-يىلى2-يانۋار
فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...
بۈگۈن 2019 – يىلى 2- يانۋار. سىلەر كۆرۈۋاتقان رەسىمنىڭ زادى قاچان تارتىلغانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق ئاينىڭ تۈنجى قېتىم 1839 – يىلىدا رەسىم ئىجادكارلىرىدىن بىرسى بولغان فىرانسىيەلىك فوتو سۈرەتچى لىئۇش داگۇئېررە تەرىپىدىن تارتىلغانلىقى مەلۇم.
*****
1905 – يىلىدا رۇسىيە- ياپونىيە ئۇرۇشى مەزگىلىدە خىتايدىكى رۇسىيە ھەربىي بازىسى پورت ئارتۇر، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى خېخاچىرو توگونىڭ قوماندانلىقىدىكى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسىگە تەسلىم بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا يول ئاچقان ۋە 1905 – يىلى ئىنقىلابىنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچقان زەنجىرسىمان ئىلگىرىلەشلەر باشلىنىپ كەتكەن ئىدى.
****
تۈركىيەدە 1934 – يىلى 21 - ئىيۇندا كىشىلەرنىڭ تونۇلۇشى ئۈچۈن ئىسىملىرىدىن باشقا يەنە، ئېتىقادى، ئىجتىمائىي ۋە ئائىلىۋى ئۇنۋانلىرى ئىشلىتىشلىشكە باشلانغان بولۇپ، بىر قېتىملىق قانۇن ئۆزگىرىشى ئارقىلىق فامىلە ئىشلىتىش قانۇنى چىقىرىلغان ئىدى. تۈركچە فامىلىسى بولۇشنى مەجبۇر ھالغا كەلتۈرگەن بۇ قانۇن، 1936 – يىلى 2 – يانۋرادا رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان ئىدى.
*****
1959 – يىلىدا ئاينىڭ ئەتراپىغىچە يېتىپ بېرىپ، قۇياش ئوربىتىگە كىرمەكچى بولغان تۇنجى سۇنئىي ھەمراھ «Luna1» سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئىدى. مەنىسى «چۈش» دېگەننى بىلدۈرىدىغان «Luna1»، قوياش ئوربىتىغا يېتىپ بارغان تۇنجى سۇنئىي ھەمراھ بولغان ئىدى.
****
1975 – يىلىدا تۈركىيە رادىيولىرى «TRT1»، «TRT2» ۋە «TRT3» ناملىق 3 قانالدىن تارقىتىش باشلىغان ئىدى.
****
1979 – يىلىدا تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسىسىسلىرىنىڭ 5 يىل داۋاملاشقان تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم سۇغا غەرق بولۇپ كەتكەن ئىسلامىي يادىكارلىقلار ئەگە دېڭىزىدا تېپىلغان ئىدى.
***
1993 – يىلى تۈركىيە ئارمىيەسى ب د ت نىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ئىچكى ئۇرۇش ۋە قەھەتچىلىق يۈز بېرىۋاتقان سومالىغا يېتىپ بارغان ئىدى. بۇ ئەكسەر يۆـكەش، 43 – يىل ئىلگىرى كورېيەگە يېتىپ بارغانىغا ئوخشاش جۇمھۇرىيەت تارىخىدىكى 2-قېتىملىق چەت ئەللەرنىڭ زېمىنىدا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئىدى.