ياۋروپادا مۇسۇلمان زىيالىيلار قۇرۇلتىيى (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (46)

1087780
ياۋروپادا مۇسۇلمان زىيالىيلار قۇرۇلتىيى (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (46)

«ياۋروپادا مۇسۇلمان زىيالىيلار قۇرۇلتىيى»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «ياۋروپادا مۇسۇلمان زىيالىيلار قۇرۇلتىيى» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ئېسىڭلاردا بولسا، كېرەك ئالدىنقى ماقالىمىزدا غەرب دۆلەتلىرى ۋە يازغۇچى زىيالىيلارنىڭ ئىسلامغا نىسبەتەن ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزلىرىنى مەزكەز قىلغان ۋە بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىنلا ئانالىز قىلغان ھالدا پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدۇق. ئۇلار قۇرۇپ چىققان «ئىسلام كېڭىشى» دېگەنگە ئوخشاش ئورگانلار ئارقىلىق «مەسىلە» دەپ قارىغان تېمىلارنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. ئاساسەن بۇنىڭغا ئوخشاش ئورگانلارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان قاراشلىرى كۆپ ھاللاردا مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ياكى «مەسىلە» دەپ قارالىدىغان تېمىلار ئۈستىدە بولماي كەلمەكتە. شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ كۈنتەرتىپلىرىگە ئۆزلىرى تېخىمۇ بەك ھاكىم بولۇشى، تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۆزلىرىنى ئىپادىلىيەلىشى لازىم.  

شۈبھىسىزكى، غەربتە ياشايدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز كۈنتەرتىپلىرىگە ئۆزلىرى ھاكىم بولۇش ئۈچۈن قىلغان ۋە قىلىشى كېرەكلىك نۇرغۇن خىزمەتلەر بار. مەن بۇ يەردە پەقەت مۇھىم دەپ قارىغان «مۇسۇلمان زىيالىيلار قۇرۇلتىيى» ئۈستىدىلا توختىلىمەن.

يىللىق قۇرۇلتايلار

يەرشارىلىشىش ۋە ئېمپىرىيالىزم ئاساسىدىكى نىشانلار ئوتتۇرىغا چىقارغان ناھەقچىلىقلار سەۋەبىدىن (سۈرىيەدىكىگە ئوخشاش) ئىنسانلارنىڭ كۈچمەنلىك دولقۇنى ئەۋجىگە چىقماقتا. بۇ مەزگىلدە ئىلگىرى فولكلور ئامىللىرى دەپ قارىلىدىغان يىراق دىيارلاردىكى ئوخشاش بولمىغان تۇرمۇش ئادەتلىرى ئەمدىلىكتە بىر بىرى بىلەن گىرەلىشىپ چېگىشلىشىپ كەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا. بۇ گىرەلىشىپ كېتىش مەلۇم دەرىجىدە ئېنىقسىزلىق، ئەندىشە، قورقۇنچ ۋە نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى ياراتماقتا. بۇ خىل ئەھۋالدا كۆچمەن بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تېخىمۇ بەك ئىپادىلىيەلىشى ئىنتتايىن مۇھىم. ھەم ياختۇرمايدىغان كۈنتەرتىپلەرگە دۇچ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەم باشقىلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئازايتىش ئۇچۈن پەيدالىق بولىدۇ.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياۋروپادا ياشايدىغان مۇسۇلمان زىيالىيلار بىر مۇنبەر شەكىللەندۈرۈپ، يىللىق ئالاھىدە قۇرۇلتايلارنى چاقارالايدۇ. بۇ قۇرۇلتايلار پارىژ، لوندون، بېرلىن، بىريۇسسېلگە ئوخشاش ياۋروپانىڭ چوڭ پايتەختلىرىدە ھەر يىلى بىر قېتىم ئېچىلسا بولىدۇ. قۇرۇلتايدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلىيەلىشىگە پايدىلىق تېمىلار مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەك. شۇنىڭدەك ياۋروپا ياكى پۈتۈن دۇنيا قىززىق تالاش تارتىش قىلىۋاتقان تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىشقىمۇ بولىدۇ. بۇ جەھەتتە تېررورلۇق، ئېرقىۋازلىق، ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش، پىكىر ئەركىنلىكى، مائارىپ، ئائىلە، ياشلار مەسلىسى، بىرلىكتە ياشاش، زەھەرلىك چېكىملىك، مەكتەپ جىنايەتلىرى، بالىلارنىڭ ئائىلىلىرىدىن مەجبۇر ئايرىۋېتىلىشى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

قۇرۇلتايدا مۇسۇلمان زىيالىيلاردىن باشقا يەنە، مۇناسىۋەتلىك، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان جەمئىيەت ئەربابلىرى، قۇرۇلتاي ئېچىلغان شەھەرنىڭ ۋالىيسى، شەھەر باشلىقلىرى، شۇ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگان ۋە دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭمۇ قاتنىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. شۇنداق قىلغاندا قۇرۇلتايلارنىڭ مۇسۇلمانلارئارا يېپىق قۇرۇلتاي بولماسلىقى ئەمەلگە ئاشقان بولىدۇ. مەسىلىلەر ئورتاق بولغاندا، ئۇنىڭغا قارىتا ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە شۇ رايوندا تۇرۇشلۇق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىزدىنىش ئەڭ ساغلام نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ. قۇرۇلتاينىڭ ھەر يىلى بىر قېتىم دوكلات ئېلان قىلىشى، ھەم نېمىلەرنى مەسىلە قاتارىدا كۆرگەنلىكى، ھەم نېمىنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىشى، يول كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن دەل جايىدا قىلىنغان ئىش بولىدۇ. 

نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمان زىيالىيلار؟

شۈبھىسىزكى، بۇ خىل قۇرۇلتايلارنى مۇسۇلمان دىنىي زاتلار، ئاممىۋىي تەشكىلات ۋەكىللىرى، سودا سانائەتچى، كۈلتۈر سەنئەت ۋە سىياسەتچىلەر بىلەن ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆتكۈلىشى تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. چۇنكى ھەر قانداق جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي زىيالىيلىرى شۇ جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن ئاسان مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان، ئۇلار بىلەن كۆپ ھاللاردا بىر يەرگە ئاسان جەم بولالايدىغان، ئۇلار بىلەن تېخىمۇ كۆڭۈللۈك دىيالوگ ئورنىتالايدىغان كىشىلەردۇر. چۈنكى ھەقىقىي زىيالىيلارنىڭ شۈنداق بولۇشى تەلەب قىلىنىدۇ. قۇرۇلتايلاردا سۆزلىنىدىغان تېمىلار، دىنىي، ئىجتىمائىي، پىسخىئولوگىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، سىياسىي، ئىقتىسادىي، كۈلتۈر ۋە باشقا بارلىق مۇھىم ساھەلەرنى ئۆ ئىچىگە ئېلىشى لازىم. شۇڭا قۇرۇلتاينىڭ زىيالىيلار قۇرۇلتىيى بولۇشى ۋە يىغىننىڭ قوشۇمچە ئۆلتۈرۈشلىرىدا دىنىي زاتلارغا، ئاممىۋىي تەشكىلات رەھبەرلىرى، ۋەكىللىرى، سودا سانائەتچىلەر، كۈلتۈر، سىياسەت ئادەملىرىگە ئورۇن بېرىلىشى ئەڭ توغرا بولىدۇ. 

قورۇلتاينىڭ ھەسسىسى ۋە پايدىسى

مۇسۇلمان زىيالىيلارنىڭ ئالاقىدار دۆلەت مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر تەڭ قاتنىشىدىغان قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈشى نۇرغۇنلىغان جەھەتلەردىن ئىجابىي نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.

مۇسۇلمانلار نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ياۋروپادا ياشايدىغان مۇسۇلمان زىيالىيلار ئەپسۇسكى ئورتاق مۇنبەرلەردە ئاساسەن دېگۈدەك بىر يەرگە كېلەلمەي يۈرمەكتە.  ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەت سەۋەيىسىدە، رايون ۋە ياكى دىنىي تەشكىلاتلار سەۋەيىسىدىكى مۇنبەرلەردىلا ئۆزلىرىنى نامايان قىلماقتا. ياۋروپادىكى مەسىلىلەر ئورتاق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەل قىلىش چارىسىنى پەرقلىق ئەنئەنىلەر، دۆلەت تەجرىبىلىرى ۋە يەرلىك تەشكىلاتلار ئىچىدىلا ئىزدەپ يۈرمەكتە. قۇرۇلتاي بولغاندا بولسا، بىرىنچى بولۇپ مۇسۇلمان زىيالىيلارغا ئۆز مەسىلىلىرىنى تەپسىلىي مۇنازىرە قىلىش پۇرسىتى سۇنىدۇ.

مۇسۇلمانلار، مەنسۇبىيەت نۇقتىسىدىن؛ دۆلەت، ئىدىئولوگىيە، ئىرق، مەزھەب، سكولارىزم ۋە جامائەتلەرگە بولغان مەنسۇپلۇقلىرى بىلەن ئىنتايىن پارچىلانغان ھالدا ياشىماقتا. بەزىلىرى كەلگەن دۆلەتلەر ئۈچۈن قىممەتلىك چارىلەرنى، ئۆرپ ئادەتلىرىگە ئوخشاش ياۋروپاغا يۆتكەشكە تىرىشماقتا. قۇرۇلتاي بولسا، مەسىلىلەرگە ئورتاق بىر يۇقىرىدىن قاراش، پوزىتسىيە بەلگىلەش ئۈچۈن قىممەتلىك نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرالايدۇ.  

يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل قۇرۇلتاي ياكى مۇنبەر مۇسۇلمانلار نامىدىن سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولالايدىغان كىشىلەرنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىقىشىغا ھەسسە قوشىدۇ. باشقىلارنىڭ ئەمەس، مۇسۇلمان زىيالىيلارنىڭ ئۆزلىرىگە نىسبەتەن زادى نېمىنىڭ «مەسىلە» ئىكەنلىكىنى ۋە ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە نېمىلەرنى تەۋسىيە قىلىشنى بەلگىلەش پۇرسىتى يارىتىلغان بولىدۇ.

ئالاقىدار دۆلەتلەر نۇقتىسىدىن؛ كۆپ مۇسۇلمانلارغا قۇچاق ئاچقان دۆلەتلەردىن بەزىلىرى، چۈشىنىش، ھەل قىلىش چارىسى تېپىش مەقسىتى بىلەن، يەنە بەزىلىرى ئاسېملاتسىيە قىلىش ۋە مونوپول قىلىش مەقسىتى بىلەن مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە. قۇرۇلتاي بولغاندا، بىرلىكتە ياشاشنىڭ يارىتىدىغان پۇرسەتلىرى ۋە مەسىلىلىرىنى يېقىندىن كۆرۈپ، ياخشى نىيەت بىلەن ھەل قىلىش چارىسى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەرگە ياردەمچى بولالايدۇ. بىلىپ ياكى بىلمەي مۇسۇلمانلار نامىدىن مەسلىلەرگە باھا بېرىش ۋە ئۇلار خالىمايدىغان ھەل قىلىش چارىلىرىنى چىقىرىش، تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، زورلاپ تېڭىش ھەرىكەتلىرىگە توسالغۇ بولالايدۇ.

تۇرۇشلۇق جەمئىيەت نۇقتىسىدىن؛ تارىخلىرىدا نۇرغۇن ئوخشىمايدىغان كۈلتۈردىكىلەر بىلەن بىرگە ياشاش تەجرىبىسى بولمىغانلىقتىن غەرب دۆلەتلىرىدە، دـلەتتىن تاشقىرى كۈچلەر، ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، زىيالىيلار ۋە شەخسلەر مۇسۇلمان خەلقلەرگە دائىر تەبىئىي ھالدا بىر قىزىقىش ياكى ئەندىشە ئىچىدە بولۇشى مۇمكىن. مۇسۇلمان زىيالىيلار قۇرۇلتىيى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى، يېڭى مەسىلىلەرگە دائىر پىكىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپرەك ئوتتۇرىغا قويۇشى، بۇ ئەندىشە ۋە قىزىقىشقا مەلۇم دەرىجىدە جاۋاب بولالايدۇ. ئۆزلىرىگە قارىتىلغان ئەندىشىلەرگە نىسبەتەن مۇسۇلمان زىيالىيلار تەرىپىدىن بىۋاستە جاۋاب بېرىلمىسە، بۇ ئەدىشىلەرگە كۆپ ھاللاردا باشقىلار چوقۇم خاتا شەكىلدە جاۋابلارنى بېرشىكە باشلايدۇ.

قۇرلتاي بولغاندا، يالغۇز ياۋروپادىلا ئەمەس، مۇسۇلمانلار كۆچۈپ بارغان ياكى مۇسۇلمانلار ياشايدىغان خەلقلەر ئارىسىدا، ھەمدە مۇسۇلمانلار ئاز سانلىق ھېسابلىنىدىغان رايونلاردا قىممەتلىك، ئەمەلىيەتچىل تۇنۇشلارنى پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدا ئافرىقا، بالقانلار ۋە ئاۋستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە مۇسۇلمان زىيالىيلار قۇرۇلتىيى قۇرۇشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ. ئامېرىكىدا بولسا، تولۇق مۇشۇ ئىسىم بىلەن بولمىسىمۇ، ئۆتكۈزۈلگەن بەزى قۇرۇلتايلار ئوخشاش رولغا ئىگە بولماقتا ۋە ھەسسىسىنى قوشماقتا.     

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر