توپ - توغرا يول (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/45 - 2018

1084887
توپ - توغرا يول (ئاۋازلىق)

 

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي زاتلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىدىن پاكتۇر»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە «مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قالدۇردۇم ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلىدىغانلا بولساڭلار ئېزىپ كەتمەيسىلەر. ئاللاھنىڭ كىتابى ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىدۇر» دەيدۇ[2].

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبىرىمىز ساھابىلىرىنىڭ سورۇنىدا قۇرئان كەرىمدىن بىر ئايەت ئوقۇغان ئىدى. بۇ ئايەتتە ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنقى دىنغا ئەگەشكۈچىلەرنىڭ دىننى قانداقلارچە بۇزغانلىقىدىن خەۋەر بىرىلگەن ئىدى.

«ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھىبرىلىرىنى، راھىبلىرىنى (يەھۇدىيلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىنىي زاتلىرىنى، ئۆلىمالىرىنى) ۋە مەريەم ئوغلى مەسىھنى مەبۇد قىلىۋالدى. (ھالبۇكى) ئۇلار (پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق) پەقەت بىر ئىلاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى، ئۇنىڭدىن باشقا (يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ تىن باشقا) ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىدىن پاكتۇر»[3] 

پەيغەمبىرىمىز ئايەتنى ئوقۇپ بولىشىغا، بۇرۇن خىرىستىيان بولۇپ، كىيىن مۇسۇلمان بولغان بىر ساھابە «ئى رەسۇلۇللاھ! بىز ئۇلارغا بەندىچىلىك قىلىمىغان تۇرساق!» دىدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا: «ئۇلار سىلەرگە خالىغانلىرىنى ھالال، خالىغانلىرىنى ھارام قىلىشاتتى، سىلەرمۇ ئۇلارنىڭ دىگىنىگە ئىتائەت قىلاتتىڭلار، شۇنداق ئەمەسمۇ؟» دەپ سورۇدى. ساھابە: «ھەئە، شۇنداق» دەپ جاۋاب بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «بۇ ئايەتتە دەل شۇ ئەھۋاللار كۆزدە تۇتۇلماقتا» دىدى[4].

ئەزىزقېرىنداشلار! بۇ ئايەت بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇكى، ئادەم ئەۋلادلىرى تارىختىن بېرى دىنغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە تەسەۋۋۇرىدا پات پات ئېزىپ كېتىش  ۋە ئارىلاشتۇرۋىتىشتەك مەسىلىلەر كۆرۈلۈپ تۇرغان. مانا بۇ چەتنەش ۋە ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشقا قارشى، ئۇلۇغ رەببىمىز ئادەم ئەلەيھىسالامدىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگىچە بولغان مۇبارەك ئەلچىلىرى ئاقىلىق ئىنسانلارنى تەۋھىد ئېتىقادىغا چاقىرىق قىلغان.

تەۋھىد ئېتىقادى، سىراتەل مۇستەقىمدۇر، توغرا يولدۇر. بۇ يولدا پەقەتلا بىر ئاللاھقا ئىتائەت، تەسلىمىيەت ۋە قۇللۇق قىلىش بار. بۇ يول شېرك، كۇپۇر، پىتنە - پاسات، ئىككى يۈزلىمچىلىك ئەمەس، ئۆزى ۋە سۆزى بىردەك بولۇش، قانداق بولسا شۇنداق كۆرۈنۈپ، قانداق كۆرۈنگەن بولسا شۇنداق بولۇشنىڭ يولىدۇر. بۇ يولدا ئەخلاق - پەزىلەت ۋە سەمىمىيەت بار. بۇ يولدا يالغانچىلىق ئەمەس، راستچىلىلىق، خىيانەت ئەمەس، ساداقەت بار. بۇ يولدا ئازغۇنلۇق، ھەددىدىن ئىشىش ۋە زالىملىق ئەمەس، ئىستىقامەت، ئادالەت ۋە ھەقكە مەنسۇپ بولۇش بار.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ مۇبارەك يولنىڭ ئاخىرقى دەۋەتچىسى بولدى. ئۇلۇغ ئاللاھ  دىنىمىز ئىسلامنى قۇرئان كەرىم بىلەن ۋە پەيغەمبىرىمىز بىلەن كامالەتكە يەتكۈزدى[5]. شۇنىڭدىن بۇيان ئىنسانلارنى بۇ مۇبارەك يولغا چاقىرغان، ھەقىقى ئىلىم ۋە ئىرپان ئەھلى نۇرغۇن كىشىلەرنى بەختىيار قىلدى. ئەمما ھەق يولدا كۆرىنىپ تۇرۇپ، ئىنسانلارنى سىراتەل مۇستەقىمدىن ئاداشتۇرغان، ئۇلارنى توغرا ۋە ھەق بولمىغان يولغا دەۋەت قىلغان نۇرغۇن بەدبەختلەرمۇ ئاز بولمىدى.

ئەزىزقېرىنداشلار! بۇ توغرا يولدا ھەرقانداق چۈشەنچىنى ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ، قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزىۋېلىشقا بولمايدۇ. بۇ توغرا يولدا دىننى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش، ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۆز ئارزۇسى ۋە خاھىشى بويىچە ھالال ۋە ھارام بەلگىلەش سالاھىيىتى بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئىسلام دىنىنى بۇرمىلىغانلىق، ئىچىنى كاۋاكلاشتۇرغانلىق، يىڭى بىر دىن ئىجاد قىلىغانلىقتىن ئىبارەتتۇر. بىلىشىمىز لازىمكى؛ ئۆزىنى قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ ئالدىغا قويۇپ، يىڭى بىر دىن ئىجاد قىلىشقا ئۇرۇنغانلار ۋە بۇلارغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ ماڭغانلار ئەسلىدە بىھۇدە بىر يولنىڭ يولچىلىرىدۇر. ھەقىقىي توغرا يول قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەتنىڭ باشلامچىقىدا ئىسلام مەرىپىتى ۋە مەدىنىيىتىنىڭ مول ئىلىم - ئىرپان مىراسى بىلەن بىرگە ھوزۇر ۋە پاكلىق ئىچىدە ياشاشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەزىزقېرىنداشلار! ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ توپتوغرا يولىدا، پەيغەمبەردىن باشقا گۇناھسىزلىق سۈپىتىگە ئىگە ھىچبىر شەخس يوقتۇر. بۇ توغرا يولدا پەيغەمبەرلەردىن باشقا ھىچقانداق كىشىنىڭ ئالاھىدە، تاللانغان ۋە خاتالاشمايدىغان كىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولمايدۇ. ھەرقانداق بىر كىشىنى سۆزلىرى، ئەسەرلىرى ۋە چۈشەنچىلىرى سەۋەبىدىن مۇقەددەستۈرىۋېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بۇ سىراتەل مۇستەقىمدە ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش نۇقتىسىدىن ھېچبىر مەۋجۇتلۇققا ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى مۇتلەق ئىتائەت ۋە بايلىنىشنىڭ دائىرىسى قۇرئان كەرىم ۋە سۈننەت تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئېتىقادىي پىرىنسىپتۇر.

   ئەزىزقېرىنداشلار! شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، ھەر بىر كىشى بۇ دۇنيادا قىلىغان ئەمەللىرى بىلەن ئاخىرەتتىكى ئاقىۋىتىنى ھازىرلايدۇ. ھىچ بىر كىشى مەسئۇلىيىتى ۋە ھىساپ كىتابىنى باشقىسىغا ئارتىپ قويالمايدۇ[6]. ئۇ ئۇلۇغ كۈندە بىرلا ئۈمىدىمىز سادىق ئىمانىمىز، سەمىمىي نىيىتىمىز، توغرا بىلىمىمىز، سالىھ ئەمەللىرىمىز، پاك قەلبىمىز بولىدۇ. بىرلا باش پاناھىمىز رەببىمىزنىڭ چەكسىز مەرھەمەتى بولىدۇ.

ئۇلۇغ رەببىمىز بىزنى ھەر دائىم مەسئۇلىيىتىنى تونۇغان، ھېساپ بىرىدىغانلىقىنى بىلىپ ياشايدىغان ۋە مەرھەمەتىگە ئىرىشىكەن بەندىلىرىدىن قىلسۇن. ئۇلۇغ رەببىمىز بىزنى بىر مىنۇت بولسىمۇ توغرا يولدىن ئايرىمىسۇن، مەھرۇم قىلمىسۇن. ئۇلۇغ رەببىمىز، قەممەتلىك دىنىمىزنى، ئىمانىمىزنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغانلارغا پۇرسەت بەرمىسۇن.

ئامىن...

 

 


[1]  - سۈرە تەۋبە31  - ئايەت

[2]  - بۇخارى

[3]  - سۈرە تەۋبە31  - ئايەت

[4]  - تىرمىزى، تەفسىرۇل قۇرئان،9، بەيھاقى، سۈنەنۇل كۈبرا 196

[5]  - مۇۋاتتا، قەدەر، 3

[6]  - ئىسرا سۈرىسى، 13-14



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر