مۆئمىنلەرچە ئىلتىجا (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 47 - 2018

1093810
مۆئمىنلەرچە ئىلتىجا (ئاۋازلىق)

 

ئەزىز قېرىنداشلار، ئۇلۇغ جۈمە كۈنىمىز مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە:

«ئى پەيغەمبەر! مېنىڭ بەندىلىرىم سەندىن مەن توغرىلىق سورىسا، ئۇلارغا ئېيتقىنكى، مەن ھەقىقەتەن ئۇلارغا يېقىنمەن، دۇئا قىلغۇچى ماڭا دۇئا قىلغاندا، مەن ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلايمەن ۋە ئىجابەت قىلىمەن، شۇڭا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلىشى ۋە ماڭا ئىمان ئېيتىشى كېرەك. بۇ سۆزنى ئۇلارغا ئاڭلاتقىنكى، ئۇلار توغرا يول تاپسۇن»[1]

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشەنگەن ھالدا دۇئا قىلىڭلار! بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ پەرۋاسىزلىق ۋە كۆڭۈل بولمەسلىك بىلەن قىلىنغان دۇئالارنى قوبۇل قىلمايدۇ»[2]

بۇ دۇنيادا بىزلەرنى ھوزۇرغا ئېرىشتۇرىدىغان، قېيىنچىقلارغا تاقابىل تۇرۇش كۈچىمىزنى ئاشۇرىدىغان، ئۈمىتلىرىمىزنى ۋە ئىستىقبالىمىزغا دائىر غايىلىرىمىزنى تىرىك تۇتىدىغان ئىنتايىن كاتتا بىر نېمەت بار. ئۇ بولسىمۇ دۇئادۇر.

دۇئا؛ ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز بىزگە بەخش ئەتكەن رەھمەت ۋە بەرىكەت دەرۋازىسىدۇر.

دۇئا؛ ئاللاھقا ئىمان ۋە تەسلىمىيىتىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. بىزلەرنى بىر دەممۇ تاشلىۋەتمەيدىغان، يالغۇز قويمايدىغان بىر رەببىمىزنىڭ بارلىقىغا بولغان ئېڭىمىزنىڭ ئىزھارىدۇر. ھەمدۇ - سانا ۋە شۈكۈر ئېيتىش بىلەن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقى ئالدىدا ئاجىزلىقىمىزنىڭ ئېتىراپىدۇر.

دۇئا؛ مەۋجۇتقۇلىمىزنى بايقىغانلىقىمىزدۇر. بىز دۇئا قىلغاندا نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى، چەك چېگرالىرىمىزنى، ماددى ۋە مەنىۋىي ئىمكانىيەتلىرىمىزنى تۇنۇپ يەتكەن بولىمىز. دۇئادا ئەسلىدە ھەددىمىز ۋە كۈچ - قۇدرىتىمىزنى شۇنداقلا يارىتىلىش غايىمىز ۋە مەسئۇلىيەتلىرىمىزنى تونۇپ يەتكەنلىكىمىزنى تىلغا ئالىمىز. ئۆزىمىزنى تونۇغان بولىمىز. خۇددى يۇقىرىقى ئايەتتە كۆرگىنىمىزگە ئوخشاش ھەر دائىم دۇئالىرىمىز ئارقىلىقلا رەببىمىزنىڭ دەرگاھىدا قىممەتكە سازاۋەر بولىمىز. 

ئەزىز قېرىنداشلار! دۇئا؛ بەندىچىلىكىمىزنى ئاللاھقا سۇنغانلىقىمىزدۇر. دۇئالىرىمىز ئارقىلىق ئاللاھنىڭ پەرمانى ۋە قارارىغا رازى ئىكەنلىكىمىزنى تىلغا ئالىمىز. يېغىپ ئېيتقاندا پۈتۈن ئىبادەتلىرىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى جاكارلايمىز. چۈنكى شۇنى بىلىمىزكى، پۈتۈن ئىبادەتلەرگە روھ ۋە مەنە بەخش ئېتىدىغىنى دۇئادۇر. ئىبادەت يەنى، بەندىچىلىك ئېڭى، دۇئا ئارقىلىق مۈكەممەللىشىدۇ. شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەليھىسسالام «دۇئا ئىبادەتنىڭ جەۋھىرىدۇر»[3] دېگەن ئىدى.

دۇئا ھەم بىر چاقىرىق، ھەم چاقىرىققا قايتۇرۇلغان جاۋاپتۇر. رەببىمىزمۇ: «دۇئا قىلغۇچى ماڭا دۇئا قىلغاندا، مەن ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلايمەن ۋە جاۋاپ قايتۇرىمەن» دېيىش ئارقىلىق بىزلەرنى دۇئاغا چاقىرىق قىلماقتا. دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بەرەمەكتە. بىز پەقەت دەل مۇشۇ ئاڭ بىلەن رەببىمىزگە دۇئا قىلساق، ئۇنىڭ رازىلىقىنى، يارىدىمنىى، بەرىكىتىنى ۋە مەغپىرىتىنى تېلىسەكلا بولدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! دۇئا؛ قانداقتۇر ھورۇن، مەسئۇلىيەتسىز، ئاڭسىز، جاسارەتسىز ئىنساننىڭ بوينىنى بۈكۈپ يالۋۇرىشى ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە، ئارادە، غەيرەت ۋە خالىس نىيەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر.

دۇئا؛ پەقەتلا تىل بىلەن ئىپادىلىنىدىغان جۈملىلەردىنلا ئىبارەت ئەمەس، تەپەككۈر ۋە ئەقىلنىڭ دۇئاسىدۇر. سۆيگۈ، مېھرى شەپقەت ۋە قەلبنىڭ دۇئاسىدۇر. مەغپىرەت تېلەش بولسا، تىلنىڭ دۇئاسىدۇر. ئەقىل بىلەن قەلب دۇئاغا تۇرماي تۇرۇپ، تىلنىڭ دۇئاسىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقىغا ھەقىقىي ئىشەنگەن ھالدا دۇئا قىلىڭلار! بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاللاھ پەرۋاسىزلىق ۋە كۆڭۈل بولمەسلىك بىلەن قىلىنغان دۇئالارنى قوبۇل قىلمايدۇ»[4] دېگەن ئىدى. 

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! دۇئا؛ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىشتۇر. قېرىنداشلىق ئىڭىمىزنى ئۆستۈرگەنلىكىمىزدۇر. دۇئا قىلغاندا بېخىللىق قىلماڭلار. پەقەت ئۆزۈڭلارنىلا ئويلىماڭلار. غايىۋانە قىلىنغان دۇئانىڭ قوبۇل بولىدىغانلىقىنى ئەستە تۇتقان ھالدا دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا دۇئا قىلىشنى ئۇنتۇماڭلار. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز ئۆمرىگە بېرىش ئۈچۈن رۇخسەت سورىغان ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: «قېرىندىشىم دۇئالىرىڭغا بىزنىمۇ شېرىك قىلىۋالغىن، بىزنى ئۇنتۇمىغىن»[5] دېگەن ئىدى.

دۇئا؛ ئۇلۇغۋار قىممەت قاراشلارنى تەلەپ قىلغانلىقىمىزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەرگە تەلىم بەرگەن دۇئالاردا پەقەتلا ماددىي ئېھتىياجلارنى تەلەپ قىلىش يوق. بەلكى ئەكسىچە، پەيغەمبەر ئەليھىسسالام دۇئالىرىدا ئەخلاق پەزىلەتنى ۋە ئىنساننى يۈكسەلتىدىغان ئېسىل خىسلەتلەرنى تەلەپ قىلاتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئالىرىدا جەمئىيەت ئۈچۈن سۆيگۈ مۇھەببەت، ئۆزئارا ھۆرمەت، كۆيۈم شەپقەت، ئادالەت ۋە خاتىرجەملىكنى تېلەش بار ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇئالىرىدا خارلىققا قىلىشتىن، باشقىلارغا مۇھتاج بولۇپ قىلىشتىن ۋە ئەخلاقسىزلىقتىن پاناھلىق تېلەيتتى. 

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاللاھ تائالا بىزلەرنى دۇئانىڭ بەرىكىتى ۋە كۈچىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن.، بىزلەرنى دۇئالىرى قوبۇل بولىدىغان بەختىيارلاردىن قىلسۇن!

قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! بۇ مبارەك جۇمە سائىتىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆگەتكەن دۇئالار بىلەن دۇئا قىلايلى!

ئى ئاللاھىم! سەندىن ھىدايەت، تەقۋالىق، ئىپپەت ۋە قەلب بايلىقى تەلەپ قىلىمىز.

ئى ئاللاھىم! بۇزغۇنچىلىقتىن، مۇناپىقلىقتىن ۋە يامان ئەخلاقتىن ساڭا سىغىنىمىز.

ئى ئاللاھىم! پەيدا بەرمەيدىغان ئىلىمدىن، تىترىمەيدىغان قەلبتىن، تويمايدىغان نەپىستىن ۋە قوبۇل بولمايدىغان دۇئادىن ساقلىشىڭنى ئىلتىجا قىلىمىز.

ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىنمۇ ياخشىلىق بەرگىن. بىزنى جەھەننەم ئازابىدىن قوغدىغىن.

ئى رەببىمىز! ئىسلام ئۈممىتىنى قايتىدىن ئەزىز قىلغىن! مىللىتىمىزنىڭ ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەم سائادىتى ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلغان شېھىتلىرىمىزگە رەھىم - شەپقىتىڭ بىلەن مۇئامىلە قىلغىن.

شېھىتلىرىمىزنىڭ يېقىن يورۇقلىرىغا ۋە مىللىتىمىزگە سەبر تاقەت ئاتا قىلغىن. بىزلەرنى ئەشۇ شېھىتلىرىمىز جېنىنى پىدا قىلغان ئۇلۇغۋار قىممەت قاراشلىرىمىزنى ياشنىتىدىغان ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلىدىغانلاردىن قىلغىن! ئامىن!!! 

 


[1]  - سۈرە بەقەرە 186ئايەت

[2]  - تىرمىزى

[3]  - تىرمىزى

[4]  - تىرمىزى

[5]  - ئىبنى ماجە



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر