«بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسى»تۇزاقمۇ ياكى مۇكاپاتمۇ؟

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1093222
«بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسى»تۇزاقمۇ ياكى مۇكاپاتمۇ؟

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە شىركەتلىرىگە سىبەر ھۇجۇمى قوزغىشى توغرىسىدا بايانات بېرىشىگە قارىتا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىقتىساد مەسلىھەتچىلىرى كېڭىشىنىڭ ئەزاسى كېۋىن ھاسسېت، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى تۈپەيلى خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىدىن چىقىرىۋېتىلىشى لازىملىقىنى ئېيتتى. نەتىجىدە ئۇنىڭ سۆزى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى.

تىنچ ئوكياندىكى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە چاقىرىلغان ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ سەۋەبىدىن لىدېرلار ئورتاق خىتابنامە ئۈستىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلالمىدى.

پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيە باش مىنىستىرى پېتېر ئونېيل، ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدىن كېيىن بايانات بېرىپ، بەزى ئىختىلاپلار تۈپەيلى ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىنالمىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئەندىشە ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ئارىسىدا 29 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىنالمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئا پ ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئىزچىل سودا قائىدىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ كېلىشىنىڭ ئورتاق خىتابنامىدە تەكىتلىنىشىنى تەلەپ قىلغان بولسا، خىتاي ئامېرىكانىڭ بۇ ئىشىنىڭ بىتەرەپ بولمىغانلىقىنى دېيىشى سەۋەبىدىن ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىنالمىغان.

ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا سۆز قىلغان ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، خىتاينىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھەلىرى ئۈچۈن «بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەسى»دائىرىسىدە پۇل-مۇئامىلە قائىدە-پىرىنپسلىرىغا زىت ھالدا تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىگە قەرز پۇل بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەنىدى: «خىتاي قەرز بەرگەن ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھەلىرىنى تاماملاش تەس ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ لايىھەلەر سۈپەتسىز. بۇ لايىھەلەر دۆلەتلەرنى قەرز پاتقىقىغا پاتتۇرۇپ قويماقتا، شۇڭا خىتايغا قەرز بولۇپ قېلىپ ئۆزۈڭلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى خەتەرگە ئىتتىرمەڭلار، دۆلىتىڭلارنى قوغداڭلار.» بۇنىڭغا قارىتا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ: «بىر بەلباغ ۋە بىر يول لايىھەمىز ھېچكىمنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ، ھېچكىمنى چەتكە قاقمايدۇ، بەزىلەر بىلجىرلىغاندەك بۇ لايىھەمىز تۇزاق ئەمەس»دەپ جاۋاب قايتۇردى.

دونالد ترامپنىڭ ئىقتىسادى مەسلىھەتچىسىنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئاسىيا تىنچ ئوكيان ھەمكارلىقى ئالى رەھبەرلەر يىغىنىدا ئورتاق خىتابنامە ئېلان قىلىناماسلىقى ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشىنىڭ كەسكىن بولىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنامدۇ؟ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى تېخىمۇ كەسكىنلىشەمدۇ ياكى ئاخىرلىشىشى مۇمكىنمۇ؟  مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس دېگەندەك خىتاينىڭ «يىپەك يولى لايىھەسى»تۇزاقمۇ ياكى خىتاي دېگەندەك دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىقمۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر