ئىجرا قىلىش پروگراممىلىرىدا مۇداپىئە سانائىتى

مۇداپىئەدە مىللىي لايىھەلەر / 13

1112709
ئىجرا قىلىش پروگراممىلىرىدا مۇداپىئە سانائىتى

مۇداپىئەدە مىللىي لايىھەلەر / 13

ئىجرا قىلىش پروگراممىلىرىدا مۇداپىئە سانائىتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئاڭلىتىلىدىغان «مۇداپىئەدە مىللىي لايىھەلەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركىيە ھەربىي، سودا -سانائەت ئۇيۇشمىسى مائارىپ ئىشلىرى مۇدىرى تاركان سەزگىننىڭ «ئىجرا قىلىش پروگراممىلىرىدا مۇداپىئە سانائىتى» ناملىق ماقالىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

تۈركىيە 2018 يىلى 24 ئىيۇندا ھەم پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى، ھەم جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىنى تەڭ ئۆتكۈزدى.  بۇنىڭدىن ئىلگىرى 2017 يىلى 16 ئاپرىلدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى خەلقنىڭ رايىغا قويۇش سايلىمى نەتىجىسىدە «جۇمھۇر رەئىسلىك ھاكىمىيەت سىستېمىسى» قوبۇل قىلىندى. يېڭى سىستېما بىلەن نۇرغۇنلىغان دالەت ئورگانلىرىدا ئۆزگەرتىشلەر ئېلىپ بېرىلدى. بەزى مىنىستىرلىقلار بىرلەشتۈرۈلدى. بەزى ئىدارە ئورگانلار جۇمھۇر رەئسىلىككە بىۋاستە قارايدىغان ھالغا كەلتۈرلۈگەن بولسا، يەنە بەزى ئورگانلار تاقىۋىتىلدى. بۇ دائىرىدە دۆلەت مۇداپىئە مەسلىھەتچىلىك ئورگىنىنىڭ ئىسمى دۆلت مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرلىقىغا ئۆزگەرتىلىپ، بىۋاستە جۇمھۇر رەئىسلىككە قارايدىغان قىلىندى. بۇ يېڭى سىستېمىدا جۇمھۇر رەئىسلىك «100 كۈنلۈك ئىجرا قىلىش پىروگراممىسى» بىلەن مىنىستىرلىقلانرىڭ ۋە ئىدارە ئورگانلارنىڭ نىشانلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى. 2018 يىلى 3 - ئاۋغۇستتا «دەسلەپكى 100 كۈنلۈك ئىجرا قىلىش پىروگراممىسى» نى ئېلان قىلىپ، 400 ھەرىكەت نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دەسلەپكى 100 كۈندە پىلانلانغان ھەرىكەت نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

تۆۋەندە تۈركىيە ھەربىي سودا سانائەت ئۇيۇشمىسى مائارىپ ئىشلىرى مۇدىرى تاركان سەزگىننىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** **** *** *** ***** ***** *****

دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى نىشانلار مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا. دەسلەپكى ئىجرا قىلىش پىروگراممىسىدا، نىشانلانغان 400 ھەرىكەت نىشانىدا، مۇداپىئە سانائىتى 48 نىشان بىلەن بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى. 2018 يىلى 13 يانۋاردا ئېلان قىلىنغان «ئىككىنچى 100 كۈنلۈك ئىجرا قىلىش پىروگراممىسى» دا، 24 مىليارد لىرالىق 454 پىلان ئورۇن ئالدى. دەسلەپكى يۈز كۈنلۈك ئىجرا قىلىش پىلانىدىكىگە ئوخشاش ئىككىنچى ئىجرا قىلىش پالانىدىمۇ مۇداپىئە سانائىتى 52 ھەرىكەت نىشانى بىلەن بىرىنجى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.  ئىجرا قىلىش پىروگراممىسىنىڭ تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يىغىن قاتناشقۇچىلىرىغا يەرلىك تىك ئۇچار ئايروپىلان ھەققىدە خۇشخەۋەر بەردى. يەرلىك ۋە دۆلەت ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ ياسالغان «T625» تىپلىق ئومۇمىي مەقسەت تىك ئۇچار ئايروپىلانىنى سەھنىدە تونۇتتى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «سىلەرگە كۈتۈلمىگەن بىر يىڭىلىقنى سۇنماقچىمەن» دېگىنىچە پەردىنى ئاچتى. پەردىنىڭ ئارقىسىدىن نېمە چىقار؟ دەپ ھەممەيلەننىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەن پەيتتە، يەرلىك ئىمكانىيەتكە تايىنىپلا ئىشلەپچىقىرىلغان «گۆكبەي» تىك ئۇچارى كۆرۈندى. بۇ تىك ئۇچار بىرلا ۋاقىتتا 14 كىشىنى ئېلىپ ئۇچۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى.  ئىنشائاللاھ 2021 يىلىدىن باشلاپ سىجىل ئىشلەپچىقىرىش باشلىنىدۇ.

يۈز كۈنلۈك 52 ئىجرا قىلىش پىلانى

جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرلىقىنىڭ باشلامچىلىقىدا 100 كۈنلۈك قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان 52 ھەرىكەت نىشانى بار ئىدى. بۇلارنى بۇيەدە بىر بىرلەش پىزىپ ئولتۇرۇش ماقالىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ. شۇڭا بۇ پىلانلار ئارىسىدىكى مۇھىراقلىرىنى تاللاپ تۇنۇشتۇرماقچىمىز.

«T129 ATAK» تىك ئۇچار ئايروپىلانى، تۈركىيەنىڭ ھۇجۇمچى ئايروپىلان ئېھتىياجىنى قامداش مەقسىتىدە، يەرلىك ئىمكانىيەت ۋە قابىليەتلەرگە تايانغان ئاساستا ئىشلەپچىقىرىلدى. دۇنيا مىقياسىدا ئۆز تۈرى بويىچە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھۇجۇمچى تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئايلاندى. بۇ يەرلىك ئىشلەپچىقىرىلغان تىك ئۇچارىمىزدىن پاكىستانغا 30 دانە سېتىپ بېرىش كېلىشىمى 2018 يىلى ئيۇل ئېيىدا ئىمزالاندى.  ئالدىنقى يىلى تىك ئۇچارلارغا يەرلىك موتور ئىشلەپچىقىرىش لايىھەسى باشلانغان ئىدى. بۇ دائىرىدە 100 كۈنلۈك ھەرىكەت پىلانى ئىچىدە ئاتاق لايىھەسى كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى «ئاتاق ھۇجۇمچى ۋە تاكتىك كۆزەتكۈچى تىك ئۇچارلىرى» لايىھەسى بىلەن 2 تىك ئۇچار ئىشلەپچىقىرىلىپ تاپشۇرۇلىشى ئارقىلىق «ئاتاق» تىك ئۇچارلىرى ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ئىشلەپ چىقىرىلغان «Turboşaft» موتورىنىڭ بارلىق ئىچكى ئالاھىدىلىكلىرىنى يېڭىلاش باشلاندى.

بىرونىۋىكلەر ۋە تانكىلارغا ئالاقىدار نىشانلار

مۇداپىئە سانائىتى مىنىستىرلىقى نۆۋەتتىكى ئېھتىياجلىرىمىزنى قامدىيالايدىغان زامىنىۋىي تانكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان مۇھىم قەدەملەرنى تاشلىدى. 2018 يىلى 9 نويابىردا سىجىل ئىلەپچىقىرىش لىىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە 250 دانە ئالتاي تانكىنىڭ ئىشلەچىقىرىش كېلشىم بىلەن بەلگىلەندى. تۇنچى تانكىنىڭ ئارمىيەمىزگە كېلىشىمدىن 18 ئاي كېيىن تاپشۇرۇلۇشى نىشان قىلىندى. بۇ دائىرىدە 100 كۈنلۈك ئىجرا قىلىش پىروگراممىسى دائىرىسىدە ئالتاي تانكىسىنىڭ سىجىل ئىشلەپچىقىرىلىش لايىھەسى ئۈچۈن تۆۋەن قاتلام ئاساس قۇرۇلۇش كېلىشىملىرى ئىمزالاندى. پىروگراممىدا يەنە، «FIRAT-M60T» لايىھەسى دائىرىسىدە، 7 دانە تانكىنىڭ زامانىۋىيلاشتۇرۇلۇشى بىلەن بىرگە «M60TM» نىڭ سانىنىڭ 146 چىقىرىلىشى پىلاندى. ئالاھىدە مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چاقلىق بىرونىۋىك «ÖMTTZA» لايىھەسى كېلىشىمى ئىمزالاندى. شۇنىڭ بىلەن بىرونىۋىك ئاپتوموبىل لايىھەلىرى دائىرىسىدە ئوخشاش بولمىغان تىپلىق جەمئىي 255 ئاپتوموبىلنىڭ تاپشۇرۇپ بېرىلىشى پىلانلانماقتا. تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە مۇھىم ئۈنۈمگە ئىگە ئالاھىدە مەقسەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چاقلىق بىرونىۋىكلاردىن نۇرغۇن ساندا ئارمىيەگە تاپشۇرۇلىشى بىخەتەرلىكنى ساقلاش قىسىملىرىمىزنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرگۈسى.

ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلانلار، يىراقتىن كونتىرول قىلىنىدىغان ئاپتومبىل ۋە سۇنئىي ئەقىل

دۇنيا بويىچە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلەپچىقىرالايدىغان 6 دۆلەتنىڭ بىرسىگە ئايلانغان تۈركىيەدە، 100 كۈنلۈك ئىجرا قىلىش پىروگراممىسى دائىرىسىدە، 5 دانە تاكتىكىلىق ئۇچقۇچۇسىز ئايروپىلان «Bayraktar TB-2» بىلەن 2 دانە قوشۇمچە ھەرىكەت ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى «ANKA-S» نىڭ ئارمىيەمىزگە تاپشۇرۇپ بېرىلىشى پىلانلاندى. ئىجرا قىلىش پىروگراممىسىدا ئورۇن ئالغان نىشانلار دائىرىسىدە، مۇداپىئە سانائىتى تېخنىكىسىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئەھمىيەتلىك ئورۇنغا كەلگەنلىكى نامايان بولماقتا. ئىككىنچى 100 كۈنلۈك ئىجرا قىلىش پىروگراممىسىدىكى ئىلغار تېخنىكىنى تەقەززا قىلىدىغان بەزى نىشانلار تۆۋەندىكىچە:

1) 125 دانە يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان روبۇت ئاپتوماتنى پۈتكۈزۈپ ئارمىيەگە تاپشۇرۇش ۋە «EGM» ئاسما سومكىلىق روبۇت ئاپتومبىل تىپلىق سىگنال بۇزۇغۇچ روبوت لايىھەسى كېلىشىمى ئىمزالىنىشى.

2) «EYP» لەرنى كۈچى پەقۇلئاددە يۇقىرى مىكرو دولقۇن نېخنىكىلىق بايقاپ يوقۇتۇش ئىشقتىدارىغا ئىگە ئېلېكتىرونلۇق ئايلانما «EYP» بايقاش ۋە زىيانسىز پاچاقلاش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىش كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى.

3) يېنىك ۋە ئورتا دەرىجىلىك ھالدا باشلىتىلغان يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە مەيداندا سىناق قىلىنىشىىنى داۋاملاشتۇرۇپ ئارمىيەگە تاپشۇرۇپ بېرىشنىڭ باشلىنىشى.

4) ئېغىر تىپلىقلار بويىچە باشلانغان يىراقتىن كونتىرول قىلىدىغان ئاپتوموبىل لايىھەسىنىڭ ھۆددىگە بېرىلىشى، ھازىرقى ئىقتىدار ۋە قابىلىيەتلىرى جەھەتتىن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ باھاسىنى ئېلىش مەقسىتىدە كۆرگەزمە سىناقلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى.

5) سۇنئىي ئەقىل ۋە روبوت خاراكتېرلىق تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىشى دائىرىسىدە، 117 دانە «SAGA» ئۈچۈن سۇنۇلغان ئىلتىماسلارنىڭ قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە ئالاقىدار كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالىنىشى.

6) سىجىل ئۇچقۇچىسىز ئايرخپىلان تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە كۆرگەزمە قىلىش لايىھەسىنىڭ باشلىنىشى.

پەقۇلئاددە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرلا ئىشلەپچىقىرالايدىغان مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىنى تۈركىيە ئەمدىلىكتە ئۆزىنىڭ يەرلىك ئىمكانىيەتلىرىگە تايىنىپ ئىشلەپچىقىرالايدىغان ھالغا كەلدى. مۇداپىئە سانائىتى نىشان سانىنى تولۇق ئىجرا قىلىشتا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالماقتا. ئىجرا قىلىش پىروگراممىسى يىغىنىدا يەرلىك تىك ئۇچار ئايروپىلانىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەرىپىدىن كۆرسىتىلىشىمۇ جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە قانچىلىك زور ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ نامايەندىسىدۇر. تۈركىيە رايون خاراكتېرلىق ۋە يەر شارى خاراكتېرلىق تەھدىتلەرگە قارشى مۇداپىئە سانائىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئاڭلىتىلىدىغان «مۇداپىئەدە مىللىي لايىھەلەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركىيە ھەربىي، سودا -سانائەت ئۇيۇشمىسى مائارىپ ئىشلىرى مۇدىرى تاركان زەنگىننىڭ «ئىجرا قىلىش پروگراممىلىرىدا مۇداپىئە سانائىتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر